ئادەم ئوتتۇرا ياشقا بارغاندا، سالامەتلىكىدە ھەر خىل مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ، بىراق دوختۇرخانىغا بارغۇسى كەلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بەزى ئاغرىقلار بەدەندىكى ئەزالار بىلەن مۇناسىۋەتلىك، تۆۋەندە بىز قايسى ئورۇننىڭ ئاغرىشىنىڭ قايسى ئەزا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى .1. يۈرەك : - يۈرەكتە مەسىلە بار كىشىلەر تۇيۇقسىز كۆكرىكى ئاغرىپ ، ئاغرىق سول بىلىكى ، تاغاق سۆڭىكى، بويۇن قىسمىغا كېڭىيىدۇ.2. بۆرەك : - كىشىلەر دائىم دۈمبە ئاغرىش بىلەن بۆرەك مەسىلىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويىدۇ . بۆرەكتىن چاتاق چىققاندا ، قوۋۇرغا ئاستىدىن چوڭقۇر ئاغرىق كېلىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ ، بۇ خىل ئاغرىق پۇت قىسمىغىچە كېڭىيىدۇ ، ئەگەر دۈمبە ئاغرىسا ، مۇسكۇل ئاغرىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ ، ئاغرىق ئانچە چوڭقۇر بولمايدۇ .3. ئىنچىكە ئۈچەي:- ئىنچىكە ئۈچەيدىن چاتاق چىقسا ، كىندىكنىڭ ئەتراپى ئاغرىيدۇ . ئەگەر بەلنى ئەگكەندە ياكى يول ماڭغاندا بۇ رايوننىڭ تۇيۇقسىز ئاغرىپ ئاغرىقى توختىمىسا ، چوقۇم دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك .4. چوڭ ئۈچەي : - قورساقنىڭ ئوڭ تەرەپ تۆۋەنكى قىسمى ئاغرىسا، چوڭ ئۈچەيدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولۇشى مۇمكىن ، چوڭ ئۈچەيدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى يەنە قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .5. ئۆپكە : - ئۆپكىدە نېرۋا ئۇچلىرى بولمىغاچقا، ئاغرىقنى ھېس قىلغىلى بولمايدۇ، ئەمما ئۆپكىدىن چاتاق چىقسا، مەيدە بىلىنەر ـ بىلىنمەس ئاغرىيدۇ، يەنە يۆتىلىدۇ، نەپەس قىيىنلىشىدۇ.6. سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ( سۇقۇر ئۈچەي ) : - سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغلانسا ، قورساقنىڭ ئوڭ تەرەپ تۆۋەنكى قىسمى ئاغرىيدۇ، بۇ خىل ئاغرىق يەنە ئاشقازان ، ئوڭ پۇتقىچە كېڭىيىدۇ . ئەگەر بۇ رايون ئاغرىسا، يەنە كۆڭلى ئېلىشىش ، قۇسۇش ، قىزىش ، قەۋزىيەت، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە ، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك .7. ئاشقازان : - ئاشقازاندا مەسىلە كۆرۈلسە، ئوتتۇرا قورساق ئاغرىيدۇ، دۈمبە قىسمى ئوخشاش بىر ئورۇن ئاغرىيدۇ. ئاشقازان، قىزىلئۆڭگەچتە پەيدا بولغان ئاغرىق دائىم يۈرەك پەيدا قىلغان ئاغرىق بىلەن ئارىلىشىپ كېتىدۇ، ئەڭ ياخشىسى دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.8. ئۆت خالتىسى ۋە جىگەر : - بۇ ئەزالاردىن مەسىلە چىقسا قورساقنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستى ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دۈمبە تەرىپىمۇ ئوخشاش بىر جايدا ئاغرىيدۇ. جىگەردە مەسىلە كۆرۈلسە، يەنە سېرىقلىق چۈشۈش، ئېغىزدا چۈچۈمەل تەم پەيدا بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.9. ئاشقازان ئاستى بېزى : - قورساقنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى ئاغرىسا، ئاشقازان ئاستى بېزى مەسىلىسى بولۇشى مۇمكىن، بۇ يەنە ئاشقازان ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تاماقتىن كېيىن، ياتقاندىن كېيىن ئاغرىق ئېغىرلىشىدۇ، ئاشقازان ئاستى بېزى كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولسا ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك. بۇ كىچىك بىلىملەر بىزنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا دەسلەپكى قەدەمدە ھۆكۈم قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ، بۇنى مۇتلەق ئۆلچەم قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ. ئەگەر يۇقارقى ئورۇنلاردا بىئاراملىق كۆرۈلسە يەنىلا ۋاختىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈڭ. ھەممە ئادەم قەرەللىك ھالدا سالامەتلىك تەكشۈرتۈشى كېرەك، دۇنيادا ساغلاملىقتىنمۇ مۇھىم نەرسە قالمىدى! تەن ساقلىق مول بايلىق.يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ
بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز