2-نويابىر سائەت 15تىن 20 مىنۇتلا ئۆتكەندە، شەندۇڭ ئۆلكىسى لىنيى شەھىرى لەنلىڭ ناھىيەسىدىكى پېڭخۇي كانچىلىق چەكلىك شىركىتىدە گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، يەتتە كان ئىشچىسى قاپسىلىپ قالدى.
شۇ كۈنى سائەت 21 گىچە ئۈچ ئادەم قۇدۇقتىن ئېلىپ چىقىلدى، لېكىن ئۇلاردا ھاياتلىق ئالامىتى كۆرۈلمىدى. يەنە تۆت ئادەم قاپسىلىپ قالغان بولۇپ، قۇتقۇزۇش داۋاملىشىۋاتىدۇ.