ياز پەسلى تۈرلۈك مېۋە-چېۋىلەر كۆپ مىقداردا بازارغا سېلىنىدىغان پەسىل، مېۋىلەر ئىچىدە شاپتۇل تەمى تاتلىق، شىرنىلىك بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىدۇ، ئەمما شاپتۇل ھەممە ئادەمنىڭ يېيىشىگە ماس كەلمەيدۇ. ئۇنداقتا شاپتۇلنىڭ زادى قانداق ئوزۇقلۇق قىممىتى بار؟ شاپتۇل يېگەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ قانداق ئادەملەر شاپتۇل يېيىشكە ماس كەلمەيدۇ؟ تۆۋەندە بۇ ھەقتە توختىلىمىز.
شاپتۇل تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق كۆپ خىل ئوزۇقلۇق تەركىبلەر بار. خەلق تورى ساغلاملىق سەھىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شاپتۇلنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، كۆپ خىل ۋىتامىنلار، مىنېرال ماددىلار ۋە مېۋە كىسلاتاسى مول بولۇپ، تۆمۈر مىقدارى مېۋىلەر ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. تۆمۈر ئادەم بەدىنىدىكى قان ئىشلەيدىغان ئاساسلىق ماددا بولۇپ، ساغلاملىققا ئىنتايىن پايدىلىق.
شاپتۇلنىڭ تەبىئىيىتى مۆتىدىل، ئوزۇقلۇق قىممىتى نىسبەتەن مول بولۇپ، ئۆپكە كېسىلىنى داۋالاشتا ئالاھىدە ئۈنۈمگە ئىگە. تەمى تاتلىق-چۈچۈمەل كەلگەن شاپتۇلنىڭ ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش، ئىسسىقنى ھەيدەش، ئۆپكىنى سېلىقلاشتۇرۇش رولى بولغاچقا «ئۆپكە مېۋىسى» دېگەن نامى بار، بۇ خىلدىكى شاپتۇل ئۆپكە كېسىلى بىمارلىرىغا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. شاپتۇلنىڭ يەنە قۇۋۋەت تولۇقلاش، ھۆللۈكنى يوقىتىش، ئۈچەينى سېلىقلاپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بار. شاپتۇل ماغدۇرسىزلىنىش، ئورۇقلاپ كېتىش، يۈرەك سېلىپ نەپەس يېتىشمەسلىك، قەۋزىيەت، ھەيز توختاپ قېلىش، قان ئۇيۇپ ئىششىپ ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى بار ئادەملەرگە بەكرەك ماس كېلىدۇ. «ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى»دە مۇنداق خەۋەر بېرىلگەن، تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، دائىم شاپتۇل يەپ بەرگەندە قان بېسىمى چۈشىدىغان بولۇپ، شاپتۇل قان بېسىمى بىمارلىرىنىڭ ياخشى تاللىشى بولالايدىكەن.
گەرچە شاپتۇلنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن ھەممە ئادەمنىڭ يېيىشىگە ماس كەلمەيدۇ. «ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن، شاپتۇلنىڭ تەبىئىيىتى مۆتىدىل، ئەگەر ئېغىز قۇرۇش، كېكىردەك ئاغرىش، بۇرۇندىن قان ئېقىشتەك ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەنلەر ياخشىسى شاپتۇلنى ئاز يېيىشى ياكى يېمەسلىكى كېرەك، بولمىسا ئىسسىق ئېشىپ كېتىش ئالامىتىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. تېرە كېسىلى بارلار، ئاسانلا يارا چىقىدىغان بىمارلار شاپتۇلنى ئاز يېيىشى كېرەك. شاپتۇل تۈكى رېئاكسىيە قىلىدىغانلار يېيىشتىن بۇرۇن تۇز سۈيىگە چىلاپ قويۇپ، ياكى چوتكا بىلەن يۇيۇپ پاكىز سۇدا چايقىۋېتىپ يېسە بولىدۇ.
شاپتۇل قەنت تەركىبى يۇقىرى مېۋە تۈرىگە كىرىدۇ، يۇقىرى قەنتلىك يېمەكلىكلەرنى يېگەندە ئاشقازان-ئۈچىيى ياخشى ئەمەسلەردە ئاسانلا ئىچ سۈرۈش ئالامىتى پەيدا بولىدۇ، بۇ ئەمەلىيەتتە قەنتنىڭ سېڭىشچانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شاپتۇلنى بەك كۆپ يېگەندە ئاشقازان-ئۈچەي دىۋارى ھۈجەيرىلىرىنىڭ سۇ سۈمۈرۈش ئىقتىدارى ئاشقازان-ئۈچەي ئىچىدىكى شېكەر ئوسموس بېسىمىدىن كىچىك بولۇپ، ھۈجەيرىدىكى سۇ تەركىبى ئاشقازان-ئۈچەي يوللىرىغا سىڭىپ كىرىدۇ. شاپتۇلنىڭ ئەسلىدىمۇ سۇ تەركىبى يۇقىرى بولغاچقا، ئاشقازان-ئۈچەيدە سۇ مىقدارى كۆپىيىپ، ئىچ سۈرۈشنى پەيدا قىلىدۇ. ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارى ناچارلار شاپتۇل يېسە ئاسانلا ئىچى سۈرۈپ قالىدۇ.
يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