قىشتا تاتلىق ياڭيۇ يەۋاتقانلار قاتتىق دىققەت !

文摘   2024-12-22 20:20   新疆  

ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ

تاتلىق ياڭيۇ يەيدىغانلار چوقۇم كۆرۈڭ 


يېشىمىزنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ قان - تۇمۇر ئىچىنى ماي قاپلاش بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ ، ئاخىرىدا ئارتىريە قېتىش بۇلۇپ پۈتۈن بەدىنىمىز ساغلاملىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ ، قاندىكى ئەخلەتلەرنى تازلىمىساق كىسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىشىمىزگىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ .

قانداق قىلغاندا بۇ مەسىلنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ ؟ چېنىقىش ، دورا ئارقىلىق تەڭشەشتىن باشقا يەنە سىزگە ئاددىي ئۇسۇلنى كۆرسىتىپ قۇياي ، ھەممە يەردىن تېپىلىدىغان ئائىلىدە كۆپ يەيدىغان يىمەكلىك !



قىشتا تاتلىق ياڭيۇ يەڭ : - بۇنىڭ نېمىشقا قاندىكى ئەخلەتلەرنى تازلاش رولى بار دىگەندە ، بۇ تاتلىق ياڭيۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . بۇنى يىسىڭىز قېنىڭىزنى تازلاپلا قالماي ، كېسەلنى ياخشىلايدۇ ، ئۆمرىڭىزنىڭ ئۇزۇن قىلىدۇ ، بۇلارنى چوقۇم ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ !


قان تومۇر داغ پارچىلىرى تازىلاپ ، ئارتېرىيىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش 


تاتلىق ياڭيۇ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاقسىل ۋە كالتسىي ئېلېمېنتى بولۇپ ، تومۇرلار دىۋارىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ساقلاش رولى بار ، قان تومۇر دىۋارىدىكى خولېستېرىننى تازىلاش قېتىشقان داغ ، بوتقىسىمان قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . 


ئادەم تېنىدىكى ئەركىن رادىكالنى تازلاش 


تاتلىق ياڭيۇ تەركىبىدە مول كاروتىن بولىدۇ ، بۇ بىر ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى دورا بولۇپ ، تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلىنىڭ ئوكسىدلىنىپ قان تومۇر دىۋارىغا چۆكۈشىنى تىزگىنلەيدۇ ، بۇ ئادەم تېنىدىكى ئەركىن رادىكال تازلاشقا پايدىلىق . 



خولېستېرىن تىزگىنلەيدۇ 


ياپونىيە توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى خولېستېرىننىڭ ئۈنۈمىنى تىزگىنلەش ئۈستىدە 130 خىل يىمەكلىككە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ، تاتلىق ياڭيۇنىڭ رولى باشقا يېمەكلىكلەرنىڭ 10 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ دەپ يەكۈن چىقارغان . شۇڭا سىزدە خولىستىرىن يۇقىرى بولسا ، تاتلىق ياڭيۇنى مۇۋاپىق مىقداردا ئۇزۇن مۇددەت يېسىڭىز بولىدۇ . 

ئۇندىن باشقا ، تاتلىق ياڭيۇ ئىچىدە يېمەكلىك تالاسى بىر قەدەر كۆپ ، توغرا ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىنتايىن ئۈنۈملۈك . بۇ يەنە خولېستېرىننىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىنى تىزلىتىدۇ .



قاندىكى قەنت مىقدارىنى كونترول قىلىش 


ئاۋسترىيە ۋيېنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە ، دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى ئاق پوستلۇق تاتلىق ياڭيۇدىن ئايرىۋېلىنغان ماددانى ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن ، ئۇنىڭ توقۇلمىلارنىڭ ئىنسۇلىنغا بولغان سەزگۈرلىكىنى ياخشىلىغان ھەمدە قان شېكىرىنى كونترول قىلىشقا پايدىسى بولغان .



سەكتە بولۇشنى تۆۋەنلىتىدۇ 


تاتلىق ياڭيۇ "يۇقىرى كالىيلىق تۆۋەن ناترىيلىق "شاھ . ئامېرىكىنىڭ « ئالدىنى ئېلىش » ژۇرنىلى ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە ، تاتلىق ياڭيۇ قاتارلىق كالىي مول يېمەكلىكلەر سەكتە بولۇش خەۋپ - خەتىرىنى % 20 تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن .



قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشكە ياردەم بېرىدۇ 


تاتلىق ياڭيۇنىڭ قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمى ئاساسلىقى ، بۇنىڭ ئىچىدە مول بولغان كالىي ئېلېمېنتى . چۈنكى كالىي ۋە ناترىي قان بېسىمىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل بولۇپ ، ئەگەر بەدەنگە يېتەرلىك مىقداردا كالىي بولسا قاننىڭ ئارتۇقچە ناترىينى چىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ؛ تەركىبىدە كالىي بولغان يېمەكلىكلەر بەدەندىكى مىنېرال ماددىلار سەۋىيىسى تەكشى ئىلگىرى سۈرىدۇ ، ھەمدە ئەڭ ئاخىرىدا بەلگىلىك قوشۇمچە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئوينايدۇ . 



قىسقىسى ، قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش كېسەللىكى ، يۇقىرى خولېستېروللۇق قان كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىمى ۋە جىگىرىنى ماي قاپلىغانلار ، تاتلىقياڭيۇنى مۇۋاپىق مىقداردا يەپ ، ياكى تاتلىق ياڭيۇ ئۇششاق - چۈششەك يېمەكلىك ئورنىدا يەپ بەرسە ، ياخشى بولغان ساغلاملىق ئادىتى بولىدۇ .


