ئىستانسىمىز مۇخبىرىنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 26-ئۆكتەبىر سەھەردە ئىگىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى باشلىغان، ئىراننىڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسى ھۇجۇم نىشانلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى شۇ كۈنى سەھەردە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىراننىڭ يېقىندا ئىسرائىلىيەگە قىلغان ھۇجۇمىغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن ئىراننىڭ ھەربىي نىشانلىرىغا دەل زەربە بېرىۋاتىدۇ، دېدى.