قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىمىز! قەتئىي قارشى تۇرىمىز! جۇڭگو تەرەپ

文摘   2024-11-14 23:48   中国  

قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىمىز! قەتئىي قارشى تۇرىمىز! جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپنى دەرھال توختىتىشقا دەۋەت قىلىدۇ

10-ئاينىڭ 28-كۈنى، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودىكى كۆپلىگەن ئەمەلىي گەۋدىگە ئېكسپورتقا چەك قويۇش جازاسى يۈرگۈزگەنلىكى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: يېقىندا، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى جۇڭگودىكى كۆپلىگەن ئەمەلىي گەۋدىلەرنى «ئەمەلىي گەۋدە تىزىملىكى»، «دەلىللەنمىگەن تىزىملىك» قاتارلىق ئېكسپورتنى باشقۇرۇش جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

جاۋاب: جۇڭگو تەرەپ ئالاقىدار ئەھۋاللارغا دىققەت قىلدى. ئامېرىكا تەرەپ يېقىندا ئاتالمىش ھەربىي ئىشلارغا چېتىشلىق، ئىرانغا چېتىشلىق دېگەنلەرنى باھانە قىلىپ، جۇڭگودىكى ئالتە ئەمەلىي گەۋدىنى «ئەمەلىي گەۋدە تىزىملىكى»گە كىرگۈزدى ھەم جۇڭگودىكى ئۈچ ئەمەلىي گەۋدىنى «دەلىللەنمىگەن تىزىملىك»كە كىرگۈزدى. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرىدۇ، قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

ئۇزاقتىن بۇيان، ئامېرىكا تەرەپ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۇقۇمىنى كېڭەيتىپ، ئېكسپورتنى باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قالايمىقان قوللىنىپ، جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا دۆلەت كارخانىلىرىنى بېسىپ ۋە توسۇپ، كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، دۇنياۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى.

جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپنى خاتا ئۇسۇلىنى دەرھال توختىتىشقا ھەم زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ھەققانىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغداشقا دەۋەت قىلىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى


saybag
你好。欢迎
 最新文章