كۈندە بىر تۇخۇم يېسىڭىز، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپلا قالماستىن، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسراش، ئورۇقلاشقا پايدىلىق. لېكىن بەزى ئادەملەر تۇخۇمنىڭ سېرىقىنىڭ قاندىكى ماينى ئۆرلىتىۋىتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. لېكىن ئەتىگەندە تۇخۇم يېسە نۇرغۇن پايدىلىق تەرەپلىرى بار. كۈندە بىر تۇخۇم يېسىڭىز، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپلا قالماستىن، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسراش، ئورۇقلاشقا پايدىلىق. لېكىن بەزى ئادەملەر تۇخۇمنىڭ سېرىقىنىڭ قاندىكى ماينى ئۆرلىتىۋىتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. لېكىن ئەتىگەندە تۇخۇم يېسە نۇرغۇن پايدىلىق تەرەپلىرى بار.ئاقسىل تولۇقلايدۇ : - ئاقسىل بارلىق ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسى، تۇخۇمدىكى ئاقسىلنىڭ سۈمۈرۈلۈش نىسبىتىمۇ باشقا يېمەكلىكلەردىن يۇقىرى. قورساقنى ئاسان ئاچتۇرمايدۇ : - تۇخۇم ئادەم بەدىنى ئۈچۈن ئاقسىل تولۇقلاپلا قالماستىن، يەنە ئاشقازاننىڭ قۇرۇقدىلىش سۈرئىتىنى ئاستىلىدۇ.ئورۇقلاشقا پايدىلىق : - ئەتىگەندە تۇخۇم يېگەندە بىر كۈنلۈك ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى تۆۋەنلەتكىلى، بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ : - تۇخۇم سېرىقىنىڭ تەركىبىدە مول بولغان لېتسىتېن، ستېرول تۈرىدىكىلەر ھەمدە كالىتسىي، فوسفور، تۆمۈر، ۋېتامىن A ، ۋېتامىن D ۋە ۋېتامىن B بار. تۇخۇمنى كۆپ يەپ بەرگەندە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى، دىققەتنى مەركەزلەشتۈرگىلى بولىدۇ. شۇڭلاشقا، مېڭىنى كۆپ ئىشلىتىدىغان خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن كۈندە بىر تۇخۇم يېيىش ناھايىتى زۆرۈر.ئىنكاسنى تىزلىتىدۇ : - تۇخۇمنىڭ تەركىبىدە مول بولغان تىروسىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئادەم بەدىنىنىڭ سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇشقا نىسبەتەن مۇھىم رولى بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئىنكاس قايتۇرۇشىغا پايدىلىق. شۇڭلاشقا ماشىنا ھەيدەيدىغانلارغا نىسبەتەن، ئەتىگەندە تۇخۇم يېيىش بىخەتەر ماشىنا ھەيدەشكە پايدىلىق. كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسراش : - تۇخۇم سېرىقىدا ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرىدىغان تەركىب-كىسانتوفىل، فىلاۋىن قاتارلىق تەركىبلەر بولۇپ، كۆزنىڭ ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرنىڭ زىيىنىدىن ساقلىنىشىدىن ساقلايدۇ. ئۇلار يەنە كۆزگە ئاق چۈشۈشنىڭ خەتىرىدىن ساقلايدۇ. ئەتىگەندە تۇخۇم يېيىش كۆزنى ھەددىدىن زىيادە ئىشلىتىدىغان كومپىيوتېر ئىشلەتكۈچىلەرگىمۇ ناھايىتى پايدىلىق.يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ
بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز