تارىخچىلار
مەزمۇنلارنى قالايمىقان ئۆزگەرتىپ كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
تارىخچىلار سالونى تەرجىمىسى
گېتلىر تەختكە چىققاندىن كېيىن، گېرمانىيە نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىزلا ئارمىيەنى تەرتىپكە سېلىپ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىدۇ؟ ئىقتىسادى ۋەيران بولغان گېرمانىيەگە شۇنچە كۆپ پۇل نەدىن كېلگەن؟
پرۇسىيە گېرمانىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تاماملىغاندىن كېيىن، گېرمانىيە ياۋروپادىكى ھەتتا دۇنيادا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى. 1ـ دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، گېرمانىيە مۇتلەق ئاساسىي كۈچ سالاھىيىتى بىلەن، چاررۇسىيە، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق كونا كۈچلۈك دۆلەتلەر بىلەن تۆت يىل دېگۈدەك ئېلىشقان، بۇنىڭدىن گېرمانىيەنىڭ قۇدرەت تاپقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، 1ـ دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن مەسىلىلەر ئاخىرىدا گېرمانىيەنىڭ مەغلۇپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، گېرمانىيەمۇ بىر قاتار كىشەنگە پېتىپ قالدى، لېكىن، ئەينى چاغدىكى گېرمانىيە يەنىلا شەك ـ شۈبھىسىز چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىدى، گېرمانىيەنىڭ يەنىلا ئىنتايىن كۈچلۈك سانائەت، پەن ـ تېخنىكا ئاساسىغا ئىگە ئىدى.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇن گېرمانىيە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گېرمانىيەنىڭ كەڭ زېمىن كۆلىمى ۋە 80 مىليونغا يېتىدىغان نوپۇسىمۇ گېرمانىيەگە يەنە بىر قېتىم قەد كۆتۈرۈش غەيرىتى ئاتا قىلدى. چۈنكى، ئەينى چاغدا كۈچلۈك دۆلەتلەر توپلاشقان ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا دۇنيادىكى يەر كۆلىمى بىرىنچى چوڭ دۆلەت بولغان سوۋېت ئىتتىپاقىدىن باشقا دۆلەتلەر، جۈملىدىن كونا كۈچلۈك دۆلەتلەردىن بولغان ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيەنىڭ يەرلىك نوپۇسى گېرمانىيەنىڭكىدەك كۆپ ئەمەس ئىدى.
تېخىمۇ مۇھىمى، گەرچە 1ـ دۇنيا ئۇرۇشىدا قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن نېمىسلارنىڭ روھىي ھالىتى يەنىلا قىلچە پەسەيمىدى، ئەكسىچە، 1ـ دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تۈرلۈك يوللار بىلەن باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان نېمىسلار يېڭىلگىنىگە قەتىي تەن بەرمىدى، نۇرغۇن نېمىسلار ھەتتا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيەنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى قەتىي ئېتىراپ قىلمىدى. ھالبۇكى، بۇ گېرمانىيەلىكلەر ئەسلىدىنلا ياخشى مائارىپ ۋە يۇقىرى ساپاغا ئىگە، بۇ ساپاسى ئىنتايىن يۇقىرى، سانىمۇ ئىنتايىن كۆپ ئىختىساسلىقلار قوشۇنى گېرمانىيەنىڭ يەنە بىر قېتىم باش كۆتۈرۈشىدىكى ئەڭ چوڭ يۆلەنچۈك ھېسابلىنىدۇ.
گىتلېر ئىقتىسادىي كىرىزىستىن پايدىلىنىپ تەختكە چىققاندىن كېيىن ئېرىشكىنى بولسا دەل مۇشۇنداق سىرىتقى كۆرۈنۈشىدىن قارىماققا ئىقتىسادى كاساتلىشىپ سانائىتى ۋەيران بولغان، ئەمما ئىچكى جەھەتتىن مىسلىسىز ئاساسقا ئىگە چوڭ دۆلەت ئىدى . گېتلىرنىڭ تەختكە چىقىشى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى روزۋېلىتنىڭ ۋاقتى بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ، ئىككىسىنىڭ ھەتتا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەدبىرلىرىمۇ ئوخشىشىپ كېتىدۇ. گېتلىر تەختكە چىقىپلا، ھەربىي ھازىرلىقلارنى كۈچەيتىشتىن باشقا، ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىنى باشلىغان. ئىقتىسادىي كىرىزىستىن كېيىنكى كاساتچىلىققا ئۇچرىغان گېرمانىيەدە گىتلېر ئىشلەپچىقىرىشنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ۋە ئىشسىزلىقنى ئازايتىشقا باشلىدى.
گېتلىر
گىتلېر تەختكە چىققان دەسلەپكى مەزگىلدە، گېرمانىيەدە 8 مىليوندىن ئارتۇق ئىشسىز نوپۇس بار ئىدى، گىتلېر ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىنكى 4ـ يىلى، گېرمانىيەدىكى ئىشسىز نوپۇس ئەسلىدىكى 8مىلىيۇندىن 1 مىليونغا ئازايدى، گېرمانىيەنىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بىراقلا 102% ئاشتى، مىللىي دارامەتمۇ ھەسسىلەپ ئاشتى. 2ـ دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغان دەسلەپكى مەزگىلگە كەلگەندە، گېرمانىيە ئىشسىزلىق نىسبىتى نۆل بولۇشتەك تارىخى مۆجىزىنى يارىتىپ مىللى ئىشلەپ چىقىرىش ئومومىي قىممىتى دۇنيا بويىنچە بىرىنجى ئورۇنغا ئۆتتى. بۇنىڭدىن كۆرۋېلىشقا بولىدىكى گىتلېر بىر ئۇرۇش تەلۋىسى بوپلا قالماي يەنە بىر ئىقتىسادشۇناس بولۇشقا مۇناسىپ.
گېرمانىيە ئىقتىسادىنىڭ ھەقىقىي گۈللىنىش ئاساسى بولسا گىتلېر ئەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان ھەربىي ھازىرلىق. گىتلېر نۇرغۇن زېھنى كۈچى ۋە بايلىقىنى ھەربىي ھازىرلىقلارنى تەرتىپكە سېلىش جەھەتكە مايىللاشتۇرۇشقا باشلىدى. غايەت زور ھەربىي ھازىرلىقلارنى تەتقىق قىلىپ ياساش ۋە ئىشلەپچىقىرىش گېرمانىيە ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلىدى، شۇنداقلا گېرمانىيەنىڭ ھەربىي ھازىرلىقلارنى كېڭەيتىشىنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇردى. شۇڭا، گېرمانىيەنىڭ ئىقتىسادى ھەتتا ئۇرۇش ئىقتىسادى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
گېرمانىيەلىكلەرنىڭ گېتلىرنى تەلۋىلەرچە قوللىشى دەل گېتلىر ياراتقان ئىقتىسادىي مۆجىزىنىڭ پايدىسىدىن بولغان، گەرچە ئۇنىڭ ماھىيىتى پەقەتلا ئۇرۇش ئىقتىسادى بولسىمۇ، لېكىن، ئۇ يەنىلا گېرمانىيە ئىقتىسادىنى ئىقتىسادىي كرىزىس پاتقىقىدىن قۇتۇلدۇرغان، نۇرغۇن گېرمانىيەلىكلەرنى ئۆلۈم يولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ ئۇلارنى ياشاش بوشلىقىغا نۇرغۇن بايلىققا ئىگە قىلغان. بىر سەكرەپلا ئەينى چاغدىكى دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندى، گېرمانىيەنىڭ ئىقتىسادى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى، دۆلەتمۇ تەبىئىيلا كىرىم جەھەتتە بىراقلا ئاشتى. گېرمانىيە خەلقىنىڭ قوللىشى ۋە ئارقا ـ ئارقىدىن شىددەت بىلەن ئاشقان كىرىمىگە تايىنىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇرۇش ھەربىي ھازىرلىقلىرىنى كۈچىنىڭ بارىچە قوللاش ئارقىسىدا، گېرمانىيە ئارمىيىسى جىددىي كېڭەيمىچىلىك قىلىدىغان ئىقتىسادىي بازىسقا ئىگە بولۇشقا باشلىدى.
ئاخىرىدا، گېرمانىيە نەچچە مىليون كىشىلىك دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ قوشۇن بولۇپ تەشكىللەندى ھەمدە ئەڭ ئاخىرىدا گىتلېر تەرىپىدىن ئۇرۇش گىردابىغا ئېلىپ بېرىلدى.گېرمانىيە گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن تۇيۇقسىز پۇلدار بولۇپ كەتكەن ئەمەس، گىتلېرنىڭ ھەربىي ھازىرلىقلارنى كېڭەيتىش پۇلى ئاسماندىن چۈشۈپ قالغانمۇ ئەمەس. گېرمانىيە ئەسلىدىنلا ئىنتايىن كۈچلۈك ئىقتىساد، پەن ـ تېخنىكا ۋە ھەربىي ئاساسقا ئىگە، ئەلۋەتتە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گىتلېرنىڭ بىر قاتار ئىقتىسادىي مۆجىزە دەپ ئاتالغان ئىسلاھاتلىرىنىڭمۇ گېرمانىيەنى قۇدىرەت تاپقۇزۇشتا زور پايدىسى بولدى.