مېڭىگە قۇۋۋەت تولۇقلاشتا ياڭاقنىمۇبېسىپ چۈشىدىغان ئېسىل يېمەكلىك

文摘   2024-12-15 20:20   新疆  

كالا سۈتى ئىچىپ كالتسىي تولۇقلاش، ياڭاق يەپ مېڭىنى قۇۋۋەتلەش... بۇ ھەمىمىزگە ئىنىق بولغان ساغلاملىق كىچىك قائىدىلىرى!

ئەمەلىيەتتە، بەزى كۆزگە چېلىقمايدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى تېخىمۇ مول بولۇپ، سۈت، ياڭاقنى يالغۇز يېگەنگە قارىغاندا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدىغان بولۇپ، دائىم تاماق ئۈستىلمىزدە ئۇچرىتىپ تۇرمىز.

بىر سىقىم كۈنجۈت، بىر سىقىم پۇرچاق، سۈتكە قارىغاندا كالتسىينى تېخىمۇ بەك تولۇقلايدۇ.

35 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا بەدەندىكى كالتسىي ئېقىپ كېتىدۇ. دەسلەپكى مەزگىلدە، باشقىچە ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ، لېكىن تىز ئاغرىش، بوغۇم ئاغرىش، سۆڭەك سۇنۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلى ئېغىرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن، شۇڭا، ھەرقانداق بىر ياش باسقۇچىدىكى كىشىلەر يېمەك-ئىچمەكتىن كالتسىي تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى، 35 ياشتىن كېيىن كالتسىي تولۇقلايدىغان يېمەكلىكلەرنى بەكرەك يىيشى كېرەك.

يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق كالتسىي تولۇقلاشقا كەلسەك، نۇرغۇن كىشىلەر كالا سۈتىنى كۆپ ئىچىش كېرەك دەپ قارايدۇ، سۈت تەركىبىدە كالتسىي ھەقىقەتەن تۆۋەن ئەمەس ھەم ياخشى سۈمۈرۈلىدۇ، ھەر 100 گىرام سۈت تەركىبىدىكى كالتسىي مىقدارى ئادەتتە 100mg ئەتراپىدا بولىدۇ. لېكىن، ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن يېمەكلىكلەرنىڭ كالتسىي مىقدارى كالا سۈتىنىڭكىدىن يۇقىرى بولۇپ، ئادەتتە ئۇنى كۆپرەك يەپ بېرىش كالتسىي تولۇقلاشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل.

ئۇنداقتا بىز بىرلىكتە كۆرۈپ ئۆتسەك زادى قايسى خىل يېمەكلىكلەر بەدەنگە كالتسىي تولۇقلايدۇ؟

01

كۈنجۈت

ھەر 100 گىرام كۈنجۈتنىڭ كالتسىي مىقدارى 620mg بولۇپ، سۈتنىڭ ئالتە ھەسسىسىگە باراۋەر،ئۇ«كالتسىي تولۇقلاش ماھىرى» ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈنجۈتتە كۈنجۈت قىيامى ياسالغاندىن كېيىن، ئومۇمىي كالتسىي مىقدارى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ، ھەر 100 گرامىدا 1057 مىللىگرامغا يېتىدۇ، كۈنجۈت قىيامىدا ماي بولۇپ، كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تېخىمۇ پايدىلىق.

ئەمما، كۈنجۈت ياكى كۈنجۈت قىيامىنى كۆپ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ، ھەر كۈنى 5-10 گرام ئەتراپىدا ئىستېمال قىلسا بولىدۇ، بولۇپمۇ كۈنجۈت قىيامىنى.

02 

تۈكلۈك پۇرچاق

تۈكلۈك پۇرچاقنىڭ كالتسىي مىقدارى 135mg/100g غا يېتىدۇ، كالا سۈتىگە سېلىشتۇرغاندا ئازراق ئېشىپ كېتىدۇ.

تۈكلۈك پۇرچاق«كالتسىي تولۇقلاش ماھىرى» بولۇپلا قالماستىن، ئۇنىڭ ئاقسىل مىقدارى 13.1g/100g غا يېتىدۇ، تۇخۇم بىلەن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ؛ تالا تەركىبى% 4 كە يېتىدۇ، ئۇ كۆكتات تەركىبىدىكى يېمەكلىك تالاسىنىڭ«چېمپىيونى» ھېسابلىنىدۇ؛ ئۇنىڭ تەركىبىدە يەنە ماگنىي، فوسفور، تۆمۈر، كاروتىن قاتارلىق مول ماددىلار بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى.

تۈكلۈك پۇرچاقنىڭ يېيىش ئۇسۇلى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، سۇدا پىشۇرۇلسا، رەڭگىنىڭ ياپيېشىل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپلا قالماي، ئوزۇقلۇقنىڭ ئېقىپ كېتىشىمۇ ئەڭ ئاز بولىدۇ.

ۋىتامىن  C نىڭ مىقدارى ئاپلىسىندىن يۇقىرى بولغان ئىككى خىل كۆكتات

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدە ئاپېلسىن تۈرىدىكى مېۋىلەر، بولۇپمۇ ئاپېلسىننىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى يۇقىرى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. مەسىلەن، 100گىرامنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى تەخمىنەن 33مىللىەىرام، لىموننىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى 22مىللىگىرام ئەتراپىدا بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە بەزى كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن C مىقدارى ئۇلارنىڭكىدىن يۇقىرى.

01

رەڭلىك مۇچ

رەڭلىك مۇچ تاتلىق مۇچنىڭ بىر خىلى بولۇپ، قىزىل، سېرىق، كۆك رەڭلەردە بولىدۇ، ھەر 100 گىرام رەڭلىك مۇچنىڭ تەركىبىدە 128مىللىگىرام  ۋىتامىن C بولۇپ، كۆكتاتلار ئىچىدىكى ۋىتامىن C نىڭ«چېمپىيونى» دېيىشكە بولىدۇ.

ئۈچ خىل رەڭلىك مۇچنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئازراق پەرقلىنىدۇ.

كۆكمۇچ:سىرتقى كۆرۈنۈشى يېشىل رەڭلىك كۆكمۇچنىڭ تەركىبىدە ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولغان خىلوروفىل بار.

قىزىل مۇچ:قىزىل مۇچنى ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددا كاروتىنغا ئىگە قىلىدۇ، تاماق تالاسى ئۈچ خىل مۇچ ئىچىدە ئەڭ يۇقىرىسى بولۇپ، ھەر 100 گىرامىنىڭ 2.1 گىرامى بولىدۇ.

سېرىق مۇچ: قىزىل مۇچنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، بىردىنبىر ئوخشىمايدىغان يېرى، سېرىق مۇچتا پىرازىن تەركىبى بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىم، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى ياكى مېڭە تىقىلمىسى قاتارلىق قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىدۇ.

02

بېدە

بېدە كۆك دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭدىكى ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى 102mg/100g غا يېتىدىغان بولۇپ، ئاپېلسىننىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن ئاشىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭدىكى ۋىتامىن A نىڭ مىقدارى سەۋزىنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تەركىبىدىكى بېدىلىك ساپونىن قاندىكى ماينى قوشۇمچە تەڭشەيدۇ، قاندىكى ماي قاتارلىق يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ.

