بۇنداق تور چولپانلىرىغا يەنە ئىشەنگىلى بولامدۇ؟

文摘   2024-11-18 23:47   中国  

بۇ يىل ئاپرېلدا «تىرىشىپ ياشاۋاتقان شياۋ شياۋ» نامىدىكى بلوگ ئىگىسى ۋىدېيو ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ يىل 18 ياشقا كىرگەنلىكىنى، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئ‍ۇنى تاشلىۋەتكەنلىكىنى ئېيتقان. ۋىدېيودا ئۇ تورداشلىرىنى تاغا-ھەدە، بوۋا-موما دەپ ئاتاپ، ئۆزىنى باققان ئانىسىنىڭ روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىنى، بېقىۋالغان دادىسىنىڭ تۆلەم پۇلىنى تارتىۋالغانلىقىنى ھەمدە ئائىلىسىنى بېقىشنى رەت قىلغانلىقىنى ئېيتقاندىن سىرت، ھەتتا نۇرغۇن ئەھۋاللارنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، بىچارە ھالەتكە كىرىۋېلىپ، باشقىلارنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغاپ، ئەگەشكۈچى توپلىغان. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ توردا بىۋاستە كۆرسىتىپ مال سېتىشقا باشلىغان.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق شياۋ شياۋنىڭ ئىسمىنىڭ شياۋ فامىلىلىك ئىكەنلىكى، بۇ يىل 29 ياشقا كىرگەنلىكى، ۋىدېيودىكى بېقىۋالغان ئاتا-ئانىسىنىڭ رولىنى ئۆز ئاتا-ئانىسى ئالغانلىقى، ئۇ بايان قىلغان كەچۈرمىشلەرنىڭ ئويدۇرۇپ چىقىرىلغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە «تىرىشىپ ياشاۋاتقان شياۋ  شياۋ» ناملىق نومۇر پېچەتلەنگەن بولسىمۇ، ئىگىلىنىشچە، «شياۋ شياۋ»دەك بىچارە قىياپەتكە كىرىۋېلىپ باشقىلارنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغايدىغان ۋىدېيو يەنىلا تارقىلىۋاتقان ئىكەن.


saybag
你好。欢迎
 最新文章