بالىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟

文摘   2024-12-14 20:20   新疆  

بالىلار بۇ ئۈچ خىل كۆكتاتنى كۆپرەك يەپ بەرسە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسرىغىلى بولىدۇ.

كۆپ خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ھازىر نۇرغۇن بالىلار يىراقنى كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قالدى، نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن كۆزەينەك تاقاشقا توغرا كېلىدۇ، لېكىن بۇنداق قىلغاندا گۈزەللىككە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، تۇرمۇشقىمۇ قولايسىز.

ئالىم بىر مەغرۇر بالا، ئۇنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئەزەلدىن ياخشى. لېكىن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن، دەرس كۆپ بولغاچقا، ھەر كۈنى يازىدىغان تاپشۇرۇق كۆپ، دەم ئېلىش ۋاقتىدا يەنە يان تېلېفوندا كۆرۈنمە چاستوتىغا كۆرەتتى، ئاستا-ئاستا دوسكىنى ئېنىق كۆرەلمەيلا قالماي، يەنە ئەڭ ئاخىرىدا ئۆگىنىش نەتىجىسىگىمۇ تەسىر يەتتى.

ئاتا-ئانىسى بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئالىمنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتكەن، دەرۋەقە ئالىمنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەپ كەتكەن. دوختۇر ئالىمنىڭ كۆزىنى ئاسراشقا دىققەت قىلىشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆرۈش قۇۋۋىتىگە پايدىلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىشىنى تەۋسىيە قىلدى.

ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن،ئالىمنىڭ ئاپىسى نۇرغۇن ھايمانتۇس مېۋىسى، ئۈزۈم قاتارلىق مېۋىلەرنى سېتىۋېلىپ ئالىمغا يېگۈزدى، دوختۇرنىڭ ئېيتىشچە، بۇ مېۋىلەر كۆزنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولۇپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسراش رولى بار، شۇنداقلا ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇردىكەن.

ئەمەلىيەتتە، دوختۇرنىڭ تەكلىپى ۋەئالىمنىڭ ئانىسىڭ قىلغىنى توغرا.

تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئادەمنىڭ كۆز قىسمىدا يۈز بېرىدىغان كېسەللىكلەر بەدەندىكى ۋىتامىن ۋە مېنېرال ماددىلارنىڭ كەملىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تەركىبىدە ۋىتامىن بولغان يېمەكلىكلەر كۆزنى ئاسراش رولىغا ئىگە ئىكەن.

ئۇنداقتا، قايسى كۆكتات ۋە مېۋىلەر كۆزنى ياخشى ئاسرايدۇ؟

1

 تەركىبىدە ۋىتامىن A بولغان كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋىلەر

ئادەم بەدىنىدە بەلگىلىك ۋىتامىن A كەمچىل بولسا، مۈڭگۈز پەردە ياللۇغىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىر يەتكۈزۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

سېرىق، قىزىل رەڭلىك كۆكتات ۋە مېۋىلەردە كىسانتوفىل بىرقەدەر يۇقىرى بولغاچقا، بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن ۋىتامىن A غا ئۆزگىرىپ، بەدەندىكى ئەركىن رادىكاللارنى يوقىتىپ، كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ.

تەركىبىدە كىسانتوفىل بىر قەدەر كۆپ بولغان يېمەكلىكلەردىن ئاساسلىقى سەۋزە، ئاپېلسىن ۋە كۆكمۇچ قاتارلىقلار بار.

2

تەركىبىدە ۋىتامىنB2بولغان كۆكتات ۋە مېۋىلەر

ۋىتامىن B ئادەم بەدىنىدە كەم بولسا بولمايدىغان ۋىتامىن بولۇپ، ئۇنىڭ كۆز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن زىچ، تەركىبىدە ۋىتامىن Bبولغان كۆكتات ۋە مېۋىلەر كۆزنىڭ چارچاش دەرىجىسىنى ياخشى پەسەيتىپ، كۆزنىڭ نەملىكىنى ساقلايدۇ.

قىزىل دېڭىز يۈسۈنى، چېچەكسەي، ئالقات قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن B2 مول بولۇپ، بالىلار كۆپ يېسە كۆزىگە پايدىلىق.

3

تەركىبىدە ۋىتامىن C ۋە E بولغان مېۋە-چېۋىلەر

ۋىتامىن C ۋە ۋىتامىن E ئادەم بەدىنىدە مەۋجۇت بولغان ئوكسىدلارنى تازىلىيالايدۇ، ئەگەر بۇ ئىككى خىل ماددا كەم بولسا كۆزگە ئاق چۈشىدۇ.

ئادەتتە قېنىق يېشىل رەڭلىك كۆكتات ۋە ھەر خىل مېۋە-چېۋىلەرنىڭ تەركىبىدە ئىنتايىن مول بولغان ۋىتامىن C بولىدۇ، ياڭاق ۋە يەر ياڭىقى مېۋىسىنىڭ تەركىبىدە بولسا بىر قەدەر كۆپ بولغان ۋىتامىن E بار، شۇڭا بالىلارغا كۆپرەك يېگۈزۈش كېرەك.

ئۇنىڭدىن باشقا، گۈل ھۆسنى ماددىسى يەنە بىر خىل تەبىئىي ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددا بولۇپ، ۋىتامىن C ۋە ۋىتامىن E نىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، كۆزنىڭ سىرتقى مۇھىتنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، كۆز مۈڭگۈز پەردىسىنى ئۈنۈملۈك قوغدايدۇ.

بۇلارنىڭ ئىچىدە خولوڭگۇ، ئەينۇلا، ئۈزۈم قاتارلىق كۆك سۆسۈن رەڭلىك يېمەكلىكلەر تەركىبىدە گۈل ھۆسنى ماددىسى مول.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بۇ يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قوبۇل قىلغان يېمەكلىكلەردە ۋىتامىن قانچە كۆپ بولسىمۇ، كۆزگە پەقەت قوشۇمچە رول ئوينىيالايدۇ، مۇھىمى كۆز تازىلىقىغا دىققەت قىلىپ، كۆزنىڭ تولۇق ئارام ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلغاندىلا، ئاندىن كۆزنى تېخىمۇ ساغلام قىلغىلى بولىدۇ.

قانداق قىلغاندا بالىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى قوغدىغىلى بولىدۇ؟

1

كۆزنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش

بالىنىڭ كىتاب كۆرۈش، تاپشۇرۇق ئىشلەش قاتارلىق ئۇدا كۆز ئىشلىتىش ۋاقتى 40 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، كېيىن چوقۇم كۆز ئىشلىتىشنى توختىتىش كېرەك. يىراققا نەزەر سېلىپ، كۆزنى مۇۋاپىق ئارام ئالدۇرۇش.

02

ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئازايتىش

يانفون، كومپيۇتېر قاتارلىقلارنىڭ كۆزگە نىسبەتەن غىدىقلاش رولى بار، بولۇپمۇ بالىلارغا بولغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئامال بار ئاز ئىشلىتىش ياكى ئىشلىتىشنى كونترول قىلىش كېرەك. بالا كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ۋاقىت بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

بالىلارنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن، بالىلارنى يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەپ كۆزنى ئاسراش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بالىلارنىڭ كۆز تازىلىقىغا دىققەت قىلىپ، ياخشى بولغان كۆز ئىشلىتىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك، بولۇپمۇ ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلاردىن يىراق تۇرۇش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا بالىلار ئۆگىنىش ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق ئورۇنداش بىلەن بىر ۋاقىتتا، داۋاملىق بىر جۈپ ساغلام كۆزگە ئىگە بولالايدۇ

يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ

بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز

Retsipim
رېتسىپىم سالونى سىزنى ئەڭ يېڭى قوللىنىشچان رېتسىپلار بىلەن تەمىنلەپ ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى !!!
 最新文章