2023-يىلى ئاۋغۇستنىڭ مەلۇم بىر كۈنى تۆت ياشلىق ۋاڭ زەي مەھەللىدە ئويناۋاتقاندا بەختكە قارشى بىر يۈك ئاپتوموبىلى ئۇنىڭ بېلىدىن بېسىپ ئۆتۈپ كېتىپ، داس سۆڭىكى ئاساسەن پارچىلىنىپ، قان تومۇرلىرى ئۈزۈلۈپ سىرتقا چىقىپ قالغان.
لەختە-لەختە قان بولۇپ كەتكەن ۋاڭ زەي جېجياڭ داشۆسى قارمىقىدىكى 4-دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئېلىپ كېلىنگەن.
دوختۇرلار قايتا-قايتا مۇزاكىرىلىشىش ئارقىلىق، «ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر جاننى ھەم پۇتنى ساقلاپ قېلىش» نىيىتىگە كەلگەن.
ئون نەچچە سائەت كۈرەش قىلىش ئارقىلىق دوختۇرلار ۋاڭ زەينى قۇتقۇزۇۋالغان.
بۇ يىل ئاۋغۇستنىڭ بېشىدا، ۋاڭ زەي دوختۇرخانىدىن چىقىپ يۇرتىغا قايتىپ يەسلىگە كىردى.