كۆپىنچە مېۋىلەرنىڭ تالا تەركىبىدە پېكتىن ماددىسى بار بولۇپ، بەدەن ئېھتىياجلىق بولغان سۇمىقدارى يىتەرلىك بۇلۇپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ. پېكتىن ۋە تالا تەركىبى كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى توكسىنلارنى سۈمۈرۈپ، بەدەننىڭ مېتابولىزم ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، تېرىنى يۇمران ۋە پارقىراق قىلىدۇ. مېۋە تەركىبىدىكى ۋىتامىننىڭ زەھەر تازىلاش جەھەتتە رولىغا سەل قارىغىلى بولمايدۇ.
1. گىلاس- گىلاسنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى توكسىن ۋە پاكىز بولمىغان بەدەن سۇيۇقلۇقىنى چىقىرىپ تاشلاش رولى بار بۇلۇپ،
بۆرەكنىڭ زەھەر تازىلىشىغا نىسبەتەن قوشۇمچە رولى بار ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولىمۇ بار ئىكەن.
2. ئۈزۈم- ئۈزۈم ئۈچەي دىۋارىدىكى شىلىمشىق سۇيۇقلۇقنىڭ تۈزۈلۈشىگە ياردەم بىرىپ، جىگەر، ئۈچەي، ئاشقازان، بۆرەكنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى ئەخلەتلەرنى تازىلىشىغا پايدىلىق ئىكەن.
3. بۆلجۈرگەن- بۆلجۈرگەننىڭ سەل قاراشقا بولمايدىغان زەھەرنى ھەيدەش رولى بار بۇلۇپ، ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەركىبىدە ۋىتامىن C بار. تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇلىدا، بۆلجۈرگەن ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرىنى تازىلاپ، جىگەرنى كۈچلەندۈرىدۇ.
4. لىمون- لىمون تەركىبىدە فلاۋون گلۇكوزىدا بار بولۇپ، كۆپ خىل كېسەللىك قوزغاتقۇچى باكتېرىيەلەرنى ئۆلتۈرۈپ، جىگەردىكى ئېنىزىم مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق، بەدەندە يىغىلىپ قالغان ئارىلاشما ماددىلار ۋە توكسىنلارنى تازىلاپ، جىگەرنىىڭ يۈكىنى يىنىكلىتىشكە پايدىلىق ئىكەن.
5. ئالما- سەمرىپ كېتىشتىن قورقسىڭىز ئالما يەڭ، ئالمىدا مول يېمەكلىك تالاسىدىن باشقا، ئالما تەركىبىدىكى بىرىكتۈرگەن گالاكتۇرونىك كىسلاتا زەھەر ھەيدەشكە ناھايىتى پايدىلىق. مېۋە يېلىمى يېمەكلىكلەرنىڭ ئۈچەي ئىچىدە چىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئىكەن.
6. چوڭ ئاپېلسىن- چوڭ ئاپېلسىن تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن C بۇلۇپ، تەركىبىدىكى يېمەكلىك تالاسى، ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئۈچەينى تازلايدۇ، شۇنداقلا خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىپ، ئاشقازان ۋە ئۈچەينى ياخشىلاپ، ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
7. تاۋۇز- تاۋۇز ئىسسىقنى ياندۇرۇپ زەھەرنى قايتۇرۇش، ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىش، كۆپ تەرلەش، ئۇسساش، كىچىك تەرىتى سېرىق كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى ياخشىلىغاندىن سىرت، يەنە جىگەر، بۆرەك قاتارلىق ئىچكى ئەزالارنىڭ زەھىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ، مەلۇم دەرىجىدە مەسلىكنى يېشىدۇ.
8. بانان- بانان تەركىبىدە تەبىئىي ئانتىبىئوتىكلار بولۇپ، باكتېرىيىلەرنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەپ، چوڭ ئۈچەيدىكى سۈت كىسلاتا تاياقچە باكتېرىيىسىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ، بەدەندىكى زەھەرنى ھەيدەيدۇ.
9. ئاناناس- ئاناناس تەركىبىدە ئاقسىل فېرمېنتى مول بولۇپ، ئۈچەيدىكى چىرىگەن ماددىلارنى پارچىلايدۇ
ھەمدە تەركىبىدىكى مول تالالار، ئۈچەيدىكى زەھەرلىك ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاپ، قەۋزىيەتنى ياخشىلاشتا ئۆزگىچە داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە. لىكىن بىر قېتىمدىلا كۆپ يىمەسلىك كېرەك.
10. چىلان- چىلان بەزى دورىلارنىڭ غىدىقلاشچانلىقى ۋە زەھىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ، يەنە ھەرخىل دورىلارنى تەڭشەيدۇ، شۇنداقلا زەھەر تازىلاش ئۈنۈمىگە ئىگە ياخشى مېۋە ھېساپلىنىدۇ.
يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ
بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز