سىتالىننى لېنىن تەربىيلىگەن تۇرسا،نېمىشقا لېنىننىڭ ئايالىنى زەھ

文摘   2024-11-16 23:20   中国  




پاسىبان سالۇنى تەرجىمىسى

  

ئەسلى تېما: سىتالىننى لېنىن تەربىيلىگەن تۇرۇپ، سىتالىن يەنە نېمىشقا لېنىننىڭ ئايالىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرىدۇ 

لېنىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئۇلۇغ رەھبىرى بولۇپ، ئۇ يىللاردىكى سوۋېت ئىتتىپاقى جۇڭگوغا ئانچە ئوخشىمايتتى، مىنگو دەۋرىدە كۆپ ساندىكى كىشىلەر يەنىلا مەجبۇرىي تويلاپ قويۇشنىڭ دەردىنى تارتقان، ئىدىيىسى ئىلغار نۇرغۇن شەخسلەر تويدىن كېيىن خوتۇنى بىلەن ئەپ ئۆتمىگەن، چۈنكى ئۇلارنىڭ خوتۇنىنىڭ مەدەنىيەت ئاساسى، ئىدىيىۋى ئاساسى بولمىغاچقا، ئەر ـ خوتۇنلار ئارىسىدا توسالغۇسىز پىكىر ئالماشتۇرۇش مۇمكىن بولمىغان، بۇنىڭ بىلەن بۇ كىشىلەر ئارىسىدا پەقەت ئەر ـ خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتلا ساقلىنىپ قالغان ئەمما ئەسلا مۇھەببەت يوق، لېكىن لېنىن بىلەن ئۇنىڭ ئايالى ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىيات ئىنتايىن چوڭقۇر، چۈنكى ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ھەم ئاشىق ـ مەشۇقلار مۇناسىۋىتى، ھەم ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بار، لېنىننىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئايالىنىڭ كۈچلۈك ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ.


لېنىن ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، ئۇنىڭ ئايالى ئىزچىل كاتىپ شەكلىدە ئۇنىڭ يېنىدا ئۇنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ كەلدى، لېنىننىڭ كۆپ قىسىم سۆزلىرى ئۇنىڭ ئايالىنىڭ قولى ئارقىلىق خاتىرىلەندى ۋە ئېلان قىلىندى، لېكىن لېنىن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئىز باسار ستالىن لېنىننىڭ ئايالىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈردى، بۇ نېمە ئۈچۈن؟

لېنىن تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە ستالىندىن نارازى بولغان نۇرغۇن جايلىرى بولسىمۇ، لېكىن ستالىن لېنىننىڭ ياردەمچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشتىن ـ ئاخىر لېنىن بىر قوللۇق يېتىشتۈرۈپ چىققان، قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، ۋاپاغا جاپا قىلىپ، لېنىننىڭ ئايالىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق.

ئاستىدىكى ئېلاننى بېسىپ قويۇڭ



ئەمەلىيەتتە ئاساسلىق سەۋەب مۇنداق. چۈنكى، لېنىن تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە ستالىننىڭ ئىش ـ ھەرىكەتلىرىنىڭ قوپاللىقىدىن ناھايىتى نارازى بولۇپ، دائىم ستالىننى تەنقىد قىلاتتى، ئەمما لېنىننىڭ ئايالى بىر كاتىپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئادەتتە بۇ لېنىننىڭ ستالىنغا بەرگەن باھاسىنىمۇ خاتىرىلەپ قوياتتى، ستالىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، لېنىننىڭ ئايالىنىڭ قولىدىكى بۇ خاتىرە ستالىنغا ناھايىتى پايدىسىز بولۇپ، ئۇ ئېلان قىلىشنى تاللىغان ھامان ئۇنداقتا ستالىننىڭ ئابرويى زور دەخلى ـ تەرۇزغا ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى رەھبەرلىك ئورنى تەۋرىنىپ قالىدۇ، شۇڭا ستالىن لېنىننىڭ ئايالىنى سىغدۇرالمايدۇ.

يەنە بىر مۇھىم سەۋەب شۇكى، لېنىن ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى ستالىننى ئورۇنباسار قىلىشنى ئويلاشمىغان، ستالىنغا قارىغاندا، يەنىلا مەرھۇم لېنىننىڭ سۆزلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىدا تېخىمۇ تەسىر كۈچكە ئىگە بولۇپ، لېنىن جان ئۈزۈش ئالدىدا ئۆزىنىڭ ستالىننى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ئويىنى ئىپادىلىگەن، بۇ نەرسىلەرنىمۇ لېنىننىڭ ئايالى خاتىرىلىۋالغان، شۇنىڭ بىلەن ستالىن قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ تەختكە چىققاندىن كېيىن، لېنىننىڭ ئايالى ستالىننىڭ قارشى تەرىپىدە تۇرۇپ، لېنىن ئۆلۈش ئالدىدا قىلغان تۈرلۈك سۆزلىرىنى ئېلان قىلىشنى پىلانلىغان بۇ ستالىنغا نىسبەتەن ئىنتايىن پايدىسىز، ئەگەر لېنىننىڭ خوتۇنىنى كۆزدىن يوقاتمىسا، ستالىن پۈتۈنلەي ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن ستالىن ئۆزىنىڭ سىياسىي مەنپەئىتى ئۈچۈن، كۆپ قىسىم دۈشمەن كۈچلەرنى تازىلاشتىن باش تارتمىدى، لېنىننىڭ خوتۇنىمۇ ستالىننىڭ پىلان دائىرىسىدە ئىدى شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ 70 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىدە، ئۇ ئەسلىدە لېنىننىڭ ستالىنغا بولغان قارىشىنى پۈتۈنلەي ئاشكارىلىماقچى بولغان، لېكىن ستالىن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بىر زەھەرلىك تورت بىلەن ئۇنىڭ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان.


 ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹🌹



saybag
你好。欢迎
 最新文章