تەييارچۆپ تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددا تەكشۈرۈپ چىقىلدى،يەنە يەمسز

文摘   2024-12-15 20:20   新疆  

يېمەكلىك مۇتەخەسىسلىرى: «يۇقىرى دەرىجىلىك يېمەكلىك ماتېرىياللىرىغا پەقەت ئاددىي تاماق ئىتىدىغانلارلا ئېھتىياجلىق بولىدۇ» دەيدۇ، تەييار چۆپ دەل مۇشۇنداق يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنىڭ بىرى.

بولاقنى يىرتىپ، قاچىغا قۇيۇپ، قايناق سۇ قۇيۇپ، پەقەت ئۈچ مىنۇتتىلا بىر ۋاق تاماق يېيەلەيسىز.

تەمى ئېسىل، تەييارلاش ئاسان بولغاچقا، سانسىزلىغان كىشلەر توپىنىڭ ياخشى يېمەكلىكىگە ئايلاندى، خىزمەت قىلىپ ھېرىپ كەتسە، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ قورسىقى ئاچسا، بىر قاچا يەۋالىدۇ، ھەر قېتىم ئۇزۇن سەپەرگە چىققاندا، كىشىلەر ئۇنى ئېلىۋالىدۇ.

لېكىن، يېقىنقى بىر خەۋەر، تەييار چۆپنى ياقتۇرۇپ يەيدىغان نۇرغۇن كىشىلەرنى قورقىتىۋەتتى.

چۈنكى، تەييار چۆپتىن راك پەيدا قىلغۇچى ماددا تەكشۈرۈپ چىقىلدى!

داڭلىق تەييار چۆپنىڭ تەركىبىدىكى راك پەيدا قىلغۇچى ماددا ئۆلچەمدىن 148 ھەسسە ئېشىپ كەتكەنلىكى تەكشۈرۈپ چىقىلدى.

01

تەييار چۆپ تەركىبىدىكى راك پەيدا قىلغۇچى ماددا ئۆلچەمدىن 148 ھەسسە ئېشىپ كەتتى

8-ئاينىڭ 14-كۈنى، تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياۋرۇپا كورېيەدىكى داڭلىق تەييار چۆپ كارخانىسى «نوڭشىن» گورۇھى ئېكسپورت قىلغان دېڭىز مەھسۇلاتلىرى چۆپىنىڭ 1-دەرىجىلىك راك پەيدا قىلغۇچى ماددا ئېپوكسى ئېتاننىڭ ئۆلچەمدىن ئېغىر دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ چىققان، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆلچەملىك قىممىتىنىڭ 148 ھەسسىسىدىن ئېشىپ كەتكەن.

بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، كورېيە خەلقى جىددىيلىشىپ كەتتى، تەييار چۆپ كورېيەدە ئائىلىدە كەم بولسا بولمايدىغان يېمەكلىك ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياۋروپاغا ئېكسپورت قىلىنغان بۇ تەييار چۆپ كورېيەدە ئوخشاش باھادا سېتىلىۋاتاتتى.

بىراق نوڭشىن گۇرۇھى كورىيە دۆلەت ئىچىدە سېتىلىۋاتقان تەييار چۆپ بىلەن ئېكىسپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئوخشىمىغان زاۋۇتلاردا ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقى، بىر قەدەر بىخەتەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇنداقتا دۆلەت ئىچىدىكى« نوڭشىن» تەييار چۆپلىرى بىخەتەرمۇ؟

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، « نوڭشىن» دىن ئىبارەت بۇ ۋەقە يۈز بەرگەن تەييار چۆپ جۇڭگوغا كۆپ مىقداردا ئېكسپورت قىلىنمىغان، جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدا سېتىلىۋاتقىنى دۆلەت ئىچىدىكى سېتىش سودىگەرلىرى سېتىۋالغان كورېيە نۇسخىسى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ۋاكالىتەن زاۋۇتتا ئىشلەپچىقىرىلغانلىرى ئىكەن.

دېمەك، دۆلەت ئىچىدىكى تەييار چۆپلىرى بىر قەدەر بىخەتەر ھېسابلىنىدۇ.

تەييار چۆپنى كىشىلەر بۇرۇندىنلا ياخشى نەرسە ئەمەس دەپ قاراپ كەلدى.

توردىمۇ ھەر خىل قاراشلار تارقالماقتا:

بىر قېتىم تەييار چۆپ يېگەندە، جىگەر 32 كۈن زەھەر قايتۇرىدۇ؛

تەييار چۆپ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىسى بولۇپ، سالامەتلىككە ناھايىتى زىيانلىق؛

تەييار چۆپ ئەخلەت يېمەكلىك؛

...

بەزى ناچار سودىگەرلەر زىيانلىق نەرسىلەرنى قوشۇۋېلىشى مۇمكىن، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن بارلىق تەييار چۆپنى ئىنكار قىلىپ، باشقا ماركىغا زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.

02

تەييار چۆپ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا چىرىشتىن ساقلاش دورىسى بارمۇ؟ كۆپ يەۋالسا زەھەرلىنىپ قالامدۇ؟

يېمەكلىككە چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىسى قوشۇش باكتېرىيە، زەمبۇرۇغ قاتارلىق مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ئۆسۈشىنى تىزگىنلەش ئۈچۈندۇر.

لېكىن، كۆپ ساندىكى تەييار چۆپنىڭ ھەممىسى مايدا پىشۇرۇلىدۇ، چۆپ يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا مايدا پىشۇرۇلغاندىن كېيىن، مۇتلەق كۆپ ساندىكى مىكرو جانلىقلار يوقىتىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەركىبىدىكى سۇ مىقدارى ناھايىتى تۆۋەن بولغاچقا، زەمبۇرۇغلارنىڭ ئۆسۈش شارائىتىنى قامدىيالمايدۇ.

شۇڭا، تەييار چۆپكە ئادەتتە چىرىشتىن ساقلاش دورىسى قوشۇش ھاجەتسىز.

چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىسى قوشۇلغان تەقدىردىمۇ، بەك ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق.

نۇرغۇن كىشىلەر چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىسى زەھەرلىك دەيدۇ، لېكىن كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا، ھەرقانداق ماددا زەھەرلىك بولىدۇ، زەھەرلىنىشنىڭ ئاچقۇچى سىز قوبۇل قىلغان مىقدارىدا.

ھەرقانداق نەرسىنى كۆپ يېسە زىيانلىق، سۇنى كۆپ ئىچسە ئوخشاشلا ئادەم ئۆلىدۇ، تۇزنى كۆپ يېسە ئوخشاشلا زەھەرلىنىدۇ، بۇ دەل مىقدارغا ئاساسەن زەھەرنى بەلگىلەيدۇ دېگەن ئۇقۇمدىن ئىبارەت.

شۇڭا، چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىسىنىڭ زىيانلىق ياكى زىيانلىق ئەمەسلىكىنى مىقدارى بەلگىلەيدۇ.

ئەمەلىيەتتە، دۆلەتنىڭ قانۇنىدا ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىش بەلگىلەنگەن يېمەكلىك خۇرۇچلىرىنىڭ ھەممىسى قاتتىق بىخەتەرلىك باھالىشىدىن ئۆتكەن، توغرا ئىشلىتىش دائىرىسى، توغرا ئىشلىتىش مىقدارى ئىچىدە مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىنسا، ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىگە تامامەن كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىسىنىڭ تەننەرخىمۇ تۆۋەن ئەمەس، كۆپرەك قوشۇشنى زاۋۇتمۇ خالىمايدۇ.

03

بىر قېتىم تەييار چۆپ يېگەندە، جىگەر 32 كۈن زەھەر قايتۇرامدۇ؟

جىگەر ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم زەھەر قايتۇرغۇچى ئەزا بولۇپ، ھەر خىل توكسىنلار جىگەردىكى بىر قاتار خىمىيەلىك رېئاكسىيەلەر ئارقىلىق زەھەرسىز ياكى زەھىرى تۆۋەن ماددىغا ئايلىنىدۇ.

تەييار چۆپ تېتىتقۇسىغا ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلار، خۇش پۇراق ماتېرىياللار قاتارلىق يېمەكلىك خۇرۇچلىرى قوشۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى دۆلەت قوشۇشقا رۇخسەت قىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە مىقدارىمۇ قاتتىق كونترول قىلىنغان، ھەربىر تۈرنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارىدا ئېنىق بەلگىلىمە بار، شۇڭا لاياقەتلىك مەھسۇلات بولسىلا، خاتىرجەم ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ، نورمال ئادەم بەدىنى مېتابولىزمى ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ.

04

تەييار چۆپ قاچىسىدا پارافىن بار بولۇپ، قايناق سۇدا ئېرىپ زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 راستىنلا شۇنداقمۇ؟

بەزىلەر تەييار چۆپ قاچىسىنىڭ ئىچكى قەۋىتىگە پاراففىن سۈركەلگەن، قايناق سۇ قۇيسىلا يېمەكلىك ئىچىدە ئېرىپ كېتىدۇ، دەپ قارايدۇ.

ئەمەلىيەتتە، تەييار چۆپ قەغەز قاچىسىنىڭ ئىچكى دىۋارىدىكى سۇ ئۆتكۈزمەس قەۋەت رىۋايەتلەردىكى موم بولماستىن، بەلكى بىخەتەر پولى ئېتىلېنغا پەردە يالىتىلىدۇ.

پولى ئېتىلېننىڭ ئېرىش نۇقتىسى 110 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدۇ، ئەمدىلا قاينىغان سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندىمۇ 100 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ، ئۇنى ئېرىتىپ، ئاتالمىش زىيانلىق ماددىلارنى قويۇپ بېرىش مۇمكىن ئەمەس.

05

تەييار چۆپ ئەخلەت يېمەكلىكمۇ؟

ئەخلەت يېمەكلىكلەر ئادەتتە ھېچقانداق ئوزۇقلۇق قىممىتى يوق يېمەكلىكلەرنى كۆرسىتىدۇ، ئەمما تەييار چۆپنىڭ ھېچقانداق ئوزۇقلۇقى يوق ئەمەس.

تەييار چۆپ تەركىبىدە سۇ، ئاقسىل، ماي، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، مىنېرال ماددىلار، ۋىتامىنلار بولۇپ، بۇلار ئادەم بەدىنى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلاردۇر.

شۇڭا، تەييار چۆپنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى بار، ئەمما تەڭپۇڭ ئەمەس.

06

تەييار چۆپنى مۇنداق يىسىڭىز ئوزۇقلۇق قىمىتى تىخىمۇ ئاشىدۇ؟

1. ئەڭ ياخشىسى قاينىتىپ يېيىش، بىۋاستە قايناقسۇغا چىلاپ يۇمشىتىپ يىمەسلىك.

پىشۇرۇش جەريانىدا ئۇنىڭغا ھەرخىل ماتىرياللارنى قوشۇش كېرەك. مەسىلەن، كەرەپشە، پەمىدۇر، تۇخۇم قاتارلىقلار. بۇنىڭدا تەييار چۆپ تەركىبىدە كەمچىل بولغان ۋىتامىن ۋە ئاقسىللارنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ.

2. تەييار چۆپ بىلەن تاماقنى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇش كېرەك.

ئەگەر چىلاپ يېيىشكە توغرا كەلسە، بىر ئىستاكان قېتىق ياكى سۈت، سوغۇق كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋىلەرنى قوشۇپ يىيىش، شۇ ئارقىلىق تەييار چۆپتە كەمچىل بولغان ئاقسىل، ۋىتامىن، مىنېرال ماددا قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلاش كېرەك.

3. ئىچىدىن چىققان خۇرۇچلىرىنى ئاز ئىشلىتىش، يېرىمىنى ئىشلەتسىڭىزلا بولىدۇ.

ئالدىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، تەييار چۆپنىڭ تۇز مىقدارى بەك يۇقىرى بولۇپ، بىر قاچا تەييار چۆپنىڭ تەركىبىدىكى ناترىي مىقدارى ئادەتتە 2000-3000mg بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى% 70 مىقدارىدا تەڭشەلگەن ماتېرىيال خالتىسى ۋە قىيام خالتىسى بار.

شۇڭا، تەييار چۆپ يىگەندە ھەممىنى تۆكمەسلىك كېرەك.

ئۇنىڭدىن باشقا، تەييار چۆپ سۈيىنى ئاز ئىچىش ياكى ئىچمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىمىز.

4. كولباسا بىلەن تۇزلانغان تۇخۇمنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.

كولباسا بىلەن سۈرلەنگەن تۇخۇم تەييار چۆپنىڭ ئالتۇن ھەمراھى دەپ ئاتىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار بىللە يېيىشكە ماس كەلمەيدۇ.

ئارىلاشتۇرۇپ يېگەندە، تۇز تەركىبى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش مەسىلىسى كېلىپ چىقىدۇ.

تەييار چۆپنىڭ تەركىبىدىكى تۇز مىقدارى ئەسلىدىنلا بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، ئەگەر ئۇنى تۇز تەركىبى يۇقىرى بولغان كولباسا ۋە تۇزلانغان تۇخۇم بىلەن قوشۇپ يېسە، ئۇ ھالدا يۇقىرى ئۆرلەپ كېتىدۇ. 


يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ

بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز


Retsipim
رېتسىپىم سالونى سىزنى ئەڭ يېڭى قوللىنىشچان رېتسىپلار بىلەن تەمىنلەپ ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى !!!
 最新文章