جۇڭگو تەرەپ: ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ ھەربىي ئالاقىسىگە قەتئىي قارشى تۇرۇش مەيدانىمىز ئىزچىل ھەم ئېنىق
جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن 10-ئاينىڭ 29-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تەيۋەن «دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى» ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن رەسمىي كېلىشىم ئىمزالاپ، تەيۋەن تەرەپنىڭ ئىككى شىركەتتىن ئۇچقۇچىسىز ھۇجۇمچى ئايروپىلان سېتىۋېلىشىغا رۇخسەت قىلغان. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟
لىن جيەن: تەيۋەن جۇڭگونىڭ بىر ئۆلكىسى، ھېچقانداق «دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى» مەۋجۇت ئەمەس. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ ھەربىي ئالاقىسىگە قەتئىي قارشى تۇرۇش مەيدانى ئىزچىل ھەم ئېنىق. سىز بايا تىلغا ئالغان ئامېرىكىنىڭ ئىككى كارخانىسى ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىق يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى جۇڭگو تەرىپىدىن جازالاندى.
مەنبە: خەلق تورى