ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ
تال ، ئاشقازىنى ياخشى ئەمەس كىشىلەرنىڭ يۈزىگە قاراپلا بىلىۋالغىلى بولىدۇ ، مۇشۇ تۈركۈمدىكى كىشىلەر دىققەت قىلىڭ !
بەزى كىشىلەرنىڭ چىرايى خۇنۈك ، كالپۇكىدا قەتئىي نۇر يوق ، بەزىلەر ئىنتايىن ئورۇق ، خۇددى شامالدا ئۇچۇپ كېتىدىغاندەكلا . بەزىلەر ئىنتايىن سېمىز ، بىر قاراشتىن بەھەيۋەت ، لېكىن قەتئىي ماغدۇرى يوق .
يەنە بەزىلەر گەپ قىلسا ئىنتايىن جانسىز ، روھى چۈشكۈن……ئەمەلىيەتتە سىز بىلەمسىز ، بۇلارنىڭ ھەممىسى تال - ئاشقازان بىلەن مۇناسىۋەتلىك .
كالپۇك : - مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ، تال-ئاشقازىنى ياخشىلارنىڭ كالپۇكى قىزىل رەڭدە تۇرىدۇ ، نەم - قۇرغاقلىقى ئىنتايىن ئۆلچەملىك ، نەم نۇرلۇق . تال ئاشقازىنى ياخشى ئەمەسلەرنىڭ كالپۇكى تاتىراڭغۇ ، قان رەڭگى يوق ، قاراشتىن ئىنتايىن قۇرغاق ، ئاسان تېرە تاشلاپ ، يېرىلىدۇ . ئېغىزى پۇرايدىغانلار ، چىش مىلىك ياللۇغلىنىپ ئاغرىيدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى تال - ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىشى بىلەن ئالاقىسى بار ، ئۇنىڭدىن باشقا ، ئۇخلىغاندا شۆلگىيى ئاقىدىغانمۇ تال بىلەن مۇناسىۋەتلىك .
بۇرۇن : - تال - ئاشقازاننىڭ تومۇرى بۇرۇن بىلەن تۇتاشقان . بۇرنى قۇرغاق ، پۇراش سېزىمىنى يوقاتقانلار ، بۇرنىدىن سۈزۈك سۇ ئاقىدىغانلار ، بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك تال - ئاشقازاننىڭ ئاجىزلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان . بۇرۇن ئىككى تەرىپى قىزىرىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاشقازىنى قىزىيدۇ ، بۇرۇننىڭ ئۇچى قىزىيدىغانلار ئۈچەي ياللۇغىمۇ بارلار ھېسابلىنىدۇ ، بۇ تال ئاشقازاننىڭ ئىقتىدارىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ئىپادىلەيدۇ .
كۆز : - تال ئاشقازىنى ياخشى ئەمەسلىك جىگەرگە تەسىر قىلىدۇ ، جىگەر كۆزگە تەسىر قىلىدۇ ، شۇڭلاشقا ئاسان كۆزى تالىدۇ ، نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمەيدۇ . بۇنىڭدىن باشقا تال بىلەن ئادەم بەدىنىنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن باغلىنىشلىق . ئەگەر دائىم كۆزى قىزىرىپ ئىششىسا ، ھەم يۈزى ئىششىسا ، ئۇمۇ كۆپىنچە ئەھۋاللاردا تالنىڭ مەسىلىسى بولىشى مۇمكىن .
قۇلاق : - تال -ئاشقازىنى ئاجىزلارنىڭ بۆرەك قۇۋۋىتى يېتەرسىز بولىدۇ ، دائىم قۇلىقى غۇڭۇلدايدىغان ياكى قۇلىقى ئاڭلىماس بولۇپ قالىدىغان ئالامەتلەر يۈز بېرىدۇ . تال - ئاشقازىنىدىن مەسىلە چىققانلارنىڭ ئىچكى بەش ئەزاسىغىمۇ تەسىرى بولىشى مۇمكىن . تىببى ئىلىمدا بىر گەپ بار:《 تالنى ياخشى ئاسراش ، دەرمان تاپقانغا باراۋەر ، دەرمان ھاياتلىققا باراۋەر 》 تال بىلەن ئاشقازاننىڭ ساغلام بولىشى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىڭىزنىڭ ئاساسى .
