ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ
چىچەكسەينى مۇنداق يېسىڭىز گۆشتىن تاتلىق ،بىلمىگەنلەر ئارماندا
سالۈنىمىز بۈگۈن سىزگە گۆشنىڭ ئورنىدا يېگۈدەك كۆكتاتنى تۇنۇشتۇرماقچى
چىچەكسەي ،گۈل كەرەم ؟چىچەكسەينىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى باشقا كۆكتاتلارغا قارىغاندا يۇقىرى ،بولۇپمۇ ۋىتامىن c نىڭ ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ !بۆرەكنى قۇۋەتلەش ،مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇش ،تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ ئاشقازاننى قۇۋەتلەش روللىرى بار .
بۈگۈن سالونىمىز ئىنتايىن يىيىشلىك ،كاۋاپ تەملىك ھەم سالامەتلىكىمىزگە پايدىلىق --- زىرە چېچەكسېيىنى تۇنۇشتۇرماقچى !
زىرە چېچەكسەي
ماتىرياللار
گۆش150 گىرام
قۇرۇق مۇچ5 تال
زەنجىۋىل
سامساق
جىياڭيۇ
زىرە
قىزىل مۇچ
كاۋاۋىچىن
ئۇسۇلى
چىچەكسەينى تال تال توغراپ ،قايناق سۇغا قۇيۇپ 30 سىكوتتىن كېيىن ئېلىۋالىمىز .
قازانغا ماي قۇيۇپ گۆشنى قورىيمىز ،زەنجىۋىل سامساق قۇرۇتۇلغان مۇچنى سېلىپ قورۇپ ،ئارقىدىن چىچەكسەينى قورىمىز .
قىزىل مۇچ ،زىرە ،كاۋاۋىچىنلارنى قۇيۇپ تەكشى ئارلاشتۇرىمىز ،ئازراق تۇز قۇيۇپ قازاندىن ئالساقلا بولىدۇ .
قېنى سىزمۇ سىناپ بېقىڭ !
يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