ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ
بەزىلەر ئادەمنىڭ ئىككى ئاشقازنى بار دەيدۇ ، بىرسى تاماق يىيشكە ، يەنە بىرسى شورپا ئىچىشكە . شورپىنى مۇنداق ئىچسىڭىز قىشتا ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايسىز ، ئىمونتىت كۈچىڭىز يۇقىرى بولىدۇ !
نىلۇپەر يىلتىزى شورپىسى
ئۈنۈمى : - نىلۇپەر ئۆپكىنى سىلىقلاپ يۆتەل توختىتىدۇ ، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ تەننى قۇۋەتلەيدۇ ، قوۋرۇغا بىلەن بىللە قايناتسىڭىز يۈرەكنى قۇۋەتلەپ قان تۇلۇقلايدۇ ، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ ، قان ئازلىق ، يۈرەك سېلىش ۋە ئۇيقۇسىزلىققا شىپا قىلىدۇ .
تۇرۇپ شورپىسى
ئۈنۈمى : - تۇرۇپ شورپىسى بەدەندىكى يىغىلىپ قالغان زەھەرلىك ئىسسىق چىقىرىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا كىپەك يوقىتىش ، باش قىچىشىش ، يۆتەل بۇرۇندىن قان ئېقىش قاتارلىقلارغا ماس كېلىدۇ .
پىچەكگۈل شورپىسى
ئۈنۈمى : - بۇ قىشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئۇزۇقلۇق ، گۈزەللىكنى سۆيىدىغان قىزلار ھەرگىز قولدىن بەرمەڭ . بۇ يەنە تېرىنى ئاقارتىش ، سىلىقلاش قاتارلىق رولى بار .
قارا پۇرچاق شورپىسى
ئۈنۈمى : - قارا پۇرچاقىنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ تەركىبىدىكى كالىتسىي ، فوسفور ، كالىي قاتارلىق مىنرال ماددىلارنىڭ مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى ، بۇنى دائىم ئىچىپ بەرسە بۆرەك قاننى ياخشىلايدۇ ، بولۇپمۇ چاچقا بەلگىلىك ئۇزۇقلۇق ئۈنۈمى بار .
قىشتا ئۆيدە ئىسسىق شورپا قىلىپ ، قىشتىكى سوغۇقنى ۋە ھارغىنلىقنى تۈگۈتۈڭ ، يىقىنلىرىڭىزغا يوللاپ قۇيۇڭ ئۇلارمۇ بىلىۋالسۇن .
يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