ياڭيۇ تاماق ئۈستىلىمىزدە كەم بولسا بولمايدىغان بىر خىل كۆكتات، ئۇ يەنە پۈتۈن دۇنيا خەلقى ياخشى كۆرىدىغان ئېسىل تائام.
ب د ت نىڭ يېقىنقى بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2100-يىلىغا بارغاندا دۇنيا نوپۇسى 10 مىليارد 500 مىليونغا يېتىپ، ئاشلىق كىرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.
بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىچە، شۇ چاغقا بارغاندا، ئىنسانلارنىڭ كرىزىستىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىشى مۇمكىنچىلىكى ئەڭ يۇقىرى بولغان يېمەكلىك دەل بىز كۈندە كۆرۈپ تۇرىدىغان ياڭيۇ ئىكەن.
ياڭيۇ بۈگۈنكى كۈندە ئوزۇقلۇقشۇناسلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن كۆكتات چولپىنىغا ئايلىنىپ، دۇنيادىكى ئەڭ ساغلام يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى دەپ قارالماقتا.
بىز ياڭيۇنى كۈندە دىگۈدەك يەيمىز، لېكىن سىز بىلەمسىز؟ ياڭيۇ ئەڭ ياخشى« دورا» ، مۇھىمى سىزنىڭ قانداق يېيىشىڭىزگە باغلىق.
01
ياڭيۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى گۆھەر
ياڭيۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى گۆھەر. ئەنگىلىيەلىك ئىككى ئوزۇقلۇق مۇتەخەسىسى ھەر كۈنى ئىككى قېتىم ياڭيۇ پىشۇرۇپ يىيىش ئارقىلىق بېسىمنى يېنىكلىتىشنى تەۋسىيە قىلدى. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ياڭيۇنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل ئوزۇقلۇق ئەۋزەللىكى بار.
1. ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى: « ئىككىنچى بولكا» دېگەن چىرايلىق نامى بار.
ياڭيۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، تەركىبىدە مول ۋىتامىن A ۋىتامىن C ۋە مىنېرال ماددىلار بار، ئەلا سۈپەتلىك كراخمال مىقدارى تەخمىنەن% 5. 16بولۇپ، يەنە كۆپ مىقداردا لىگنىن قاتارلىقلارمۇ بار.
ياڭيۇ تىپىك تۆۋەن ئېنېرگىيەلىك يېمەكلىك بولۇپ، « ئىككىنچى بولكا» دېگەن چىرايلىق نامى بار.
2. تەركىبىدە كۆپ خىل ۋىتامىنلار بار: يۈرەك قان تومۇرلارنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق.
ياڭيۇنىڭ تەركىبىدە ھەر خىل ۋىتامىنلار مول بولۇپ، مىقدارى ھەتتا يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتات بىلەن ئوخشاش. بولۇپمۇ ۋىتامىن C ۋە B تۈردىكى ۋىتامىنلارنىڭ مىقدارى بىرقەدەر يۇقىرى، بۇنىڭ ئىچىدە ئالدىنقىسى بىر خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددا بولۇپ، بەدەننى ئەركىن رادىكاللارنىڭ تەھدىتىدىن ساقلايدۇ، كېيىنكىسى يۈرەك، قان تومۇرلارنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق.
3. تەركىبىدە كالىي تۇزى مول بولۇپ، مېڭە سەكتىسىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
ھەر 100 گىرام ياڭيۇنىڭ تەركىبىدە 300 مىللىگرامدىن ئارتۇق كالىي بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىمى ۋە يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمىگە ئىگە، شۇڭا ياڭيۇنى «يەر ئاستى ئالمىسى» دەپ تەرىپلەيدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ھەر كۈنى ئوتتۇرىھال چوڭلۇقتىكى ياڭيۇدىن بىرنى (تەخمىنەن 130 گىرام) يېيىشنى داۋاملاشتۇرغاندا، مېڭە سەكتىسىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى% 40 تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.
4. مول بولغان پولىفېنول تۈرىدىكىلەر: راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش
دەسلەپكى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ياڭيۇ سۈت بېزى راكىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالالايدىكەن ھەمدە راكنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئۇنىۋېرسال داۋالاشتا ئاكتىپ رول ئوينايدىكەن.
ياڭيۇ تەركىبىدە پولىفېنول تۈرىدىكى ماددىلار بولۇپ، راكقا قارشى تۇرۇش، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى بار.
5. ناھايىتى ياخشى قۇۋۋەت تولۇقلايدىغان يېمەكلىك
جۇڭگو تىبابىتى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ياڭيۇ ناھايىتى ياخشى قۇۋۋەت تولۇقلايدىغان يېمەكلىك. تالنى ساغلاملاشتۇرۇش، قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇش، ئاشقازاننى ياخشىلاش، مىجەزنى تەڭشەش، ئورۇقلىتىش، ياغ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق رولى بار، ئاسانلا ماغدۇرسىزلىنىدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ناھايىتى ياخشى تەڭشەش رولى بار.
ياڭيۇنى پۇقرالار مېھرىگىياھى دەپ ئاتاشقا بولىدۇ، ئۇنى يېيىش ئارقىلىق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ، ئەمما يېيىش ئۇسۇلى ئىنتايىن مۇھىم.
02
ياڭيۇنى كېسەلگە قاراپ يىيىش ئۇسۇلى
1. قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش __ خام ياڭيۇدىن شەربەت چىقىرىپ ئىچىش
ئۇسۇلى: بەرەڭگىنى پوستىنى سويۇۋېتىپ پاكىز يۇيۇپ، ئىزىش ماشىنىسى بىلەن ئېزىپ شەربەت قىلىش. ئاندىن شەخسىي تەمىگە ئاساسەن قېتىق، شېكەر، ھەسەل قاتارلىقلارنى قوشۇپ ئىچىشكە بولىدۇ.
نۇرغۇن كىشىلەر ياڭيۇنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر خىل «بېسىم تۆۋەنلىتىش دورىسى» ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.
ياڭيۇ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا مىنېرال ماددا B تۈردىكى ۋىتامىن ۋە كالىي بولۇپ، بېسىمنى كونترول قىلىش، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق، يەنە قان تومۇرنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ساقلاشقا، ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق، بۇلارنىڭ ھەممىسى قان بېسىمنى تىزگىنلەشنىڭ ئىشەنچلىك كاپالىتىدۇر.
2. قان شېكىرىنى تۇراقلاشتۇرۇش-ھوردا پىشۇرۇپ يىيىش
ئۇسۇلى: ياڭيۇنى دۈملەپ پىشۇرۇپ يېسە، ياڭيۇنىڭ ماي سۈمۈرۈشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، ئادەتتە 10 مىنۇت ئەتراپىدا دۈملەپ پىشۇرۇپ، ئاندىن بىۋاسىتە ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.
ئامال بار دورا-دەرمەكلەرنى قالايمىقان قوشماسلىق كېرەك.
يۇقىرى قان قەنتى بار كىشىلەر پۇرچاق بىلەن بىر قىسىم ئاساسلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ئورنىنى ئالسا بولىدۇ. ياڭيۇدىكى كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ مىقدارى% 17 ئەتراپىدا بولۇپ، گاڭپەن (% 26) ياكى موما (% 50) دىكى كاربون سۇ بىرىكمىلىرىدىن تۆۋەن بولىدۇ.
ياڭيۇنى بىر قىسىم ئاساسلىق يېمەكلىك ئورنىدا ئىستېمال قىلغاندا، بىر قىسىم ئومۇمىي ئىسسىقلىق مىقدارىنى ئازايتىپ، قان شېكىرى، قاندىكى ماي مىقدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى ياخشىلىغىلى ۋە پەسەيتكىلى بولىدۇ.
3. ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىش__ ياڭيۇنى قورۇپ يېيىش
ئۇسۇلى: ياڭيۇنى قەلەمچە قىلىپ توغراپ، ئاۋۋال سۇدا ئازراق قاينىتىۋېتىش كېرەك. چۈنكى ياڭيۇدىكى كراخمال تۈز زەنجىرلىك كراخمالنى ئاساس قىلىدۇ، كۆپۈكچە بىلەن يەنە قورۇسا، ياڭيۇ قەلەمچىسى بىر قەدەر چۈرۈك بولىدۇ.
