ئىران مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئىنكاس قايتۇرۇش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئىران قوراللىق قىسىم باش ئىشتابى شۇ كۈنى يۈز بەرگەن ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئىراننىڭ مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئىنكاس قايتۇرۇشتەك قانۇنلۇق، يوللۇق ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇقتۇرۇشتا، ئىسرائىلىيە كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەردە خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ھوقۇق بېرىشى بىلەن، ئىران چېگراسىدىن 100 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئىراق چېگراسى ئىچىدىن ئىراننىڭ ئىلام ئۆلكىسى، خۇزىستان ئۆلكىسى ۋە پايتەختى تېھران ئەتراپىدىكى رادارغا يىراق مۇساپىلىك ھاۋادىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى، ئىراننىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرغاچقا، كەلتۈرۈپ چىقارغان «زىيان چەكلىك ھەم تەسىرى بىرقەدەر كىچىك» بولدى، نۇرغۇن رادار سىستېمىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى، ھازىر رېمونت قىلىنىۋاتىدۇ، دېيىلدى.
ئۇقتۇرۇشتا، ئىران ھاۋا مۇداپىئە كۈچلىرىنىڭ ھوشيارلىقىدا، زور مىقداردىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىز قوغلاپ توسۇۋېلىندى ھەمدە دۈشمەن ئايروپىلانىنىڭ ئىران ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرىشى توسۇپ قېلىندى، دەپ كۆرسىتىلدى.
ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئاراغچى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچتە ئىران ئالىي رەھبىرى ئىشخانىسى ئورگان تور بېكىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئىران ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە خەلقىنى قوغداش جەھەتتە ھېچقانداق چەك بەلگىلىمەيدۇ. ئىراننىڭ ئۆزىنى قوغداش، ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان چەت ئەل كۈچلىرىگە قايتۇرما ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى بار، دېدى.
بېكىتكۈچى: ئابلىمىت بارى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز