بالىياتقۇ ئاياللارغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇقەددەس بىر مەۋجۇدىيەت، چۈنكى ئۇ ھاياتلىقنى ئاپىرىدە قىلىدۇ. جۇڭگو تېبابىتىدە بالىياتقۇ قۇۋۋەت ۋە قاننىڭ توشۇلۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەگەر بالىياتقۇ زەخىملەنسە، بەدەن ساپاسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
ھەر خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، دۆلىتىمىزدە بالىياتقۇنى سوغۇق قاپلاپ كەتكەن ئاياللارنىڭ نىسبىتى خېلى يۇقىرى بولۇپ ھەتتا% 75 كە يېتىدۇ، بۇ كەڭ ئاياللارغا ئۆزىنىڭ ئىزچىل خاتا ئۇسۇلى ۋە ھەر خىل ناچار ئادەتلىرىنى تونۇتىدۇ.
تۆۋەندە قىزلاردا نېمە ئۈچۈن بالىياتقۇنى سوغۇق قاپلاشنىڭ پەيدا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا توختىلىمىز.
01
ئەگەر ئېغىزدا بۇ ئۈچ خىل ئىپادە بولسا،بالياتقۇنى سوغۇق قاپلاپ كەتكەن بولىدۇ
1. كالپۇكى كۆكىرىپ كېتىش
بالىياتقۇ سوۋۇپ كەتسە، ئەتراپ قاننىڭ ئېقىم مىقدارى ئازىيىپ، بەدەندە قان ئۇيۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بولۇپمۇ كالپۇك قىسمىدىكى قان ۋە ئوزۇقلۇق تارماقلىرى ۋاقتىدا تەمىنلەنمەي، كالپۇكنىڭ رەڭگى كۆكىرىپ، يۈز قىسمى قارىداش، تېرە رەڭگى ناچارلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. ئىغىز ئەتراپىغا كىچىك بۇرۇت چىقىش
بۇرۇت تىلغا ئىلىنسا كىشىلەر چوقۇم ئەرلەرنى ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ساقال-بۇرۇت ئەرلەرگىلا خاس ئەمەس، بىر ئايالنىڭ ئانىلىق ھورمۇنىنىڭ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ، ئەرلىك ھورمۇنىنىڭ سەۋىيەسى ئۆرلىگەندە، ئېغىزىنىڭ ئەتراپىغا بۇرۇت چىقىدۇ.
تۈك خالتىسى قەۋىتى ئەرلىك ھورمۇنغا تېخىمۇ سەزگۈر بولغاچقا، ئاياللاردا ئەرلىك ھورمۇن كۈچىيىپ كەتكەندە مۇشۇنداق ئەھۋال كۆرۈلىدۇ، ئانىلىق ھورمۇننىڭ ئاجرىلىشىنىڭ تۆۋەنلىشى ناھايىتى زور دەرىجىدە بالىياتقۇنىڭ سوۋۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بۇنداق نورمالسىزلىق كۆرۈلسە، بالدۇرراق دوختۇرغا كۆرۈنۈپ سەۋەبىنى ئېنىقلاش كېرەك.
3. كالپۇكى يېرىلىپ كېتىش
بەزى ئاياللار كالپۇك قۇرغاقلىشىش ۋە يىرىلىشنى سۇ ئىچىش بەك ئاز بولۇش ياكى سۇ كەمچىل بولۇش بەدەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇلار بۇنىڭ بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. ئەگەر كالپۇكى دائىم يېرىلىپ كەتسە، مېتابولىزمنىڭ ئاستا بولىدىغانلىقىنى ياكى بالىياتقۇنى سوغۇق قاپلاپ كىتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
02
بالىياتقۇنى سوغۇق قاپلاپ كەتكەن بولسا قانداق تەڭشەش كېرەك؟
1. كۈندىلىك قۇۋۋەت تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
ھەر كۈنى بالىياتقۇنى تەڭشەش، يېمەك-ئىچمەككە كۆپرەك دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. مەسىلەن، چىلان، يەر ياڭىقى ۋە توخۇ گۆشى قاتارلىقلار. شورپا ئىچىش بەدەن قىزىتىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى، ئەگەر شارائىت يار بەرسە ھەر كۈنى شورپا قاينىتىپ، شورپا ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.
2. پۇتنى چىلاش
پۇتتا نۇرغۇن پەللىلەر بولۇپ، دائىم ئىسسىق سۇ بىلەن پۇتنى چىلىغاندا، پۈتۈن بەدەندىكى قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، بەدەندىكى ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاپ، بالىياتقۇنى سوغۇق قاپلاش مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.
3. ھەرىكەت
مۇۋاپىق ھەرىكەت بالىياتقۇنى قىزىتىپ بەدەن سۈپىتىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق. ھەرىكەت جەريانىدا پۈتۈن بەدەن قىزىغاندا، پۈتۈن بەدەندىكى قان ئايلىنىش ئالاھىدە ياخشى بولۇپ، ھەر خىل ھورمۇنلارنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىمۇ ئېشىپ، بالىياتقۇغا ياردەم بېرىدىغان ھورمۇنلارمۇ كۆپىيىدۇ، بۇ بالىياتقۇنى ئىسسىق ساقلاشقا پايدىلىق.
4. ئەمەن بىلەن داغلاش
بۇ جۇڭيى تېبابىتىدە دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئۇسۇل. شېنچۆ، بەيخۇي قاتارلىق پەللىلەر جىڭلودىكى نورمالسىزلىقنى تەڭشەپ، بالىياتقۇنى ئىللىتىپ، سوغۇقنى ھەيدەيدۇ. ياكى ھەر كۈنى چىخەي (كىندىكنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى 1.5 دىيۇملۇق) ۋە گۇەنيۈەن (كىندىكنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى 3 دىيۇملۇق) پەللىنى 30 مىنۇت داغلاپ بەرسىمۇ ئۈنۈمى بولىدۇ.
ئەڭ ئاخىرىدا ئاياللارغا شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ۋە يېمەك-ئىچمەك ئادىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئىمكان بار ياخشى ئۇخلاش ئادىتىنى ساقلاش ھەمدە ھەر كۈنلۈك چېنىقىشنى كۈچەيتىش كېرەك، بۇ بالىياتقۇنى سوغۇق قاپلاش ئەھۋالىنى يەنىمۇ ياخشىلاشقا پايدىلىق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۆرەلمىنىڭ كۆپىيىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.