سومالى دېڭىزقاراقچىلىرى نېمىشقا جۇڭگونىڭ يۈك پاراخوتى بۇلالمايدۇ

文摘   2024-11-14 23:48   中国  

پاسىبان سالۇنى تەرجىمىسى

   

سومالى دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ سېسىق نامى پۇر كەتكەن، نېمىشقا جۇڭگولۇق يۈك پاراخوتى بۇلانمايدۇ؟ دېڭىز قاراقچىلىرى: سومالى دېگەن دۆلەتنى ئادەم ئۇنتۇپ قالسا بولمايدۇ، بەلكىم كۆپچىلىك بۇنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن، لېكىن ھەممەيلەن سومالى دېڭىز قاراقچىلىرىنى چوقۇم بىلىدۇ،ئۇلار غالجىرلىشىپ ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتى بىلەن ئېتىشتى.  

ئەمما ئۇلار نېمە ئۈچۈن بارلىق دۆلەتلەرنىڭ پاراخوتلىرىنى بۇلايدۇ، پەقەت جۇڭگو پاراخوتلىرىغا چېقىلمايدۇ؟  سومالى ئافرىقىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان دۆلەت، ئۇ ھىندى ئوكيان، شىمالىي قىسىم رايونى قىزىل دېڭىز بىلەن قوشنا ھەمدە ئۇلار ئەدەن قولتۇقىدىن ئىبارەت ئالتۇن سۇ يولىغا ئىگە،

ئۇ سۇ يولىدا نۇرغۇن ئۆتۈۋاتقان يۈك پاراخوتلىرى بار.  دېڭىز بويىدا تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان كىشىلەر بۇ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان يۈك پاراخوتلىرىنى بۇلاپ تىرىكچىلىك قىلماقچى بولدى، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇلار دېڭىز قاراقچىسى بولۇپ قالدى.  ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ دۆلىتى ئەسلىدە بۇنداق ئەمەس ئىدى، باغچا 17-ئەسىردىن بۇرۇن، ئۇ يەر خۇشپۇراق ماتېرىياللار بىلەن تىرىكچىلىك قىلدىغان دۆلەت ئىدى، گەرچە دۆلەت ئانچە كۈچلۈك بولمىسىمۇ، لېكىن بىر قەدەر تىنچ ئىدى.  

تىنچلىق دەۋرى 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە داۋاملىشىپ، ئەنگلىيە، فرانسىيە باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى قورال كۈچى ئارقىلىق بۇ جاينى ئۆز ئىلكىگە ئالدى.  1960-يىلى، سومالى ئۆزىگە تەۋە دۆلەت قۇردى، گەرچە ئۇلارنىڭ ئىشغال قىلىنغان ۋاقتى ئانچە ئۇزۇن بولمىسىمۇ، لېكىن ئىشغال قىلىنغان مەزگىلدە ئۇ يەرگە ئىنتايىن قالايمىقان ۋەزىيەت قالدۇردى. 

ت 1991-يىلى، دۆلەت ئىچىدە مالىمانچىلىق رەسمىي پارتلىدى، ئۇزاق مۇددەت داۋام قىلغان مىلىتارىستلارنىڭ بۆلۈنمىچىلىكى دۆلەتنى نامراتلىقتا قالدۇردى، پۇقرالار تۇرمۇشىنى قامدىيالماي قالغان ئەھۋالدا، بۈگۈنكى كۈندە مۇشۇنداق ۋەزىيەت شەكىللەندى.  ئەمما ئۇلار ئىزچىل جۇڭگونىڭ يۈك پاراخوتىغا چېقىلمىدى، چۈنكى ئېلىمىزنىڭ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، جېڭ خې ئۇلارنىڭ يۇرتىغا بارغاندىن كېيىن، بىر قىسىم دېڭىزچىلارنى قالدۇرۇپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان، يەنە جېڭ خې كەنتى دەپ ئاتىلىدىغان كەنتنى قۇرغان، ئۇ يەردە جۇڭگونىڭ بىر قىسىم ئەۋلادلىرى بار ئىدى. 

ئۇنىڭدىن باشقا، دۆلىتىمىز ئۇلارغا ئەمەلىي ئىقتىسادىي ياردەم بەرگەن، ئۇلارنىڭ 6 مىليون يۈەنلىك ئۆسۈمسىز قەرز  ياردەم بەرگەن.  شۇڭا ئۇلار ئىزچىل مىننەتدار بولۇپ كەلدى، جۇڭگولۇقلارغا زىيانكەشلىك قىلماسلىق ئۇلارنىڭ ھېسداشلىقىغا ئايلاندى.  بۇمۇ شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، كىشىلەر مەيلى قانداق ئىش قىلسۇن، كۆڭلىدە ياخشى نىيەت بولۇشى، باشقىلار قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ياردەم بېرىشى كېرەك.  نېمىلا دېگەن بىلەن ھەممىلا ئادەم ۋاپاسىز بولۇپ قالمايدۇ، ھازىرقى جەمئىيەتتە تۇرۇۋاتقان كىشىلەر باشقىلارنىڭ ياردىمىگە موھتاج بولۇپ قېلىشى مۇمكىن،


 ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!


saybag
你好。欢迎
 最新文章