قانچە ياش قېرى ھېسابلىنىدۇ؟ 50 ياش؟ 60 ياش؟ 80 ياش؟
ياش پەقەت بىر سان خالاس، ھەقىقىي قېرىشنى پەقەت ئۆزىلا ھېس قىلالايدۇ.
ھەر كۈنى ئەينەككە قاراپ ئۆزىنىڭ كۈندىن كۈنگە ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلى يىرىم بولىدىغانلار ئاز ئەمەس.
ئەگەر سىز يەنە ھەر كۈنى بۇ نەرسىلەرنى داۋاملىق يېسىڭىز، قېرىش بىلەن بولغان ئارلىقىڭىز تىخمۇ يىقىنلىشىدۇ.
01
« قېرىتىش دورىسى» دەپ ئاتىلىدىغان 3 خىل يىمەكلىك
1. تۇزلۇق يېمەكلىكلەر
ئاش تۇزى ناترىي ئىيونى ۋە خىلور ئىيونى شەكلىدە ئادەم بەدىنىدىكى قان ۋە بەدەن سۇيۇقلۇقىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ مۇھىم رولى ئادەم بەدىنىنىڭ ئوسموس بېسىمى، كىسلاتا-ئىشقار تەڭپۇڭلۇقى ۋە سۇ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشتىن ئىبارەت. نورمال تۇز قوبۇل قىلىش قورقۇنچلۇق ئەمەس، بىراق. ئەگەر تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا بەدەندىكى ناترىي ئىئونى ئېشىپ كېتىپ، يۈز ھۈجەيرىلىرىنى سۇسىزلاندۇرۇپ، تېرىنىڭ قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن قورۇق كۆپىيىدۇ.
تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا يۇقىرى قان بېسىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن، يەنە ئادەمنىڭ چىرايىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. تېرىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن، بىر قەدەر ئىلمىي بولغان ئۇسۇل كۆپرەك سۇ ئىچىپ بېرىش، تېرىنىڭ زەھەر تازىلىشىغا ياردەم بېرىش، ئۇنىڭدىن باشقا، كۈندىلىك تۇز قوبۇل قىلىش مىقدارى ئالتە گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك.
2. يۇقىرى قەنتلىك يېمەكلىكلەر
شېكەرنى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلغاندا، « گلىكوزىلىشىش» رېئاكسىيەسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بەدەن قىياپىتىڭىزنى ئۆزگەرتىۋېتىپلا قالماستىن، يەنە تېرىڭىزنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە پارقىراقلىقىنى يوقىتىدۇ، قورۇقلار كۆپىيىدۇ، تەر تۆشۈكچىلىرى يوغىناپ كېتىدۇ، يۈز قىسمىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ بالدۇر قېرىپ كېتىدۇ.
3. پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۆش تۈرلىرى
سۈرلەنگەن گۆش قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى كىچىك بالىلار ناھايىتى ياخشى كۆرۈپلا قالماي، يەنە ئاياللارمۇ ياخشى كۆرىدۇ.
سۈرلەنگەن گۆش ۋە كولباساغا ئوخشاش گۆش تۈرىدىكى پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەر ئالدى بىلەن ئەسلىدىكى يېمەكلىك ماتېرىيالىنىڭ يېڭى ۋە ساغلام بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىدا يەنە بەلگىلىك مىقداردا نىترىت كىسلاتا تۇزى قوشۇلىدۇ. شۇڭا، گۆش تۈرىدىكى پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.
چىرىشتىن ساقلاش دورىسى، رەڭ ئاشۇرۇش دورىسى ۋە رەڭ ساقلاش دورىسى قاتارلىقلار قوشۇلغاچقا، ئادەم جىگىرىنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سۈرلەنگەن گۆش قاتارلىق يېمەكلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى يۇقىرى ناترىيلىق يېمەكلىك بولۇپ، كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىنسا، تۇز تەركىبىنىڭ زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قان بېسىمىنىڭ داۋالغۇشى ۋە بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تېز سۈرئەتتە قېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
02
ئۈچ ناچار ئادەتمۇ« بالدۇر قېرىش» نىڭ باش جىنايەتچىسى
1. تۈن بويى كىرپىك قاقماي تىياتىر كۆرۈش
تۈنەش تېرە ساغلاملىقىنىڭ دۈشمىنى بولۇپ، ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا، تېرە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھەر خىل تەڭشەش ھەرىكەتلىرىنىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تېرە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، ھەر كۈنى ئاز دېگەندە سەككىز سائەت ئۇخلاش كېرەك، ئەگەر بۇ سەۋىيەدىن تۆۋەن بولسا، ئۆزىنىڭ ساغلاملىق كۆرسەتكۈچىنى قايتىدىن مۆلچەرلەش كېرەك.
ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولۇش-بولماسلىقى تېرىدە ناھايىتى ئاسانلا ئىپادىلىنىدۇ، بولۇپمۇ كۆز قىسمىدىكى يۇمران تېرىلەر، ئۇيقۇ تاتلىق ھەم ياخشى بولسا، تېرىدىكى ھارغىنلىقنى تۈگىتىپ، تېرە ھۈجەيرىلىرىنىڭ تەڭشەش پائالىيىتىنى نورمال ھالەتكە كەلتۈرۈپ، تېرىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرىدۇ.
2. تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش
نىكوتىننىڭ تېرىدىكى قان تومۇرلارنى تارايتىش رولى بار، شۇڭا تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ تېرىسىدە قورۇقنىڭ پەيدا بولۇشى تاماكا چەكمەيدىغانلارغا قارىغاندا 10 يىل بۇرۇن بولىدۇ، ئەگەر سىز تاماكا چەككۈچى بولسىڭىز، قارىماققا ئوخشاش ياشتىكىلەرگە قارىغاندا 10 ياش قېرى كۆرۈنىسىز.
ھاراق ئىچكەندە تېرىدىكى ماي مىقدارىنى ئازايتىپ، تېرىنىڭ سۇسىزلىنىپ كېتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېرىنىڭ نورمال ئىقتىدارىغا ۋاسىتىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.
3. سۇ ئىچىشنى ياخشى كۆرمەسلىك
سۇ ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى. تېرىگە ۋاقتىدا يېتەرلىك سۇ تولۇقلاش تېرە ئاسراش يولىنىڭ ئاچقۇچى. ئەگەر سۇ تەركىبى يېتەرلىك بولمىسا، ماي ئاجرىتىپ چىقىرىش مىقدارى يېتەرلىك بولماي، تېرە ئاسانلا سۇسىزلىنىدۇ، شۇڭا ھەر كۈنى 6 ~ 8 ئىستاكان سۇ ئىچىش كېرەك، ئەمما تەركىبىدە كوففېئىن مول بولغان ئىچىملىكلەرنى ئىچمەسلىك كېرەك.
ئەگەر يۇقىرىقى ناچار ئادەت ۋە يېمەكلىكلەرنى دائىم ئىستېمال قىلسىڭىز، بەدىنىڭىزدە« بالدۇر قېرىش» ئالامەتلىرىنى كۆرىسىز.
03
ئاياللار قېرىشقا باشلىغاندا بەدەندىكى بۇ بىر قانچە ئورۇندا ئىپادىسى ناھايىتى روشەن بولىدۇ
1. تېرە تۇتۇق سېرىق بولۇش، قورۇق چۈشۈش
ئاياللارنىڭ قېرىشىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى شۇكى، قورۇقلار بارغانسېرى كۆپىيىپ بارىدۇ، ئادەتتە بەزى چىراي ئىپادىلىرى كۆرۈلەەندە يۈزدىكى قورۇقلارنى بايقىغىلى بولىدۇ. بۇ بەدەننىڭ قېرىشىدىكى يەنە بىر سىگنال. تېرىنىڭ مېتابولىزمى ئاستىلىغاندا، بەدەندىكى ھەر قايسى ئەزا، سىستېمىلارنىڭ ئىقتىدارىمۇ تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ. مەسىلەن، جىگەر ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كەتسە، بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلار ۋاقتىدا بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلمەي، تېرە سارغىيىش، داغ كۆپىيىش، قورۇق چۈشۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. ئارتۇق گۆشلەر كۆپىيىپ، ئورۇقلىماق تەس بولۇش
ئاياللارنىڭ قېرىشىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى« سەمرىپ كېتىش» .
بۇ ئاساسلىقى تۇغۇتتىن كېيىنكى ئاياللارنىڭ قورساق قىسمىنىڭ تېرىسى نىسبەتەن بوش بولۇپ، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۆزىنىڭ ھەزىم قىلىش، ماددا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى تەدرىجىي ئاجىزلايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەرىكەت مىقدارى ئازلاپ كەتسە، ماي قورساق قىسمىدا ئۈزلۈكسىز يىغىلىپ قالىدۇ. قورساق قىسمىنىڭ سەمرىپ كېتىش سۈرئىتى تېزلەشكەندە، بەدەن مېتابولىزمىنىڭ ئاستىلىشىغا دىققەت قىلىش كېرەك، بۇمۇ قېرىشنىڭ ئىپادىلىرىدىن بىرى.