يۈرەك ۋە تال : - يۈرەك بىلەن تال ئانا بالىغا ئوخشايدۇ ، يۈرەك كېسىلىنى چوقۇم تال - ئاشقازاندىن باشلاپ داۋالاش كېرەك . تال ساغلام بولسا قان بىلەن قۇۋۋەت ياخشى بولىدۇ ، يۈرەكنى ئاسراشقىمۇ پايدىسى بولىدۇ .
جىگەر ۋە تال : - جىگەر بىلەن تال ۋە ئاشقازان ئۆزئارا تەسىر قىلىدۇ ، بەزى بىمارلاردا تاماقتىن كىيىنمۇ بىرخىل قورساق ئاچقاندەك سىزىم بولىدۇ ، لىكىن تاماق يەي دىسە قوساق لىققىدە توق ، ئاشقازان دارىسى يىسىمۇ كار قىلمايدۇ . ئەمەلىيەتتە بۇ خىزمەت بېسىمىنىڭ ئېغىرلىقى ياكى كەيپىياتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى بىلەن جىگەرنىڭ ئىقتىدارى ناچارلىشىشقا قاراپ ماڭغانلىقىنىڭ ئىپادىسى . شۇڭا جىگەرنى ياخشى ئاسرىغاندا تال-ئاشقازانىڭ مەسىلىسىنى ئاسان ھەل قىلغىلى بولىدۇ .
ئۆپكە ۋە تال : - تال بىلەن ئاشقازاننىڭ خىزمىتى ناچارلاشسا ئالدى بىلەن ئۆپكىگە تەسىر قىلىدۇ ، ئۆپكە 《باش ۋەزىرگە 》 ئوخشايدۇ ، مەخسۇس يۈرەكنىڭ 《باش ۋەزىر》 لىك خىزمىتىنى ئۆتەيدۇ . ئۆپكە ئادەم بەدىنىدىكى گازلارنى بىرتەرەپ قىلىپ ، يۈرەككە ياردەم بېرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۆپكە جانلىنىدۇ ، بۇ تال ئاشقازاننىڭ ئىقتىدارىغا بىۋاستە تەسىر قىلىدۇ . تال - ئاشقازىنى ئاجىزلارنىڭ ئاساسەن ئۆپكىسىمۇ ئاجىز بولىدۇ ، ئاسان زۇكام بولىدۇ ۋە نەپەس يولى كېسەللىكلىرىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ .
تال ۋە بۆرەك : - تال ياخشى ئەمەس كىشىلەرنىڭ بۆرىكىمۇ ئانچە ياخشى بوپ كەتمەيدۇ . ئادەمنىڭ روھى كۆتۈرەڭگۈ بولسا بۆرەكمۇ جانلىق بولىدۇ . بۆرەكنىڭ كۈچلۈك ئاجىزلىقى بولسا، تال ئاشقازاننىڭ ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلەپ بېرىش بېرەلمەسلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك .
ئۇزۇن مۇددەت تال ياخشى بولمىسا بۆرەكنىڭ زەئىپلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، كەيپىياتى قالايمىقان بولىدۇ ، ئاسان تەر ئاقىدۇ ، ياكى سوغاقتىن قورقىدۇ ، پۇت قولى مۇزدەك تۇرىدۇ .
تال بىلەن ئاشقازان بولسا ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالارنىڭ ساغلىقىدا مۇھىم رول ئوينايدىغان ئەزا ، شۇڭا ساغلالىقىڭىز ۋە تۇرمۇش ئادىتىڭىز دىققەت قىلىپ تال بىلەن ئاشقازاننى بىرلىكتە ياخشى ئاسراڭ .
ئەڭ يىقىنلىرىڭىزغا ئەۋەتىشنى ئۇنۇتماڭ
يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ
بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز