1 . چامغۇرنى قاينىتىپ ، سۈيىدە يۈزنى يۇيۇپ بەرگەندە يۈزدىكى داغ يوقايدۇ.
2 . ھۆل ياڭاق مېغىزىنى يۇمشاق ئېزىپ ، ئاخشاملىرى يۈزىگە سۈرتۈپ بەرگەندە ، سەپكۈن ۋە باشقا داغلارنى يوقاتقىلى بولىدۇ ..
3 . خولىجاننى سوقۇپ تاسقاپ ، زەيتۇن يېغى ياكى ياسىمەن يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم تەييارلاپ ، يۈزگە چاپسا ، تېرىنى پارقىرىتىپ ، داغلارنى يوقاتقىلى بولىدۇ..
4 . ئانار شەربىتىگە ئانار پوستىنى ئېزىپ ئارىلاشتۇرۇپ ، يۈزىگە چېپىپ بەرسىمۇ داغنى يوقاتقىلى بولىدۇ ..
5 . ئاق مۇم،ھەسەل،باش پىياز شىرنىسى،پىياز گۇل شىرنىسىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 30گرامدىن تەييارلاپ ھەممىسىنى ساپال قاچىغا سېلىپ،ئوتنى سۇس قىلىپ قىزىتىپ،ياغاچ تاياقچە بىلەن تەكشى ئارلاشتۇرۇپ،سۇۋۇغاندىن كىيىن بۇتۇلكىغا سېلىپ ئىشلىتىشكە تەييارلاش كېرەك،
ھەر كۇنى ئەتىگەن ۋە كەچتە يۇزنى پاكىز يۇيۇپ،ئاندىن قۇرۇق يۇقىتىش مەلھىمىنى يۇزگە سۇركەپ ئۇن مىنۇتتەك ئاستا ئۇۋۇلاپ،ئاندىن يۇمشاق لاتا بىلەن سۇرتۇۋېتىش كېرەك. بۇخىل مەلھەم قۇرۇق چۇشۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە قۇرۇق يۇقىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بۇلۇپ،دائىم ئىشلەتسە يۇزدىكى قۇرۇقنى يۇقىتىپ،يېڭى قۇرۇقلارنىڭ قايتىدىن پەيدا بۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ..
6 . كالا سۇتىدىن بىر نەچچە تېمىم تېمىتىپ يۇز ۋە قۇلغا سۇرتۇپ بەرسە،تېرىنىڭ پارقىراق ۋە يۇمشاق بۇلۇشنى ئاشۇرىدۇ..
7 . ئاخشىمى ھۆل ياڭاق مېغىزىنى يۇمشاق ئېزىپ ياكى چايناپ يۇزگە چېپىپ بەرسە،يۇزدىكى سەپكۇن ۋە داغنى يۇقىتىشتا ئۇنۇمى بۇلىدۇ..
8 . زىغىرلىقتىكى سېرىق ئوتنى دەملەپ ئېچىپ بەرسە،يۇزدىكى سەپكۇن ۋە داغنى يۇقىتىشتا ئۇنۇمى بۇلىدۇ..
9 . كۇندە ئەتىگەندە يۇز يۇغاندا داسقا ئىسىق سۇ قۇيۇپ ئۇستىگە لۆڭگە يېپىپ يۇزنى ھۇردىتىپ بەرسە،يۇزگە قۇرۇق چۇشۇشنى داۋالىغىلى بۇلىدۇ..
10. سېرىق پۇرچاقنى قاينىتىپ،قايناتقان سۇيىنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن قۇل ۋە يۇزگە سۇرۇتۇپ بەرسە،يۇزگە قۇرۇق چۇشۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ..
11 . تەرخەمەكنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلغاندا،چىراي گۇزەللىكىنى ئاسىرىغىلى بۇلىدۇ..
12 . ھەر كۇنى ئەتىگەندە ۋە كەچتە مەرۋايىتنى يۇزگە ئاستا سۇركەپ بەرسە،تېرىنى ئاسىراش،ھۆسىن تۇزەش،داغ،قۇرۇق يۇقىتىش رۇلىنى ئۇينايدۇ..
13 . كۆك رەيھاننى سىقىپ،سۇيىگە ھەسەل ياكى قەنىت سېلىپ داۋاملىق،ئۇزاق مۇددەت ئىچسە،يۇزدىكى داغنى چۇشۇرۇپ،چىراينى نۇرلاندۇرىدۇ..
14. لىمۇننىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۇيىنى تېرىگە چاچسا، تېرە سەپكۇن، داغ، ئاق داغ ۋە دانىخۇرەكلەرگە شىپا بۇلىدۇ.
15. بادام مېغىزىنى كۆيدۈرۈپ كۈلىنى قاش ۋە كىرپكىگە سۈرۈپ بەرسە تۈك بەزلىرىگە قۇۋۋەت بىرىپ قاش كىرپىكلەرنى ئوستۈرىدۇ ۋە قارايتىدۇ.
16. تۇلۇق پىشقان تاتلىق قۇغۇن مېغىزىنى ئىزىپ، شۇ قۇغۇنىڭ سۈيىگە تەكشى ئارلاشتۇرۇپ يەرلىك ئۇرۇنغا چاپسا تۇغۇتتىن كىيىنكى داغنى چۈشىرىدۇ. چىرايدىكى قورۇقلارنى يۇقۇتۇپ يۈز تىرىسىنى پارقىرتىدۇ ۋە سىلىقلايدۇ..
يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ
بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز