ئاياللار كۆپ يىسە تىرىسىنى ئاقارتىدىغان 4 خىل يېمەكلىك

文摘   2024-11-29 20:25   新疆  

سالونىمىز سىزگە ئەڭ يېقىن 

كونىلاردا «بىر ئاق يۈز سەتچىلىكنى ياپار» دېگەن گەپ بار، ئاپئاق تېرە  خۇددى ئورۇقلىغانغا ئوخشاش، قىزلارنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىنتىلىشى.
ھەقىقەتەن، ئاپئاق تېرە چىرايغا نومۇر قوشىدۇ، قانداق كىيىم كىيسە يارىشىدۇ، ئەگەر تېرىسى ساماندەك سېرىق بولسا، بەش ئەزاسى نەپىس بولسىمۇ، يەنىلا ئازراق «توپا» چىراي پۇرىقى چىقىپ تۇرىدۇ.

نۇرغۇن سېرىق، قارا تەنلىك قىزلار ئاقىرىش ئۈچۈن، تېببىي گۈزەللىكنى تاللايدۇ، مەسىلەن، بىز دائىم كۆرىدىغان ئاقارتىش ئوكۇلى دىگەندەك ، بۇنىڭ ئۈنۈمى ھەقىقەتەن تېز بولىدۇ، ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېز ئاقارتىدۇ، لېكىن ئۇنى ئاسراشقا توغرا كېلىدۇ، بەدەنگە زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە بەلگىلىك ئىقتىسادىي بېسىم پەيدا قىلىدۇ.

نۇرغۇن كىشىلەر ئاقارتىش تەس دەپ قارايدۇ، قانچە بوتۇلكا ئاقارتىش جەۋھىرى ئىشلەتسىمۇ پايدىسى بولمايدۇ، يا ئاقارمايدۇ ، يا بىر مەزگىل ئىشلىتىشتىن توختىسىلا قارىداپ كېتىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىچكى تەڭشەشكە ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكتىن كېلىپ چىققان، بەدەندىكى قارا پىگمېنتلار يىغىلىپ قېلىپ، تازىلانمىغاچقا، ئاقارمايدۇ.
ئەمەلىيەتتە، تېرىنى ئاق، يۇمران، سىلىق قىلىش ئۈچۈن، ئىچىنى تەڭشەش ئىنتايىن مۇھىم، ئادەتتە ئاقارتىش ئۈنۈمىگە ئىگە يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق ئاقارتىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.

1- ئوزۇقلۇق ماددىلار
ۋىتامىن C، نىكوتىنامىد، سېلىن ئېلېمېنتىدىن ئىبارەت بۇ ئۈچ خىل تەركىبنى ئۇزۇن مۇددەت تولۇقلاپ بەرگەندە  بەدەن ئىچىدىكى جانلىق قارا ھۈجەيرىلەرنى تىزگىنلەپ، داغنىڭ چۆكۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قارا پىگمېنتنىڭ چىقىرىلىشىنى تېزلىتىپ، تېرەنى ئىچىدىن سىرتقا ئاق ھەم پارقىراق قىلىدۇ.
بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ۋىتامىن C تېرىگە كوللاگېن ئاقسىلى تولۇقلاپ، قارا پىگمېنتنىڭ ھاسىل بولۇشىنى تىزگىنلەيدۇ.
نىكوتىنامىد كۈچلۈك ئاقارتىش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپ، شەكىللىنىپ بولغان داغلارنى پارچىلاپ سۇسلاشتۇرىدۇ.
سېلېن ئېلېمېنتى بەدەندىكى گلۇتاتىئوننىڭ بىرىكىشى ۋە سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قارا پىگمېنتنىڭ ھاسىل بولۇشىنى ئازايتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەركىن رادىكالنىمۇ تازىلاش رولىمۇ بار.

2 -پۇرچاق تۇرلىرى 
كۆپ ئۇچرايدىغان پۇرچاق تۇرلىرىدىن  پۇرچاق سۈتى، پۇرچاق ئۇيۇتمىسى قاتارلىقلار بار، بۇ تۈردىكى يېمەكلىكلەر تەركىبىدە دادۇر ئىزوفلاۋونى بار بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى ئانىلىق ھورمون بىلەن ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئىچكى ئاجراتمىلارنى تۇراقلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ، ئۇزۇن مۇددەت تولۇقلىغاندا تېرە رەڭگىنى ئاقارتىپلا قالماي، يەنە ئىچكى ئاجراتمىلارنى تۇراقلاشتۇرۇپ، روھىي كەيپىياتنى ياخشىلايدۇ.

3-پالما مىيى مىۋىسى
پالما مىيى مىۋىسىنىڭ تەركىبىدە مول ۋىتامىن ۋە ئۆسۈملۈك مېيى قاتارلىق تەركىبلەر بولۇپ، ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن ئاسان سۈمۈرۈلىدۇ، بەدەندىكى ماددا ئالمىشىشنى تېزلىتىپ، قارا پىگمېنت ۋە باشقا ئارىلاشما ماددىلارنىڭ چىقىپ كېتىشىگە پايدىلىق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بەدەنگە يېتەرلىك سۇ بېرىپ، تېرە ھۈجەيرىلىرىنىڭ يىگىلەپ قېلىشى، ئىنچىكە سىزىقچىلارنىڭ پەيدا بولۇشى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

4- كالا سۈتى
سۈتنىڭ قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى، ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل، ۋېتامىن C كۆپ خىل ئوزۇقلۇققا ئىگە، داۋاملىق ئىچسە بەدەنكە كېرەكلىك ئوزۇقلۇق ماددا تولۇقلاپ، تېرەنى ناھايىتى ياخشى ياشايدۇ، ئەتىگەن ۋە كەچتە بىر ئىستاكان ئىلمان سۈت ئىچىشنى تەۋسىيە قىلىمىز، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىچسە يەنە ئۇيقۇغا ياردەم بېرىش رولى بار.

يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ

بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز

Retsipim
رېتسىپىم سالونى سىزنى ئەڭ يېڭى قوللىنىشچان رېتسىپلار بىلەن تەمىنلەپ ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى !!!
 最新文章