تاتلىق ياڭيۇ يىگەندە دىققەت 


تاتلىق ياڭيۇ ياخشى پىشقاندا يىيىش : - تاتلىق ياڭيۇنى چوقۇم ياخشى پىشقاندا يىيىش  كېرەك ، چۈنكى تاتلىق ياڭيۇ تەركىبىدىكى كراخمال دانچىلىرى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا بۇزلۇپ ، ھەزىم قىلىش تەس بولىدۇ . تاتلىق ياڭيۇ تەركىبىدە بىر خىل ئوكسىدازا ، بۇ خىل ئېنزىم ئاسانلا ئادەمنىڭ ئاشقازان - ئۈچەي يولى ئىچىدە زور مىقتاردا كاربون Ⅳ ئوكسىد پەيدا بولىدۇ . مەسىلەن ، تاتلىق ياڭيۇنى  زىيادە كۆپ يىگەندە ، ئادەمنى قورساق كۆپۈش ، ھىق تۇتۇش، ئوسۇرۇق بولىدۇ . 



تاتلىق ياڭيۇ يېسىڭىز مەيدە قاينىسا ئازراق تۇزلانغان سەي بىلەن يەڭ 


تاتلىقياڭيۇ تەركىبىدە شېكەر مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى ، كۆپ يېسە ئاشقازان كىسلاتاسى ئاجرىتىپ غىدىقلاپ مەيدە قاينايدۇ . شۇڭا تاتلىق ياڭيۇ يېگەندە ئەڭ ياخشىسى ئازراق تۇزلۇق سەي بىلەن يەڭ .



ھەزىم قىلىش ياخشى بولمىسا تاتلىق ياڭيۇ يىمەڭ 


تاتلىق ياڭيۇ تەركىبىدىكى قەنت مىقدارى كۆپ ، بەدەن بىردەمدە قۇبۇل قىلىپ بولالمايدۇ ، قالغان قىسمى ئۈچەي ئىچىدە توختاپ قالسا ، قورساق قىسمى بىئارام بولۇشقا باشلايدۇ . جۇڭيى تېبابىتىدە ، تال ۋە ئاشقازاننى ھۆللۈك توسۇلۇش ، يەل يىغىلىپ تاماق سىڭمەيدىغانلار تاتلىقياڭيۇ يېگەندە ئېھتىياتچان بولۇشى لازىم . 



چۈشلۈك تاماقتا يىيىش ئەڭ مۇۋاپىق 


بۇنىڭدا ئاقسىل بىلەن ماي كەم بولۇپ ، كۆكتات ، مېۋە بىلەن بىللە يىگەندە ئۇزۇقلۇقنى تۇلۇق قۇبۇل قىلغىلى بولىدۇ . ئەڭ مۇھىمى چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا يەڭ ، چۈنكى بۇنى يەپ بولغاندىن كېيىن ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۇزۇقلۇق ماددىلارنىڭ سۈمۈىشى ئۈچۈن 4 - 5 سائەت ۋاقىت كېتىدۇ ، بۇنداق بولغاندا كەچلىك تاماق ۋاقتىغىچە ھەممىسى سۈمۈرلۈپ بولۇپ كىيىنكى ئۇزۇقلۇقنىڭ سۈمۈرلىشىگە دەخلى يەتمەيدۇ .



تاتلىق ياڭيۇنى پوستى بىلەن يىيىش 


نۇرغۇن كىشىلەر تاتلىق ياڭيۇ يىيىشنى ياقتۇرىدۇ ، لېكىن پوستىنى يىمەيدۇ . ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ پوستى ئىنتايىن ياخشى . ئۆسۈملۈكنىڭ گۆشى بىلەن پوستى ئوخشاشلا بىر جۈپ مۇئەننەس ۋە مۇزەككەر . تاتلىق ياڭيۇمۇ شۇنداق ، تاتلىق ياڭيۇ گۆشى « تولۇقلاش » ، تاتلىق ياڭيۇ پوستى « چىقىرىش » رولىغا ئىگە ، يەنى زەھەرنى ھەيدەش . تاتلىق ياڭيۇ گۆشى تال ۋە ئاشقازاننى تولۇقلاش ، تاتلىق ياڭيۇ پوستى ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ . 

تاتلىق ياڭيۇ گۆشى سەل كىسلاتالىق ، تاتلىق ياڭيۇ پوستى ئىشقارلىقنى ئىپادىلەيدۇ . تاتلىقياڭيۇ يېسە ئاسانلا قورساق كۆپۈپ مەيدىسى قاينايدىغانلار ، ئەگەر پوستى بىلەن يېسىڭىز ، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ .



ئالاھىدە ئەسكەرتىش : - ئەگەر تاتلىق ياڭيۇ تېرە رەڭگى قارا ياكى قوڭۇر داغلار كۆپەيگەن بولسا ، ئۇنداقتا ئۇ بۇزۇلۇپ قالغان بولىدۇ . بۇ چاغدا ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ ، ئۇنىڭ تېرىسى تېخىمۇ يېيىشكە بولمايدۇ .

مەنبە : جوڭگو ساغلاملىق تورى سالونىمىز تەرجىمىسى

يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ

بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز

Retsipim
رېتسىپىم سالونى سىزنى ئەڭ يېڭى قوللىنىشچان رېتسىپلار بىلەن تەمىنلەپ ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى !!!
 最新文章