جان ئالغۇچى كېسەلنىڭ يۇشۇرۇق قاتىلى

文摘   2024-12-19 20:20   新疆  

ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ

بۇرۇن ناھايىتى ئاز ئاڭلاپ قالىدىغان كېسەللەر مانا ھازىر بىزگە بارغانسىرى يىقىنلىشىپ كېلىۋاتىدۇ ، ھەتتا بەزى ئائىلىلەرنى خانە ۋەيران قىلىۋەتمەكتە .

ئاق قان كېسىلى :- ئاق قان كېسىلى بولسا بىر خىل قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرىنىڭ يامان سۈپەتلىك كلونلىنىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان كېسەللىك . كىلون خاراكتېرلىك ئاق قان كېسىلى ھۈجەيرىلىرى - كۆپىيىش ، كونتروللۇقىنى يوقىتىش ، بۆلۈنىشى توسالغۇغا ئۇچراش ، ئۆلۈشى توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىق ئامىللار تەسىرىدىن يىلىك ۋە باشقا قان ئىشلەش ئورگانىزىملىرىدا كۆپلەپ كۆپىيىپ توپلىنىدۇ ، ھەمدە باشقا قان ھاسىل قىلمايدىغان توقۇلما ۋە ئەزالارغا ئىنفىلتراتسىيەلىنىدۇ ( ئاستا - ئاستا سىڭڭىپ كىرىدۇ ) ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نورمال قان ئىشلەش ئىقتىدارىنى تىزگىنلەيدۇ . 

كىسەللىك ئىپادىلىنىشى : - كىلىنىكىدا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى قان ئازلىق ، قاناش ، ياللۇغلىنىش ، قىزىش ھەمدە جىگەر ، تال ، لىمغا تۈگۈنى ئىششىپ قېلىش ۋە سۆڭەك ئاغرىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ . خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، ئېلىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار ئىچىدە ياش - ئۈسمۈرلەرنىڭ سانى بارغانسىرى ئىشىپ ماڭغان .

ئۇنداقتا تۇرمۇشىمىزدا بالىلارنىڭ ئاق قان كېسىلى بۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرۋاتقان ئامىللار قايسىلار ؟  بۇ ئامىللار ئىچىدە كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىغىنى دەل دۇكانلاردا سېتىلىۋاتقان ھەرخىل ئورالمىلىق يىمەكلىكلەر ۋە ھەرخىل قۇتىلاردىكى ھەرخىل تەمدىكى ئىچىملىكلەر . . . . .

ئاتا - ئانىلار چۇقۇم دىققەت قىلىڭ : - بالىڭىزنى قانچىلىك ياخشى كۆرۈپ ئامراقلىق قىلسىڭىزمۇ ئوماق پەرزەنتىڭىزنىڭ كىچىك تۇرۇپلا مۇشۇنداق كىسەللەرگە گىرىپتار بوپ قىلىشغا سەۋەبچى بوپ قالماڭ . بەزى ئاتا ئانىلار بىزنىڭ بالىلىرىمىز كۈندە ئىچكىلى 3 ، 4 يىل بوپ قالدى ھەجەپ كىسەل بولمىدىغۇ دەپ ئويلاپ قىلىشىڭىز مۇمكىن ، لىكىن مۇشۇنداق كۈندە ، ئايدا ، يىلدا ئىلىپ بېرىۋەسىڭىز ، تاما - تاما كۆل بولار دىگەندەك ، زيىنى بارا - بارا يىغىلىپ بالىڭىز كسەلگە گىرىپتار بولغاندا كىسەل كارۋىتى يىنىدا قول قۇشتۇرۇپ ئازاپلىنىدىغىنى يەنىلا سىز .

مەيلى ئۇ قانچە ئېسىل بولسۇن ، چەت ئەلنىڭ ۋە قايسى داڭلىق ماركا بولسۇن ،  قانچىلىك ئىشەنچىلىك بولسۇن بەرىبىر ، ئىچكۈزمىسە ھېچنىمە بولمايدۇ ! 

چۈنكى : - ئاق قان كېسىلىگە كىرىپتار بولغانلارنى داۋالاشتا كۆپ ئۇچرايدىغان داۋالاش ئۇسۇلى يىلىك ئالماشتۇرۇش . يىلىك ئالماشتۇرغاندىن كېيىن سىڭىشىش نىسبىتى قانچىلىك ؟ ساقىيىش نىسبىتى قانچىلىك ؟ يەنە قانچە يىل ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ ؟ بۇ كېسەلنى زادى نېمە كەلتۈرۇپ چىقاردى ؟ 

چوڭ ئۈچەينىڭ ئىقتىدارىغا بىرلەشتۇرۈپ تەھلىل قىلغاندا : - چوڭ ئۈچەينىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىدارى بولسا سۇ سۈمۈرۈپ بەدەنگە لازىم بولغان سۇنى ھەممە يەرگە يەتكۈزۈپ بېرىش . بۇ جەرياندا چوڭ ئۈچەي لۆمۈلدەيدۇ ، بۇ ئۇنىڭ ئىككىنچى چوڭ ئىقتىدارى .

چوڭ ئۈچەي بىر تەرەپتىن سۇ سۈمۈرۈپ ، بىرتەرەپتىن لۆمۈلدەپ ، كېرەكسىز ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىش ئۈچۈن 24 سائەت سەرپ قىلىدۇ . چوڭ ئۈچەي سۈمۈرگەن سۇنىڭ كۆپ قىسمىنى بۆرەككە يوللايدۇ ، بۆرەك سۇنى تازلايدۇ ، قاننىڭ 95 پىرسەنتى سۇ بولۇپ ، بۇ سۇلارنىڭ ھەممىسىنى چوڭ ئۈچەي سۈمۈرۈپ كەلگەن .

ئاق قان كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەب : - بولسا دەل چوڭ ئۈچەينىڭ سۇ سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىشى  . 

ھازىرقى بىر قىسىم ئاتا - ئانىلار ئىچىملىكنى قۇۋەتلىك ، ۋىتامىنى كۆپ ، ئۇنى تولۇقلايدۇ ، بۇنى تولۇقلايدۇ دەپ بالىلىرىغا كۆپ ئېلىپ بېرىدۇ . ھەتتا بەزىلەر بالام سۇ ئىچكىلى ئۇنىمايدۇ دەپ ئىچىملىك ئىچكۈزىدۇ ، ياكى شىكەر ، شەربەت تالقىنى قاتارلىقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىچكۈزىدۇ . 

ئىچىملىكنىڭ 99 پىرسەنتىدە بىر خىل ماددا بار : - ئۇ بولسىمۇ تاتلىقلاشتۇرغۇچ . ئىسمى چىرايلىق بولغىنى بىلەن ئەڭ قورقۇنۇچلۇقى شۇ . ئىچىملىكنى كۆپ ئىچىدىغان بالىلارنىڭ چوڭ ئۈچىيى سۇنى سۈمۈرۈپ يەتكۈزەلمەي تاتلىقلاشتۇرغۇچنى تەڭ سۈمۈرىدۇ . بۇ تاتلىقلاشتۇرغۇچ بۆرەكتىن يىلىككە ئۆتۈپ كېتىدۇ . ئەلۋەتتە كۆپ مىقتاردىكى تاتلىقلاشتۇرغۇچ نورمال ئەھۋالدا سۈيدۈك بىلەن چىقىپ كېتىدۇ ، لېكىن بالىلار ھەدىدىن زىيادە تاتلىقلاشتۇرغۇچنى ئىستىمال قىلسا ، يىلىك قانداق نورمال قان ئىشلەپچىقىرالايدۇ ؟ ئاز- ئازدىن يىغىلىپ كۆپ مىقتاردىكى تاتلىقلاشتۇرغۇچ بەدەندە ئېرىمەي ، يىلىك ئارىسىغا دۆۋىلىنىپ ، خۇددى تۇپراقلار ئارىسىدىكى چىرىمەي مۇھىتنى بۇلغاۋاتقان سۇلياۋ خالتىلارغا ئوخشاش توسۇلۇپ ، ساقلىنىپ قالمامدۇ ؟

بالا تۇغۇلغان كۈنىدىن باشلاپ تازلانغان ساپ سۇغا ئېھتىياج بولىدۇ ( شارائىتىڭىز يار بەرسە ئۆيىڭىزگە سۇ تازىلاش ئۈسكىنىسى ئورنىتىڭ ، ئەڭ ياخشىسى شۇ ) . ھەر بىر ئەزاسىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ، چوڭىيىشى سۇغا مۇھتاج بولىدۇ ، ئادەم بەدىنىنىڭ 70 پىرسەنتى سۇ، مېڭىنىڭ 83 پىرسەنتى سۇ . بالا تۇغۇلۇپلا ساپ سۇغا كۆندۈرۈڭ . ئىچمىسە شېكەر ئارىلاشتۇرماڭ ، ئۇسسىسا چوقۇم ئىچىدۇ . ھەر قانداق ئىچىملىق شەربەتلەر سوۋۇتۇلغان قايناقسۇغا يەتمەيدۇ .


تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىپ بالىڭىزنىڭ ساغلام ئۈسۈپ يىتىلىشىگە ياردەم بېرىڭ


1. يالىلارغا ھەرخىل ئىچىملىكلەرنى ئىچكۈزمەسلىك : - تۇرمۇش ياخشىلىنىپ ، بالىنىڭ ئاغزىدىن چىققىنىنى ھازىرلاپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم ئاتا - ئانىلاردا « قايناقسۇنىڭ قۇۋۋىتى يوق » دېگەن خاتا قاراشنى چۆرۈپ تاشلاپ بالىڭىزنى كىچىكىدىن سوۋۇتۇلغان قايناقسۇغا كۆندۈرۈڭ . 

2. يېمەك -ئىچمەك تەرتىپلىك بولۇش : -  يېڭى كۆكتات ، يېڭى مېۋە - چىۋىلەر چوقۇم بولۇشى كېرەك . پاكىز يۇيۇپ دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ ئېغىزدىن كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك . ئاغرىپ قالغاندا قالايمىغان دورا بەرمەسلىك . پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يىمەكلىكلەرنى ئاز بېرىش كېرەك .

3. مايلىق نەرسىلەرنى ئاز يىيىش : - بالىلارغا زىيادە مايلىق ياكى مايدا قورىغان نەرسىلەرنى ئاز بېرىش ، تۇزغا چىلىغان سوغۇق سەيلەر ۋە كاۋاپ تۈرىدىكى نەرسىلەرنى ئاز بېرىش . 

4. ھاراق تاماكىدىن يىراق تۇتۇش : - كىچىك بالىلار ئەتراپىدا تاماكا چەكمەسلىك كېرەك . ئىس -  تۈتەك بار ، ئىچىشىپ چىكىشىدىغان ھەرخىل سورۇنلارغا بالىلارنى ئاپارماسلىق .

5. بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىش : - ھازىرقى بالىلاردا تىلفۇندىكى تور ئۇيۇنلىرىغا بېرىلىپ بىكار ۋاقىت بولسىلا  ئۆيگىلا بىكىنىۋىلىپ تىلفۇن ئويناش مودا بوپ كەتتى . بالىغا سېستىمىلىق تەربىيە قىلىپ  رېتىملىق ھالدا سىرتلاردا چېنىقتۇرۇش كېرەك . بۇنىڭدا ئاتا - ئانىلار چۇقۇم بالىلارغا ئۈلگە بولۇش كېرەك .كۆپ چېنىقىپ بەدەن ساپاسىنى كۆتۈرۈپ ، ئىمۇنت كۈچىنى ياخشىلاش كېرەك . 

6. خېمىيەلىك ماددىلاردىن يىراق تۇرۇش : - فورمالىن ، سىر، بېنزول ، كسىلېن قاتارلىق زەھەرلىك ماددىلارمۇ ئاق قان كېسىلىنى كەلتۇرۈپ چىقىرىدۇ . ئۆينى يېڭى بىزەپ بولغاندىن كېيىن چوقۇم بىر مەزگىل ھاۋالاندۇرۇپ ، پۇراقنى يوقۇتۇش كېرەك . بولۇپمۇ ھامىلىدارلار ۋە كىچىك بالىلار يېڭى ئۆيگە ئالدىراپ كىرمەسلىكى كېرەك .

7. رادىئاتسىيەدىن يىراق تۇرۇش كېرەك : - ئەگەر يېڭى ئۆي ئالماقچى بولسىڭىز ، ئەترەپتا غايەت زور يۇقىرى بېسىملىق توڭ سىملىرى بار بولسا ئامال بار بۇنداق يەردىن ئۆي ئالماڭ ، چۈنكى ئەتراپتا يۇقىرى ئېلېكترو ماگنىت مەيدانى ۋە رائىياتسىيە بار بولىدۇ . ئەگەر ئاتا-ئانا رادىئاتسىيە يۇقىرى خىزمەت شارائىتىدا ئىشلىسە ، تۇغۇلغان بالىسىنىڭ ئاق قان كېسىلى بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ .

ئۆزڭىز ئەڭ يىقىن بىلگەن ئادەملەرگە ئەۋەتىشنى ئۇنۇتماڭ

يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ


بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز

Retsipim
رېتسىپىم سالونى سىزنى ئەڭ يېڭى قوللىنىشچان رېتسىپلار بىلەن تەمىنلەپ ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى !!!
 最新文章