ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ
مەيدە ئاغرىش: - ئۇزاق مۇددەت مەيدە ئاغرىشقا سەل قاراشقا بولمايدۇ .
نەپەس قېينىلىش _: - ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش قاتارلىق جىددى ھەركەتلەرنى قىلغان ۋاقىتتىن سىرت نەپەس قىيىنلاشقان بولسا چۇقۇم دىققەت قىلىڭ . جىددى خاراكتېرلىك يۈرەك سول قىسمى ئاجىزلاش ، زىققا كېسىلى قاتارلىقلارمۇ نەپەسنى قېيىنلاشتۇرۇىدۇ . ئەگەر كىشىلەر بۇنى بەك ھېرىپ كەتكەنلىكتىن بولغان دەپ ئەھمىيەت بەرمىگەندە ، جانغا خەۋپ يەتكۈزۈشى مۇمكىن .
يۈرەك سېلىش : - يۈرەك سېلىش تۇيۇقسىز تېزلىشىپ ، باش قېيىش ، كۆكرەك ئاغرىش ھەتتا ھوشىدىن كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە ، بۇ قېرىنچە ئۈستى مەنبەلىك يۈرەك ھەرىكىتىنىڭ زىيادە تېزلىشىشى سەۋەبلىك تۇيۇقسىز قازا قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئەگەر يۈرەك سوقۇش تۇيۇقسىز ئاستىلاپ كەتسە بۇمۇ تويۇقسىز قازا قىلىشنىڭ بىر خىل ئىنكاسى ھېسابلىنىدۇ .
باش قاتتىق ئاغرىش : - ئەگەر يۇقىرى قان بېسىم بولسا ھەمدە تۇيۇقسىز باش قاتتىق ئاغرىپ ، ياندۇرسا بۇ جىددى خاراكتېرلىك مېڭە ، قان-تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ يۈز بەرمەكچى بولغانلىقىنىڭ ھەمدە تۇيۇقسىز قازا قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنىڭ ئىنكاسىدۇر . قول-پۇتلارنىڭ پالەچلىنىشىمۇ جىددى خاراكتېرلىك مېڭە ، قان-تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ، تويۇقسىز قازا قىلىشنىڭ ئىنكاسى .
ھوشسىزلىنىش : - بىرەر كىشىنىڭ تۇيۇقسىز ھوشسىزلانغانلىقىنى ، قانداق قىلىپمۇ ھېچقانداق ئىنكاس كۆرۈلمىگەنلىكىنى بايقىغاندا ، يۈرىكى توختىغان ، مېڭە زەخمىلەنگەن دەپ قاراشقا بولىدۇ .
تارتىشىش : - يۈرەك كېسىلى بار كۆپلىگەن ياشانغانلار ھاۋا تىنجىق كۈنلىرى ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان ئۆيگە بېكىنىۋالغاندا ، ئاسانلا تارتىشىش ، تەرلەش ، چىرايى تاتىرىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ . ياشلارمۇ ئادەتتە چېنىقىشنى ئادەت قىلىشى كېرەك .
جىددى خاراكتېرلىك قورساق ئاغرىش : - جىددى خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى ، ھەزىم قىلىش يولى تېشىلىش ، جىددى خاراكتېرلىك سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى، ئۆت ياللۇغى، ئۈچەي يولى توسۇلۇش ، بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولۇشتىن پەيدا بولغان يېرىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە جىددى خاراكتېرلىك قورساق ئاغرىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ.
نەپەس بوغۇلۇش : - سۇغا چۆكۈش ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان نەپەس يولىدا غەيرىي نەرسە توسۇلۇش ، كېكىردەك ئىشىش ، بويۇن زەخمىلىنىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆپكە بىلەن تاشقى مۇھىتنىڭ نورمال ھاۋا ئالماشتۇرۇشىغا تەسىر قىلىپ ، كىشىنى ئوكسىگېنسىز ھالەتتە قالدۇرىدۇ . بۇنداق بولغاندا كۈچلۈك قاقىلىش ، نەپەس قېينىلىش ، چىراي تاتىرىش ، بىئارامسىزلىنىش تۈپەيلى نەپەس ۋە يۈرەك سوقۇش توختايدۇ .
ئەگەر يۇقىرىقى ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىمارنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر ھوشيار تۇرۇپ قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىپ ، ئېغىرراق بولسا 120 گە تېلېفۇن قىلىپ ، كەسپى دوختۇرلارنىڭ قۇتقۇزۇشىنى تەلەپ قىلىش ، ھەرگىز سەل قارىماسلىق كېرەك .
ئۆزڭىز ئەڭ يىقىن بىلگەن ئادەملەرگە ئەۋەتىشنى ئۇنۇتماڭ
يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ
بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز