يېقىندا ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى ئالما شىركىتىنىڭ مەبلەغ سېلىش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغانلىقى سەۋەبلىك، بۇ دۆلەتتە IPhone 16 سېتىشنى چەكلىدى.
ھىندونېزىيە سانائەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، ھىندونېزىيەگە بارغانلار IPhone 16 نى چېگرادىن ئېلىپ كىرسە بولىدىكەن، ئەمما ساتسا بولمايدىكەن.
8-ئايدىن 10-ئايغىچە، تەخمىنەن 9000 دانە IPhone 16 شەخسىي يۈك-تاق سۈپىتىدە ھىندونېزىيەگە كىرگۈزۈلگەن ھەمدە باج تاپشۇرۇلغان. ناۋادا بۇ يان تېلېفونلار ھىندونېزىيەدە سېتىلسا قانۇنسىزلىق ھېسابلىنىدىكەن.