ئاچچىقسۇ قوشۇش ياڭيۇنىڭ تەركىبىدىكى بىر قىسىم ۋىتامىن "س" نى قوغدايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا قورۇش جەريانىدا ياغ قوشۇلسا، ياڭيۇدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
4. ئۈچەينى سىلىقلاپ قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش __ ياڭيۇغا ھەسەل قوشۇپ يىيىش
ئۇسۇلى:
1. ياڭيۇنىڭ پوستىنى سويۇۋېتىپ، توغراپ، شەربەت چىقىرىش ماشىنىسى بىلەن سىقىپ سۈيىنى چىقىرىمىز.
2. سىقىپ چىقىرىلغان ياڭيۇ شىرنىسىنى قازانغا قۇيۇپ، سۇس ئوتتا قاينىتىپ، ياڭيۇ شىرنىسى قويۇقلاشقاندا مۇۋاپىق مىقداردا ھەسەل قوشۇپ، تەكشى ئارىلاشتۇرساق بولىدۇ.
3. قىلىپ بولغاندىن كېيىن توڭلاتقۇغا سېلىپ سوغۇق ساقلاش كېرەك. ھەر كۈنى بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا ئىككى قوشۇق ئاچ قورساق ئىچسە بولىدۇ.
ھەر 100 گىرام ياڭيۇنىڭ تەركىبىدىكى تاماق تالاسى ئالتە گىرامغا يېتىدۇ، بۇنى قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ياخشى يېمەكلىك دېيىشكە بولىدۇ.
5. ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش--يېڭى ياڭيۇ ياپراقچىسى
ئۇسۇلى: ياڭيۇنى يالپاقلاپ، كۆزگە چاپلاپ بەرسە، كۆز خالتىسىنىڭ ئىششىپ قېلىشىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ. ياڭيۇنى يالپاقلاپ يۈزگە چاپلىسا، تېرىنى گۈزەللەشتۈرۈپ، قورۇقنى ئازايتىشتەك ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە.
ياڭيۇنىڭ تېرىنى ئاسراش، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش رولى بار. يېڭى ياڭيۇ ياپراقچىسى سۇيۇقلۇقى بىۋاسىتە يۈزگە سۈركەلسە، ئاقارتىش رولى ئىنتايىن روشەن بولىدۇ.
ياڭيۇ تاماق ئۈستىلىدىكى« ئوزۇقلۇق شاھى» بولۇشقا مۇناسىپ، يەنە كېلىپ ئەرزان، ھەممە ئادەم يېيەلەيدۇ! قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىپ راكقا قارشى تۇرۇش، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈپ قېرىشقا قارشى تۇرۇش رولى بار، بۇنىڭدىن كېيىن ياڭيۇغا سەل قارىماڭ!
03
ياڭيۇنى ئىستېمال قىلىشتا دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
يېمەكلىكلەرنىڭ پايدىلىق ھەم زىيانلىق تەرىپى بولىدۇ، ئىلمىي ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلى ئىنتايىن مۇھىم، ياڭيۇمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس.
ياڭيۇنى ئىستېمال قىلىشتا ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئادەتتە سوغۇق سەي قىلىش، دۈملەش، قاينىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ياڭيۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرالايدۇ.
مايدا پىشۇرۇش ئەڭ تەۋسىيە قىلىنمايدىغان ئۇسۇلى، چۈنكى بۇنداق قىلغاندا قوبۇل قىلىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە ئاكرىلامىد قاتارلىق زىيانلىق ماددىلارنى ئاسانلا ھاسىل قىلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، ياڭيۇنى تاللاپ سېتىۋالغاندا، ئامال بار سىلىق، رەڭگى تەكشى، تولۇق پىشقان يېڭى ياڭيۇنى تاللاش، بىخلانغان، قېنىق كۈل رەڭ ياكى قارا داغلىق، ئۈششۈك ياكى چىرىگەن ياڭيۇنى ئىستېمال قىلماسلىق، زەھەرلىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