3. كۆپ مىقداردا چاچ چۈشۈش
بۇمۇ ئاياللارنىڭ قېرىشىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى بولۇپ، كۆپ مىقداردا چاچ چۈشۈپ كەتسە، ئادەتتە قان ۋە قاننىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئىقتىدارىنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇنداقلا ئەزالارنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، بىر كۈندە 100 تالدىن ئارتۇق چاچ چۈشۈپ كەتسە ھوشيار بولۇش كېرەك.
4. ” ئىككى يەر“ تۆۋەنگە ساڭگىلاش
ئېلاستىكلىقى يېتەرلىك ساغرا ۋە تولغان كۆكرەك قىسمى قىزلارنىڭ ياشلىقىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى، شۇنداقلا ئاياللارنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىدىغان مۇھىم ئۇسۇل. ئەمما، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، مۇسكۇلنىڭ ئېلاستىكلىقى تۆۋەنلەيدۇ، كوللاگېن ئاقسىلىمۇ يېتىشمەيدۇ، كۆكرەك ۋە ساغرا قىسمى تەدرىجىي تۆۋەنگە ساڭگىلايدۇ.
04
ئاياللار”بىرنى كۆپ يىيىش، بىرنى كۆپ ئىچىش” كىرەك
1. چىلاننى كۆپ يىيىش
چىلاننىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق بولۇپ، تالنى ساغلاملاشتۇرۇش، قان تولۇقلاش رولىغا ئىگە، ئۇزاق مۇددەت يېسە يۈز قىزىرىشقا پايدىلىق. ئەلۋەتتە يېيىش ئۇسۇلىمۇ ناھايىتى كۆپ، مەسىلەن، چاي دەملەش، شورپا قاينىتىش، ئۇماچ ئېتىش، پېچىنە-پىرەنىك پىشۇرۇشتىمۇ بىرنەچچە تال چىلان قوشۇشقا بولىدۇ. بىر قېتىم بەك كۆپ يېمەڭ، 3 ~ 5 تال بولسىلا بولىدۇ، 10 تالدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كىرەك. قان قەنتى يۇقىرى، قەۋزىيەت بار ئاياللار ئامال بار ئاز ئىستېمال قىلىشى كىرەك.
2. قىزىل پۇرچاق ئىئوۋلېۋا گۈرۈچى سۈيىنى كۆپرەك ئىچىپ بېرىش كېرەك.
قىزىل پۇرچاق تەركىبىدە تاش ئىشقارى كىسلاتاسى، سېللۇلوزا ۋە سوپۇن ئىشقارى بار بولۇپ، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىپ، قەۋزىيەتنى ئازايتىپ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ، شۇڭا يۈرەك ۋە بۆرەك مەنبەلىك سۇلۇق ئىششىق، جىگەر قېتىشىپ قورساققا سۇ چۈشۈش، پۇت تەمرەتكىسى، ئىششىق قاتارلىق ئالامەتلەرنى يوقىتىدۇ.
تەسۋىقوناقنىڭ بەدەندىكى قان ئايلىنىش، سۇ مېتابولىزمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىششىقنى ياندۇرۇش ئۈنۈمى بار، سۇلۇق ئىششىق تىپىدىكى سېمىزلىكنى ياخشىلاشقا پايدىلىق. ئىئوۋلېۋا مېغىزى سۈيى ناھايىتى ياخشى بولغان زەھەر تازىلاش ئۇسۇلى بولۇپ، ئىئوۋلېۋا مېغىزىنى بىۋاسىتە قايناق سۇدا قايناتقاندىن كېيىن، ئازراق شېكەر قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، تېرىنى ئاقارتىدىغان تەبىئىي ئوزۇقلۇققا ئايلىنىدۇ.
ئىككىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا تالنى ساغلاملاشتۇرۇش، قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇش، مىجەزنى تەڭشەش، يەلنى ھەيدەش، ھۆللۈكنى ھەيدەش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپ، ئىچكى ئەزالارنى ئومۇميۈزلۈك ماسلاشتۇرغىلى بولىدۇ، دائىم ئۇيقۇسى كەلمەيدىغان، كۆپ چۈش كۆرىدىغان كىشىلەر ھەر كۈنى بىر ئىستاكان ئىچىپ بەرسە، قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇپ، قاننى قۇۋۋەتلەپ، ھارغىنلىقنى پەسەيتىدۇ ھەم ئۇيقۇ سۈپىتىنى بارغانسېرى ياخشىلايدۇ.
يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ
بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز