شوخلا ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشىنى تېزلىتىپ ، ئاقسىلنىڭ ھەزىم بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا شوخلىدىكى مول ۋىتامىن C ھۈجەيرە ئارىلىقىدا رول ئويناپ ، كوللاگېن ئشلەپچىقىرىپ ، قان تومۇرنى ساغلاملاشتۇرىدۇ .
دائىم سېرىق پۇرچاق يەيدىغان ئەرلەرنىڭ مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى يېمەيدىغانلارنىڭكىدىن تۆۋەن بولىدۇ، چۈنكى سېرىق پۇرچاقتىكى لېتستىن ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىدۇ.
سامساق ۋىتامىن B1 نىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ۋە ساخارىدنىڭ مېتابولىزمى ئاقىلىق ئېنېرگىيە ھاسىل بولۇشنى تېزلىتىپ ، ھارغىنلىقنى تۈگىتىدۇ . ئەرلەر كۆپ يەپ بەرسە ، بەدەن ساپاسى ياخشىلىنىدۇ . بېسىمغا قارشى تۇرۇشتا B12 ،B6 ،B2 ،B1 ۋە فولىك كىسلاتا، نېكوتىن كىسلاتاسى مۇھىم رول ئوينايدۇ ، نېرۋا سىستېمىسىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ ، ئېنېرگىيەنىڭ مېتابولىزمىنى ئاشۇرىدۇ .
مېڭىنىڭ %75 ى سۇ ، بەدەندە سۇ كەملىسە ئادەم ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ ، ئنكاسى ئاستىلايدۇ . كۆك چايدا ۋىتامىن C بار، ۋىتامىن C زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان، تېرىنى گۈزەللەشتۈرىدىغان ئوزۇقلۇق ماددا. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭدا يەنە قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان گىلۇتامىن كىسلاتاسى، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان ئاسپارتات كىسلاتاسى ۋە بەدەننى قۇۋۋەتلەيدىغان ئامىنو كىسلاتاسى بار، بۇ ماددىلار سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ، بېسىمنى يېنىكلىتىدۇ.