سالونىمىز سىزگە ئەڭ يېقىن
ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئاستا قېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، بىراق بەزى «قېرىشنى تېزلەتكۈچى دورا» لار بىزنىڭ يېمەك-ئىچمىكىمىزگە يوشۇرۇنغان بولۇپ، ئۇلار تېرە، يۈرەك، جىگەر قاتارلىق ھەر قايسى ئەزالارنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىپ، سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ.1. يۈرەكنى قېرىتىش دورىسى: تەتۈر شەكىللىك ياغتەتۈر شەكىللىك ياغ يەنە «ئالۋاستى ياغ» دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ياغ ماددىسى تەركىبلىرى ئىچىدە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە بولغان تەسىرى ئەڭ چوڭ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، يەر شارى مىقياسىدا ھەر يىلى تەتۈر شەكىللىك ياغ كىسلاتاسى قوبۇل قىلىش سەۋەبىدىن يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغانلارنىڭ سانى 500 مىڭدىن ئاشىدىكەن.2017- يىلى يۈرەك كېسىلى ئىلمىدا ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ماينى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش يۈرەك كېسىلى، سەكتە بولۇپ قېلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق ئىكەن.تەتۈر شەكىللىك ياغنىڭ ئىككى خىل مەنبەسى بار، بىرى تەبىئىي يېمەكلىك، يەنە بىرى پىششىقلاپ ئىشلىگەن يىمەكلىك. بىز كونترول قىلىشقا تېگىشلىكى ئاساسلىقى سۈنئىي بىرىكتۈرۈلگەن تەتۈر شەكىللىك ياغ.بىز ئورالمىلىق يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالغاندا، يېمەكلىك ماتېرىيال جەدۋىلىگە قاراپ باقساق بولىدۇ، ئومۇمەن تەركىبىدە سۈنئىي ياغ، سۈنئىي قايماق، ئۆسۈملۈك قايمىقى، سۈت جەۋھىرى، سەپلىمە كاكائو مېيى، چەككىلەنگەن ئۆسۈملۈك مېيى، سېرىق ماي، سۈنئىي سېرىق ماي، ئۆسۈملۈك مېيى قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە سۈنئىي بىرىكتۈرۈلگەن تەتۈر شەكىللىك ياغ كىسلاتاسى بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا بۇ خىل يىمەكلىكلەرنى ئىمكانقەدەر ئاز تاللاش كېرەك.ئۇنىڭدىن باشقا، قۇيماق، پىلتە قۇيماق قاتارلىقلارمۇ كۆپىنچە ئۆسۈملۈك مېيى بىلەن مايدا پىشۇرۇپ تەييارلىنىدۇ، ئۆسۈملۈك مېيى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا تەتۈر شەكىللىك ماي ھاسىل قىلىدۇ، شۇڭا مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك.2. ئۆپكىنى قېرىتىش دورىسى: ئاشخانىدىكى بۇستاماكا چېكىش ئۆپكىنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان مۇھىم ئامىل، ئەمما تاماكا چەكمەيدىغان نۇرغۇن ئاياللارمۇ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆپكە راكى ئاياللاردا ئىككىنچى كۆپ يۈز بېرىدىغان راك كېسىلىگە ئايلاندى. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن كىشى يەنە بىر «يوشۇرۇن قاتىل» يەنى ئاشخانا بۇسىغا سەل قارايدۇ.1- ئاشخانىدىكى بۇس ئاياللارغا توختىماي زىيان يەتكۈزىدۇئۆپكە راكىنىڭ كېسەللىك سەۋەبى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشىچە، تاماكا چەكمەيدىغان ئاياللارنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولىشىدىكى خەتەرلىك ئامىللار ئىچىدە، ئاشخانىدىكى بۇس % 60 نى، قورۇما قورۇغاندا يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا يېمەكلىكلەرنى پىشۇرۇش 32 % نى ئىگىللىگەن. بۇس چىقارغان زەھەرلىك ئىس مىقدارى بىر تال تاماكىنىڭ نەچچە مىڭ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ئادەم بەدىنى ھەر كۈنى بۇ خىل مۇھىتتا بىر سائەت تۇرسا، ئىككى قاپ تاماكا چەككەنگە ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك چەككەنگە تەڭ كېلىدۇ.شۇنىڭبىلەن ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، بۇس زەررىچىلىرى ئۆپكىگە يىغىلىپ قېلىپ، ئۆپكە شىللىق پەردىسىنى تەدرىجىي زەخىملەندۈرۈپ، ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى، ئاستا خاراكتېرلىك ئۆپكە توسۇلۇش ھەتتا ئۆپكە راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.2- ئاددىي بولغان 2 خىل ئۇسۇل ئۆپكىنى ئاسراپ، ساغلاملاشتۇرىدۇ1- «ئۈچ خىل ماي» نى ئىشلەتمەسلىك: يۇقىرى تېمپىراتۇرىلىق ماي، مۇرەككەپ پارتىلايدىغان ماي، كىسلاتا بىلەن سېسىغان ماي.2- ھاۋا ئالماشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ئوچاققا ئوت يېقىشتىن بۇرۇن بۇستارتقۇنى ئېچىپ، قورۇما قورۇپ بولغاندىن كېيىن بۇستارتقۇنى سەل تۇرغۇزۇپ ئاندىن ئېتىۋېتىپ، ئاشخانىنىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك.3. جىگەرنى قېرىتىش دورىسى: ئىسپىرتھاراق جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق ئۈستىلىدە كۆپ ئۇچرايدۇ، ئەمما ئۇ جىگەرنىڭ مۇھىم «قاتىلى».1- ھاراق ئىچگەندە جىگەر چارچاپ كېتىدۇھاراق ئىچىشنىڭ جىگەرگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ھەممە ئادەم دېگۈدەك بىلىدۇ. ئىسپىرت ئاشقازان-ئۈچەي تەرىپىدىن سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن، جىگەرگە كىرىپ مېتابولىزم ئارقىلىق پارچىلىنىدۇ. كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچىش جىگەر ئىقتىدارىنى ئاستا خاراكتېرلىك زىيانغا ئۇچرىتىدىغان بولۇپ، بىر قېتىم قاتتىق مەست بولۇش بىر قېتىملىق جىددىي خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانغا باراۋەر، يەنە كېلىپ ئۇزاق مۇددەت ھاراق ئىچكەندە ئىسپىرتلىق جىگەرنى پەيدا قىلىدۇ، ھەتتا جىگەر راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.دۇنيا راك كېسىلى تەتقىقات فوندى جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، ھەر كۈنى پەقەت ئۈچ ئىستاكان ھاراق ئىچسىلا جىگەر راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ھەر 10 گىرام ئىسپىرىتنى كۆپ ئىچكەندە، جىگەر راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى تەخمىنەن % 4 ئاشىدىكەن.بۇنىڭدىن باشقا، كۆپچىلىك يەنە قىزىل ھاراق، ئاق ھاراق قاتارلىق كۆپ خىل ھاراقنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىچسە، جىگەر، ئاشقازان-ئۈچەي قاتارلىقلارغا تېخىمۇ چوڭ زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئەستە تۇتۇشى كېرەك.2- ئۈچ ئىشنى ياخشى قىلىپ، جىگەرنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەك.تۇرمۇشتا ئازراق ھاراق ئىچىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، ئۇنداقتا جىگەرنى قانداق ئاسراش كېرەك؟(1) ھاراق ئىچىش مىقدارىنى كونترول قىلىشھەر كۈنى ئىچكەن ئاق ھاراق 40 مىللىلېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، سېرىق ھاراق 120 مىللىلېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، پىۋا 350 مىللىلېتىر قىزىل ھاراق 150 مىللىلىتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.(2) يېتەرلىك ئاقسىل ئىستېمال قىلىشجىگەر توقۇلمىلىرىنىڭ قايتا ئۆسۈش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ھەر كۈنى 90 گىرام ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل قوبۇل قىلىنسا، جىگەر ھۈجەيرىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، جىگەر ھۈجەيرىلىرىنىڭ قايتا ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭا كۈندىلىك تۇرمۇشتا تۇخۇم، سۈت، بېلىق، راك قاتارلىق يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىش كېرەك.(3) يېشىل كۆكتاتلارنى كۆپ يېيىشمول پولىساخارىد ۋە سېللۇلوزا جىگەرنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ. يېتەرلىك بولغان A جىگەرنىڭ زەخمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پايدىلىق.4. ئاشقازاننى قېرىتىش دورىسىئاشقازان مۇھىم ھەزىم قىلىش ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن نېمە ئۈچۈن داۋاملىق «يارىلىنىدۇ»؟1-ئاشقازا بۇ بەش نەرسىدىن ئەڭ قورقىدۇباكتېرىيە: ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسى ئاشقازاندا پارازىتلىنىپ، ئاشقازان راكىنىڭ خەتىرىنى 4 ~ 6 ھەسسە ئاشۇرىدۇ.سوغۇق: سوغۇق يېمەكلىكلەر ئاشقازاندىكى قىل قان تومۇرلارنىڭ قىسقىرىشىنى غىدىقلاپ، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئازايتىپ، ئاشقازان-ئۈچەي يوللىرىنىڭ ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ.قىززىق: زىيادە قىزىق يېمەكلىكلەر ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى كۆيدۈرۈپ، راكقا ئۆزگىرىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.بەك تويۇنۇش: بەك تويۇپ يېگەندە ئاشقازاننىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنىڭ ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.ئېغىر تەم: ئېغىر تەمدىكى يېمەك-ئىچمەكلەر ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى بىۋاسىتە زىيانغا ئۇچرىتىپ، قان تولۇش، شەلۋەرەش قاتارلىق كېسەللىك ئۆزگىرىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.2- ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش تەكلىپىياخشى يېمەك - ئىچمەك ئادىتى ئاشقازاننى ئاسراشنىڭ بىرىنچى قەدىمى. (1) غىزنىڭ تازىلىقىغا دېققەت قىلىش ۋە قانۇنىيەتلىك ئوزۇقلىنىش ئىنتايىن مۇھىم.غىزانىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلمىسىڭىز، يەنە ھەددىدىن زىيادە نەرسە كۆپ يەۋالسىڭىز ياكى دائىم ئاشقازاننى غىدىقلايدىغان يېمەكلىكلەرنى يېسىڭىز، ئۇنداقتا ئاشقازان چوقۇم سىزدىن ئۆچ ئالىدۇ. ئەكسىچە، نىسپىي قانۇنىيەتلىك ھالدا مۇۋاپىق غىزالىنىپ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن تاماق يىمىگەندە ئاشقازاننىڭ يۈكىنى بەلگىلىك دەرىجىدە يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.(2) يۇقىرى تۇزلۇق ۋە ئىسلانغان يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش، مېۋە - چېۋە، كۆكتاتلارنى كۆپ يېيىشتەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە مېۋە - چېۋە، كۆكتاتلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى يېتەرلىك بولماسلىق، يۇقىرى تۇزلۇق يېمەك-ئىچمەك، ئىسلانغان گۆش ۋە تۇزلانغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ قۇبۇل قىلىش ئاشقازان راكىنىڭ يۈز بېرىش خەۋپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.شۇڭا، ساغلام ئوزۇقلىنىشتا يېتەرلىك مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارنى ئىستېمال قىلىش، تۇزلۇق يېمەكلىكلەر، سۈرلەنگەن گۆش ۋە تۇزلانغان يېمەكلىكلەردىن ساقلىنىش تەلەپ قىلىنىدۇ.5. ئۈچەي يولىنى قېرىتىش دورىسى: يېمەك-ئىچمەك مۇۋاپىق بولماسلىقنورمال ئادەمنىڭ ئۈچەي يولى يېشى بىلەن فىزىئولوگىيەلىك ياش پەرقى چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، تۇرمۇش ۋە خىزمەت بېسىمى ئېشىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېمەك-ئىچمەك مۇۋاپىق بولماي، ئۈچەي يولىدىكى پايدىلىق باكتېرىيە توپىنىڭ سانى ئازىيىپ، زىيانلىق باكتېرىيە توپى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۈچەي يولى باكتېرىيە توپىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۈچەي يولى فۇنكسىيەسىدە ' قېرىش ' كۆرۈلىدۇ.نۇرغۇن ياشلار تاماق تاللايدۇ، ئىلمىي ئۇرۇقلىماي، زىيادە تاماق تىجەيدۇ، ھەمدە ھاراق ئىچىپ، تاماكا چېكىپ، كېچىچە تۈنەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ خىل «تەرتىپ» سىز تۇرمۇش شەكلى ئاشقازان - ئۈچەي يولىغا زور يۈك ۋە تەسىر ئېلىپ كېلىپ، «ئۈچەي يولى يېشى» نىڭ ئەمەلىي يېشىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.6. تېرىنى قېرىتىش دورىسى: تاتلىق يېمەكلىكتېرىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىدىغان ئۇلترا بىنەپشە نۇردىن باشقا يەنە تاتلىق يېمەكلىكلەرمۇ بار. نۇرغۇن كىشىلەر تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى بەك ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش سالامەتلىككە ئىنتايىن پايدىسىز، چۈنكى تاتلىق يېمەكلىكلەرنىڭ قەنت مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، قەنت مىقدارىنى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلغاندا، تېرىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىپ، تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاستا-ئاستا يوقىتىدۇ، شۇنداقلا ئاسانلا كۆپ مىقداردا قورۇق ۋە داغ پەيدا قىلىدۇ.ئادەتتە شېكەر ئىستېمال قىلىشنى چەكلەش كېرەك، مەسىلەن، تاتلىق ئىچىملىك، پېچىنە-پىرەنىك تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك.يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ
بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز