بالىياتقۇ بۇ بەش مېۋىدىن ئەڭ قورقىدۇ، ئاياللار ئاز يەڭ

文摘   2024-11-27 20:20   新疆  

ھەيىز كېلىش ئاياللارنىڭ ئۆزىگە خاس فىزىيولوگىيەلىك ھادىسىسى بولۇپ، كۆپ ساندىكى ئاياللاردا ھەيىز مەزگىلىدە ئاسانلا ھەيىز ئاغرىتىپ كېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، شۇڭا بەزى ئاياللار ھەيىز كېلىشنى خالىمايدۇ ھەمدە بىزار بولىدۇ، لېكىن ھەيز ۋاقتىدا كەلمىسە ئەنسىرىمەمسىز؟

كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ يەنىلا ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىدە مەسىلە كۆرۈلۈشتىن قورقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسى ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، سەللا دىققەت قىلمىسا باكتېرىيە ۋە ۋىرۇسلارنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھەيىز ئاياللارنىڭ ساغلاملىقىنىڭ« بارومېتىرى» دەپ ئاتىلىدۇ. شۇڭا، كۈندىلىك تۇرمۇشتا، چوقۇم ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈپ، بالىياتقۇنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش كېرەك. بۇنىڭ بىلەن ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىمۇ، رەڭگى-روىمۇ بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ.

01

بالىياتقۇ بۇ بەش مېۋىدىن ئەڭ قورقىدۇ

1. خولوڭگو

خولوڭگو تۇرمۇشتا بىز دائىم يەيدىغان مېۋە، ئۇنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا يېمەكلىك تالاسى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسسىقلىق مىقدارى نىسبەتەن تۆۋەن بولۇپ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى تېزلىتىپ، قەۋزىيەتنى پەسەيتىدۇ، لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر خولوڭگونىڭ سوغۇق مېۋە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.

ئەگەر ئاياللار كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم خولوڭگو يەپ بەرسە، بەدەننىڭ سوغۇقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، ئاياللار ئەسلىدىنلا سوغۇق مىزاجغا تەۋە بولۇپ، ئۇنى كۆپ يېسىمۇ بالىياتقۇنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يېتىدۇ، ھەتتا بالىياتقۇنىڭ سوغۇقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، شۇڭا ئاياللارنىڭ تۇرمۇشتا خولوڭگونى  ئىتېمال قىلىش مىقدارىنى كونترول قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز، بولۇپمۇ ھەيىز مەزگىلىدە تېخىمۇ ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك.

2. بىجىق (荸荠)

بىجىق ئانچە چىرايلىق ئەمەس، لېكىن بۇ خىل يېمەكلىك تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلار نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ، « يەر ئاستى نەشپۈتى» دەپ ئاتىلىدۇ. كىشىلەر بىجىقنى ياخشى كۆرسىمۇ، ماختىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۆسۈش مۇھىتى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ، ئۇ ئاساسلىقى جەنۇبتىكى يەر ئاستى سازلىقى ياكى سۇلۇق ئېتىزدا ئۆسىدۇ، ئۇ ھەم مېۋە-چېۋە ھەم كۆكتات بولالايدۇ.

شۇنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى، بىجىق تەركىبىدە پارازىت قۇرت ۋە باكتېرىيە بىر قەدەر كۆپ، ئەگەر ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە بۇ خىل مېۋىنى دائىم يىسە، بالىياتقۇغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھەتتا ئاياللار كېسەللىكلىرى مەسىلىسىنىڭ خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، شۇنداقلا ھەيىز مىقدارىنىڭ بارغانسېرى ئازىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بالىياتقۇدا ئاسانلا كېسەللىك ئۆزگىرىشى پەيدا قىلىدۇ.

3. ئەبنۇس (柿子)

ئەبنۇسنى نۇرغۇن كىشىلەر يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەبنۇسنىڭ تەمى بىر قەدەر تاتلىق، يىيىشىك ئەمما ھەيىز مەزگىلىدە ئەڭ ياخشىسى بۇ خىل مېۋىنى يېمەسلىك كېرەك.

ئاياللارنىڭ تېنى ئەسلىدىلا سوغۇققا مايىل بولغاچقا، ئەگەر دائىم كۆپ مىقداردا ئەبنۇس يەپ بەرسە بالىياتقۇنىڭ ئۈزۈكسىز قىسقىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا ھەيىزنىڭ نورمال چىقىپ كېتىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، نورمال بەدەن مۇھىتىغا تەسىر يېتىدۇ.

شۇڭا، ئەبنۇس بالىياتقۇ قورقىدىغان مېۋىلەرنىڭ بىرى، ئۇنى كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ، ھەيىز مەزگىلىدە ئىسسىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بەرسە بالىياتقۇنى ئىسسىتىپ زەھەرنى ھەيدەشكە تېخىمۇ پايدىسى بولىدۇ.

4. دولانە

دولانە بىر خىل كىسلاتالىق مېۋە بولۇپ، ئىشتىھانى ئېچىپ، تالنى ساغلاملاشتۇرىدۇ. ئەمما، دولانە ھەيىز مەزگىلىدە يېيىشكە ماس كەلمەيدۇ. شۇنداقلا دولانەمۇ بالىياتقۇ قورقىدىغان مېۋىلەرنىڭ بىرى.

كۆپ ساندىكى ئاياللار كىسلاتالىق مېۋىلەرنىڭ قورۇش رولىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن، كىسلاتالىق مېۋىلەرنى كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلسا، قاننىڭ بەدەندە ئۇيۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا ھەيىز مەزگىلىدىكى قاننىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىپ، بەدەندىكى قاننىڭ مىقدارىنى ئازايتىپ، ھەيىز ئاغرىتىپ كېلىشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

كىسلاتالىق مېۋىلەردىن يەنە قارا ئۆرۈك، ئالۇچا قاتارلىقلار بار. گەرچە بۇ خىل مېۋىلەر ئىنتايىن تەملىك بولسىمۇ، ئەمما ھەيىز مەزگىلىدە ئاياللارنىڭ ئامال بار يىمەسلىكىنى بالىياتقۇنىڭ ساغلاملىقىغا تېخىمۇ  كۆڭۈل بۆلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

5. تاۋۇز

نۇرغۇن كىشىلەر تاۋۇزنىڭ«سوغۇق» قا تەۋە مېۋە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. گەرچە تاۋۇز شىرنىسى كۆپ، سۈيى تاتلىق بولسىمۇ، لېكىن دائىم تاۋۇز يىگەندە بالىياتقۇ سوۋۇپ كېتىش مەسىلىسى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ، ھەتتا ھەيىز مەزگىلىدىكى قاننىڭ راۋان چىقىپ كېتىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

بەزى ئاياللار ئادەت خاراكتېرلىك مېۋىلەرنى توڭلاتقۇغا سېلىپ مۇزلىغاندىن كېيىن يىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا مېۋىنىڭ سوغۇقى تېخىمۇ ئېشىپ كېتىدۇ، ئەگەر توڭلاتقۇدىن چىققان تاۋۇزنى يېسىڭىز ھەيىزگە بولغا تەسىرى كىچىك بولمايدۇ.

ئاياللارغا شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، تاۋۇزمۇ بالىياتقۇ قورقىدىغان مېۋىلەرنىڭ بىرى، شۇڭ ئاياللارنىڭ تاۋۇز قاتارلىق سوغۇققا تەۋە مېۋىلەرنى ئاز يىيىشىنى، نەم ۋە سوغۇق ھاۋانىڭ بالىياتقۇغا بېسىپ كىرىشىنى ئازايتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

02

بالىياتقۇ بۇ ئۈچ خىل مېۋىنى« ياخشى كۆرىدۇ»

1. نيۇيوۋگو 

نيۇيوۋگو تۇرمۇشتا دائىم يەيدىغان مېۋە، كۆپچىلىككە ناھايىتى تونۇش، بۇ خىل مېۋىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئاقسىل قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلەر بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە نيۇيوۋگو مۆتىدىل مېۋە بولۇپ، بەدەننىڭ ھورمۇن سەۋىيەسىنى تەڭشەشكە پايدىلىق، شۇنداقلا بالىياتقۇنى ئىللىتىپ، زەھەرنى تازىلاپ، بالىياتقۇنى پاكىزلاپ، ئاياللار كېسەللىكلىرى مەسىلىسىنىڭ خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

2. ئۈجمە

ئۈجمە نۇرغۇن ئاياللار ياخشى كۆرۈپ يەيدىغان مېۋە، ئۇنىڭ ئىچىدە تۆمۈر ئېلېمېنتى بىر قەدەر مول، ھەيىز ئۈچمىنى مۇۋاپىق مىقداردا يېسە، بالىياتقۇنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئوزۇقلاندۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپ، ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىنى تېخىمۇ پاكىز قىلىدۇ، يەنە بەدەن ئىچكى مۇھىتىنىڭ بارغانسېرى مۇقىم، ساغلام بولۇشىغا پايدىلىق.

3. دۇريان(榴莲)

دۇريان بىر خىل ئىسسىق بەلباغ مېۋىسى، دۇرياننىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، ئەگەر ئاياللار ئادەتتە دۇريان يەپ بەرسە، بالىياتقۇ ۋە تۇخۇمداننى ئاسراش رولىنى ئوينايدۇ، يەنە ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى قان ئايلىنىش سۈرئىتىنى تېزلىتىشكە پايدىلىق، بولۇپمۇ ھەيىز ئاغرىتىپ كېلىدىغان ئاياللار دۇريان يەپ بەرسە، ھەيىز ئاغرىتىپ كېلىشنى پەسەيتىشكە تېخىمۇ پايدىلىق، يەنە بەدەننى ئىللىتىپ، رەڭگىرويىڭىزنى بارغانسېرى ياخشىلايدۇ.

03

بالىياتقۇنى ئاسراشتا بۇ تۆت ئىشنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك

1. قورساق قىسمىنى ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىش

ئاياللار بالىياتقۇنى ئاسراشتا چوقۇم قورساق قىسمىنىڭ ئىسسىق ساقلىشىغا دىققەت قىلىشى كېرەك، ھازىرقىدە سوغۇق، نەم ھاۋادا نۇرغۇن ئاياللار سالامەتلىكىنى ئاسراشقا سەل قارايدۇ، بۇ ۋاقىتتا نەم، سوغۇق ھاۋامۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كىرىۋالىدۇ، شۇڭا ئامال بار قېلىن كىيىنىپ قورساق قىسمىنى ئىسسىق تۇتۇشقا تېخىمۇ دىققەت قىلشى كېرەك، بۇنىڭدىن باشقا قورساق قىسمىنى مۇۋاپىق ئۇۋۇلاپ بەرسە، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بالىياتقۇنى ئىللىتىپ، زەھەرنى تازىلىغىلى بولىدۇ.

2. مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش

ئاياللارنىڭ ھەر كۈنى مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز، بولۇپمۇ ھازىر كۆپ قسىم ئاياللارنىڭ خىزمىتى ئاساسەن ئىشخانىدا پۈتۈن بىر كۈن ئىشلەش بولۇپ، بەدەندىكى زەھەر ئەخلەتلىرىنىڭ چىقىرىلىشىغا تېخىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھەر كۈنى مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش بالىياتقۇنى ئىللىتىپ، زەھەرنى تازىلاشقا پايدىلىق، زىيانلىق ماددىلارنىڭ قالدۇقىنى ئازايتىپ، بالىياتقۇنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلايدۇ.

3. ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۇتنى چىلاشنى داۋاملاشتۇرۇش

پۇتنى چىلاش نۇرغۇن ئاياللار ياخشى كۆرىدىغان بىر ئىش، ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۇتنى چىلاش پۇت ئاستىدىكى پەللىلەرنى غىدىقلاپ، بەدەندىكى قان ئايلىنىشنى تېزلىتىدۇ، پۇتنى چىلاشنىڭ زىيانلىق ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاشقا تېخىمۇ پايدىسى بار، شۇڭا ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۇتنى چىلاشنى داۋاملاشتۇرۇش بەدەن ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تېخىمۇ پايدىلىق، ئاياللار ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۇتىنى چىلىسا بالىياتقۇ ئىچىدىكى زەھەرلىك ئەخلەتلەرنى چىقىرىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاياللار كېسەللىكلىرىنىڭ خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ، پۇتنى چىلاش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، 20 ~ 30 مىنۇتتا كونترول قىلىشقا بولىدۇ.

4. ئىسسىقلىق چاينى كۆپرەك ئىچىش

نۇرغۇن ئاياللار بالىياتقۇنى سوغۇق قاپلاشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، بالىياتقۇنى سوغۇق قاپلاش مېتابولىزمنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، قاننىڭ ئايلىنىشى راۋان بولمايدۇ، يەنە بالىياتقۇنىڭ زەھەر تازىلىشىنى ئاستىلىتىدۇ، ئادەتتە بالىياتقۇنى ئىللىتىش رولى بار يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بەرسە، بالىياتقۇنىڭ زەھەر تازىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. ھەيىز توختاش مەزگىلى يىقىنلاشقان ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاسانلا ھەيىز قالايمىقانلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، بالىياتقۇغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ۋۇ چيەننىڭ« تېبابەت دەستۇرى» دا خاتىرىلىنىشىچە، ئالقات، جۇخار گۈلى، قات بەرگىلىك ئەتىرگۈل، قۇرۇق زەنجىۋىل بىزنىڭ بالىياتقۇمىزنى ئىسسىتىشقا ياردەم بېرىدىكەن.

چىلان، لۇڭيەن، قىزىلگۈل، زەنجىۋىل، جۇخار گۈلى، كۇلى بېھىسى، قىزىل پۇرچاق قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى تەييارلاپ، قايناق سۇ بىلەن بەش مىنۇت قاينىتىپ ئىچسە، قاننى جانلاندۇرۇپ، قېتىشمىلارنى ئېرىتىپ، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئاشقازاننى ئىللىتىپ، بالىياتقۇنىڭ زەھەر تازىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ، قۇۋۋەت ۋە قان تولۇقلىنىپ، بالىياتقۇ بارغانسېرى پاكىزلىنىدۇ، ئاياللار كېسىلىنى ياخشىلاشقا ياردەم بېرىدۇ، ئاياللارنىڭ بالدۇر قېرىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ

بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز

Retsipim
رېتسىپىم سالونى سىزنى ئەڭ يېڭى قوللىنىشچان رېتسىپلار بىلەن تەمىنلەپ ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى !!!
 最新文章