سەھەردىكى 30 مىنوت چېنىقىش 30 يىللىق ئۆمۈرگە......

文摘   2024-12-12 20:20   新疆  

بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن ياكى سېمىز ياشانغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، سەھەردە 30 مىنۇت چېنىقىش ئۇلارنىڭ قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشكە ياردەم بېرىدۇ. ئاۋسترالىيەدىكى غەربىي ئاۋسترالىيە داشۆسى بىلەن مېلبۇرن بېك يۈرەك ۋە دىيابېت كېسىلى تەتقىقات ئورنىنىڭ ئالىملىرى 80~55 ياشقىچە بولغان 67 نەپەر (بۇنىڭ ئىچىدە 35ى ئايال) سىناققا قاتناشقۇچىنى تاللاپ چىققان بولۇپ، بۇلار بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن ياكى سېمىز كىشىلەر ئىكەن. 

تەتقىقاتچىلار ياشانغانلارنىڭ سەھەردە چېنىقىشىنىڭ قان بېسىمغا بولغان پايدىلىق تەسىرى ھەمدە ئۇزۇن ئولتۇرۇش داۋامىدا پات-پات ئورنىدىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىشنىڭ سەھەردە چېنىقىشنىڭ ئەھمىيىتىنى ئاشۇرىدىغان ياكى ئاشۇرمايدىغانلىقىنى تەكشۈرمەكچى بولغان. تەتقىقاتچىلار سىناققا قاتناشقۇچىلاردىن ئالتە كۈندە ئوخشاشمىغان ئۈچ خىل ھالەتكە قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلغان: ئۇدا 8 سائەت ئولتۇرۇش؛ ھەرىكەت قىلىشتىن 30 مىنۇت بۇرۇن بىر سائەت ئولتۇرۇش، ئارقىدىن 6.5 سائەت ئولتۇرۇش؛ ھەرىكەت قىلىشتىن 30 مىنۇت بۇرۇن بىر سائەت ئولتۇرۇش، ئارقىدىن 6.5 سائەت ئولتۇرۇش جەريانىدا ھەر 30 مىنۇتتا بىر قېتىم ئورنىدىن تۇرۇپ ئۈچ مىنۇت ھەرىكەت قىلىش. بۇ تۈرلۈك تەتقىقات كونترول قىلىنىدىغان بىر تەجرىبىخانا مۇھىتىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، سىناققا قاتناشقۇچىلار تەتقىقات باشلىنىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى كەچتە ۋە تەتقىقات داۋامىدا ئوخشاش ئۆلچەملەشكەن يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغان. سىناقنى قوبۇل قىلغان سەككىز سائەت ئىچىدە، ئۇلارنىڭ قان بېسىمى ۋە ئادرېنالىن سەۋىيەسى تەكرار ئۆلچەنگەن. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھەرىكەت قىلمايدىغانلارغا سېلىشتۇرغاندا سەھەردە چېنىقىدىغانلارنىڭ ئوتتۇرىچە قان بېسىمىنىڭ (بولۇپمۇ قىسقىرىش بېسىمى) تۆۋەنلىگەنلىكى؛ ئۇزۇن ئولتۇرۇش داۋامىدا ئورنىدىن تۇرۇپ ئازراق ھەرىكەت قىلىشنىڭ قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقى مەلۇم بولغان. «يۇقىرى قان بېسىم ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان بۇ تۈرلۈك تەتقىقاتتا ياشانغانلارنىڭ سەھەردە چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرۇشى، ئولتۇرۇش داۋامىدا پات-پات ئورنىدىن تۇرۇپ 5~3 مىنۇت ھەرىكەت قىلىپ بېرىشى تەۋسىيە قىلىنغان.


يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ

بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز

Retsipim
رېتسىپىم سالونى سىزنى ئەڭ يېڭى قوللىنىشچان رېتسىپلار بىلەن تەمىنلەپ ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى !!!
 最新文章