بۇ 5 ئالامەتتىن بىرى كۆرۈلسە بۆرەككە تاش چۈشكەن بۇلىشى مۇمكىن

文摘   2024-12-16 20:20   新疆  

ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ

بۆرەككە تاش چۈشكەنلىكنىڭ ئالامىتى قايسىلار؟ 

1. بەل سانجىپ ئاغرىش : - بۆرەك سانجىقى بولسا بۆرەككە تاش چۈشكەنلىكنىڭ تىپىك ئالامىتى بولۇپ ، دائىم ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن ياكى كېچىدە بىر تەرەپ بەل ۋە دۈمبە تۇيۇقسىز قاتتىق ئاغرىيدۇ ، چۈنكى بەك ئاغرىپ كەتسە پىچاق بىلەن كەسكەندەك سېزىم بولغانلىقتىن تۆۋەنكى قورساق قىسمى بىلەن يوتىنىڭ ئىچكى تەرىپىمۇ ئاغرىيدۇ ، كۆڭلى ئېلىشىپ ياندۇرىدۇ ، چىرايى ئاقىرىدۇ . كېسەل ئولتۇرغاندا ۋە ياتقاندا ئارامسىزلىنىپ بەك ئازابلىنىدۇ . بۆرەك سانجىق ئاغرىقىنىڭ سەۋەبى بولسا بۆرەك تېشى چىقىرىلىش جەريانىدا بۆرەك جامى ياكى سۈيدۈك توشۇش نەيچىسىنى توسۇۋېلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ . 

2. قانلىق سۈيدۈك : - تەخمىنەن %80 تاش چۈشكەن بىماردا قانلىق سۈيدۈك كۆرۈلىدۇ ، ئۇنىڭ پەقەت بىر قىسمىنىلا كۆز بىلەن بايقىغىلى بولىدۇ ، كۆپ قىسمى بولسا پەقەت سۈيدۈكنى لابوراتورىيەلىك تەكشۈرۈشىدە ئاندىن بايقىلىدۇ . قانلىك سۈيدۈك بايقىغان بىمارلار چۇقۇم ۋاقتىدا دۇختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈشى كېرەك .


3. ئالامەت بولماسلىق : - ئاز بولمىغان بىمارنى سالامەتلىك تەكشۈرگەندە تاسادىپىي بۆرەكتە تاش بايقىلىدۇ ، ھېچقانداق ئالامەت بولمايدۇ . 

4. بۆرەككە سۇ يىغىلىش : - تاش بۆرەك جامى ۋە سۈيدۈك توشۇش نەيچىسىنى ئېتىۋېلىپ سۈيدۈكنىڭ چىقىرىلىشى راۋان بولماي ، بۆرەككە سۇ يىغىلىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بەزى بۆرەككە سۇ يىغىلغاندا ھەرقانداق ئالامەت بولمايدۇ . ئۇزاق مۇددەت بۆرەككە سۇ يىغىلغاندا كېسەل بۆرەكنىڭ ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچرايدۇ . ئىككى تەرەپتىكى بۆرەككە سۇ يىغىلىش ئېغىر بولغاندا سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . 

5. قىزىش : - بۆرەككە تاش چۈشۈش يۇقۇملىنىشتىنمۇ كېلىپ چىقىدۇ ( يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك تاش ) ، شۇڭا باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىشنى پەيدا قىلىپ ، قىزىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . تاش سۈيدۈكنىڭ چىقىرىلىشىنى توسۇۋالغانلىقتىن باكتېرىيە ۋاقتىدا چىقىرىلماي ، ئېغىر بولغاندا سېپىتسېمىيەنى (败血病 قان چىرىش كىسىلى) كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .


يېمەك - ئىچمەك بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى


1. سۇنى ئاز ئىچىش : - كۈندىلىك سۇ ئىچىش مىقدارى نورمىغا يەتمەي ئۇزاق داۋاملاشقاندا ئاسانلا سۈيدۈكنىڭ قويۇقلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئاسانلا تاش پەيدا قىلىدۇ . 

2. پۇرىن مېتابولىزىم نورمالسىزلىشىدۇ : - ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى ، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىدىن چىقىدىغان يېمەكلىكلەر ، يەر ياڭىقى ، كۆك پۇرچاق قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە پۇرىن تەركىبى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ ، بىر قېتىمدا كۆپ ئىستېمال قىلىنسا ، سۈيدۈكتە تاش پەيدا بولىدۇ . 

3. ئاقسىلنى ھەددىدىن ئارتۇق قۇبۇل قىلىش : - كۆپ مىقداردا يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا ، بۆرەك ۋە سۈيدۈكتىكى كالتسىي ، ئوكسالات ، سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ تەركىبى ئومۇميۈزلۈك ئاشىدۇ ، ئاسانلا بۆرەككە تاش چۈشىدۇ . 

بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇش نۇرغۇن ناچار ئالامەتلەرنىڭ زىيىنىغا ئەگىشىپ بۆرەكتە تاش پەيدا بولىدۇ ، بۆرەكتە تاش پەيدا بولغان بىمارلار بالدۇرراق داۋالاپ بىر تەرەپ قىلىپ ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەرەققىي قىلىپ تېخىمۇ كۆپ زىيان ئېلىپ كېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك . كىچىك تاشلارغا نىسبەتەن ، ئادەتتە توغرىسىغا دىئامېتىرى 6 مىللىمېتىردىن تۆۋەن بولغان تاشلارغا نىسبەتەن ، مۇتەئەسسىپ داۋالاش ئۇسۇلىنى ( يەتلىك داۋالاش ) قوللىنىپ ، كۆپ مىقداردا سۇ ئىچىش ، ئىسسىقنى قايتۇرۇش ، كۆپ ھەرىكەت قىلىش ، كۆپ سەكرەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق تاشلارنىڭ چىقىپ كېتىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ . كىلىنىكىدا دائىم ئىشلىتىلىدىغان تاش چىقىرىش جۇڭيى دورىلىرىدىن سۈيدۈك شىتۇڭ كۇمىلىچى ، تاش چىقىرىش دانچىسى قاتارلىقلار بار . ئۇنىڭدىن باشقا ، سېرىق چاي ، كۆممىقوناق چېيى قاتارلىق جۇڭيى دورا چايلىرىمۇ تاش چۈشۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .

بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز


Retsipim
رېتسىپىم سالونى سىزنى ئەڭ يېڭى قوللىنىشچان رېتسىپلار بىلەن تەمىنلەپ ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى !!!
 最新文章