دىققەت: ۋىتامىن  C سۇدا ئېرىشچان بولۇپ، پىشۇرۇش جەريانىدا ئاسانلا يوقاپ كېتىدۇ، ئەمما ھەر خىل پىشۇرۇش ئۇسۇللىرىدا بولسا دۈملەش، مايدا دۈملەپ پىشۇرۇش، قىسقا ۋاقىتتا قورۇش ئارقىلىق ۋىتامىن  Cنىڭ ساقلىنىپ قېلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاچچىقسۇ، لىمون شەربىتى قاتارلىق كىسلاتالىق تېتىتقۇلارنى قوشقاندا، ۋىتامىن C نىڭ ساقلاش نىسبىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

ياڭاقتىن باشقا، بۇ«مېڭە قۇۋۋەتلەش ماھىرى» نىمۇ قولدىن بېرىپ قويماڭ

ياڭاق يەپ مېڭىنى قۇۋۋەتلەش خەلق ئارىسىدا ئەزەلدىن بار بولغان بىر رىسالە.

ھازىرقى زامان ئوزۇقلۇق تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، ياڭاق ھەقىقەتەن چوڭ مېڭىگە پايدىلىق بولۇپ، ياڭاق تەركىبىدە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بىر قەدەر يۇقىرى، ئۇنىڭ ئىچىدە لىنولېن كىسلاتاسىنىڭ نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئۇ DHA غا ئايلىنالايدۇ، ئۇ چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىدىكى نېرۋا پەردىسىنى ھاسىل قىلىدىغان مۇھىم ماددا.

بىراق، ياڭاقتىن باشقا، تۇرمۇشتا يەنە نۇرغۇن يېمەكلىكلەر چوڭ مېڭىنى قۇۋۋەتلەشتە ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە.

01 

بۆدۈنە تۇخۇمى: لېتسىتىن تولۇقلاش

لېتسىتىن: ئادەم بەدىنىنىڭ چوڭ مېڭىسىدە نېرۋا يەتكۈزگۈچى ماددىسىنىڭ شەكىللىنىشىدە كەم بولسا بولمايدىغان ماددا بولۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا تولۇقلاش ئادەم بەدىنىنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ھەمدە چوڭ مېڭىنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارى ۋە ئانالىز قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق.

بۆدۈنە تۇخۇمىدىكى لېتسىتىن مىقدارى ئادەتتىكى تۇخۇمنىڭكىدىن 34 ھەسسە يۇقىرى، ۋىتامىن D تەركىبىمۇ ناھايىتى يۇقىرى. ئەنگلىيە مانچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، بەدەندىكى ۋىتامىن D سەۋىيەسى يۇقىرى كىشىلەر تېخىمۇ ياخشى ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىگە ۋە چوڭ مېڭىنىڭ ئۆزگىرىشكە ماسلىشىش ۋە ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن.

02 

قىزىل بۇغداش: يوپۇرماق كىسلاتاسى تولۇقلاش

يوپۇرماق كىسلاتاسى ئاقسىل ۋە يادرو كىسلاتاسىنىڭ بىرىكىشىدىكى زۆرۈر فاكتور بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا چوڭ مېڭىدىكى ئۇزۇن زەنجىرلىك ياغ كىسلاتاسى مەسىلەن( DNA) نىڭ مېتابولىزمى قاتارلىقلاردىمۇ ئۇ كەم بولسا بولمايدۇ. شۇڭا، يوپۇرماق كىسلاتاسىنى مۇۋاپىق تولۇقلاش مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ، دېۋەڭلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

يوپۇرماق كىسلاتاسى ئاساسلىقى قېنىق رەڭلىك كۆكتاتلاردا بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە قىزىل بۇغداشتا باشقا بارلىق كۆكتاتلارغا قارىغاندا ئەڭ كۆپ بولۇپ، 300g/100g غا يېتىدۇ.

دىققەت: قىزىل بۇغداش تەركىبىدە ئوكسالىك كىسلاتا مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە پايدىسىز. يېيىشتىن بۇرۇن قايناقسۇغا بېسىپ ئاندىن تاماق ئېتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. 

يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ

بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز

Retsipim
رېتسىپىم سالونى سىزنى ئەڭ يېڭى قوللىنىشچان رېتسىپلار بىلەن تەمىنلەپ ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى !!!
 最新文章