ئىچكى ئەزالارنىڭ 1 - دەرىجىلىك دورىسى ، ساقلىۋىلىڭ

文摘   2024-12-09 20:47   新疆  



ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ

كىشلىك تۇرمۇشتا ھەرخىل جىسمانى ۋە ئەقلى خىزمەتلەرنى ئۇزاق ئىشلىسە كىشىدە چارچاش بولىدۇ.  بۇنداق چارچىغاندا تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلسا چارچاشنى يوقىتىپ تېىخمۇ روھلۇق قىلىدۇ .


يۈرەك چارچىسا قىزىل پۇرچاق يېيىش 

بەزى كىشىلەردە دائىم دېمى سىقىلىش ، ئىچى تىتىلداش ، نەپەس يېتىشمەسلىك قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ، بەزىدە بۇ يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى ئەمەس بەلكى يۈرەك چارچىغانلىق سەۋەبىدىندۇر . قىزىل پۇرچاق قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ ، خىزمەت بىسىمى ئېغىر ۋە يۇقىرى قان بېسىم كىشىلەر كۆپرەك يەپ بەرسە قان تومۇرلارنى قوغدىغىلى بولىدۇ .

قىزىل پۇرچاقنىڭ تەركىبىدە مول كالىي ۋە يىمەكلىك تالاسى بار . يۈرەكنى كۈچلەندۈرىدۇ ، ئىششىقنى ياندۇرۇپ سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ، قان تولۇقلايدۇ . قىزىل پۇرچاقنىڭ پوستى قېلىن ، ئىستىمال قىلىشتىن بۇرۇن سۇغا چىلاپ قويۇپ ياكى ھوردا دۈملەپ ، يۇمشىغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇماچ قىلىپ ئىچسە ياكى قىزىل پۇرچاق گۈرۈچ ئېشى قىلسىمۇ بولىدۇ .


بۆرەك چارچىسا كاشتان يەڭ 

جۇڭيى تىبابىتىدە كاشتاننىڭ بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ ئاشقازاننى ياخشىلاش ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ سىڭىرنى چىڭىتىش ، قاننى جانلاندۇرۇش قان توختىتىش رولى بار دەپ قارىلىدۇ . كاشتاننى پىشۇرۇپ يېسە يەنە ئاشقازاننى ئىللىتىپ بۆرەكنى ساغلاملاشتۇرىدۇ ، تال ئاجىزلىقىغا پايدا قىلىدۇ . 

كاشتان ئاسان ھەزىم بولمايدۇ ، شۇڭا خام يېيىشكە بولمايدۇ . كاشتاننى قازانغا سېلىپ 10 مېنۇت ئەتراپىدا پىشۇرسىڭىز بولىدۇ . قورۇپ يېگەندىن پاكىز ، ھەم تەركىبىدە سۇ مىقدارى كۆپ ، ئاسان ھەزىم بولىدۇ . يەنە باشقا خام ماتېرىياللار بىلەن ماسلاشتۇرۇپ يېسىمۇ بولىدۇ . 

مەسىلەن كاشتان ئۇمىچى ، بۇ خىل ئۇماچ تالنى ياخشىلاپ بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ . بۆرەك ئاجىزلىقتىن كېلىپ چىققان بەل ئاغرىش ، پۇت قوللار ماغدۇرسىزلىنىش ، تال ئاجىزلىقتىن بولغان ئىچى سۈرۈش قاتارلىقلارغا پايدا قىلىدۇ .


مېڭە چارچىسا ياڭاق يەڭ 

ئادەمنىڭ مېڭىسى نورمىدىن ئارتۇق بېسىمغا ئۇچرىسا نورمال ھەركەتلىنەلمەيدۇ . مېڭە زىيادە چارچىسا ئادەمنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىغا تەسىر قىلىدۇ . خىزمەت ۋاقتىدا ، ھەر 1 سائەتتە ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ ئۇياق بۇياققا مېڭىپ ، مېڭىڭىزنى ئارام ئالدۇرۇڭ . ئۇنىڭدىن باشقا ، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا ياكى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 ئەتراپىدا ، بىر تال ياڭاق يېسىڭىز مېڭىڭىزنى قۇۋۋەتلەشتە ئىنتايىن يۇقىرى  ئۈنۈمىگە ئېرىشەلەيسىز .


ئاشقازان چارچىسا سېرىق گۈرۈچ يەڭ 

بەزى كىشىلەر ھەر كۈنى چوڭ يەپ چوڭ ئىچىپ ، ئاسانلا ئاشقازىنىنى ئاغرىتىۋالىدۇ . جۇڭيى تىبابىتىدە سېرىق گۈرۈچ ئاشقازاننى ئىللىتىدىغان ياخشى مەھسۇلات دەپ قارىلىدۇ . سېرىق گۈرۈچ ئىسسىقنى ياندۇرۇپ ، ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ ، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇپ ، بەدەندىكى ھۆللۈكنى ھەيدەيدۇ ، ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ . ئىچى ئىسسىق ۋە ئاشقازان تال ئاجىز كىشىلەرنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كېلىدۇ . 

ئاشقازان ئاجىز دائىم سېسىق كېكىرىپ قالىدىغان كىشىلەر سېرىق گۈرۈچتە ئوماچ قىلىپ ئىستىمال قىلسا ئاشقازان تالنى ياخشىلايدۇ ، بەدەندىكى ياغنى يوقىتىدۇ .


كۆز چارچىسا ئالقات ئىستىمال قىلىڭ 

خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەر كۈندە كومپيۇتىرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ ، ئاسانلا كۆزى چارچايدۇ . ئالقات ئىستىمال قىلسا ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ غىدىقلىشىنى ئازايتىپ ، كۆرۈش نېرۋىسىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . ئالقاتنىڭ كۆز ئاسىراش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ، ئۇنى چايناپ يەۋەتسە ئەڭ ياخشى . ساغلام قۇرامىغا يەتكەنلەر ھەر كۈنى 20 گرام ئەتراپىدا ئالقات يەپ بەرسە مۇۋاپىق .


پۇت چارچىسا بانان يېيىش 

بىر كۈن يول يۈرۈپ پۇتىڭىز تېلىپ ئاغرىسا ، بانان يېسىڭىز بولىدۇ . باناننىڭ تەركىبىدە مول كالىي ۋە ماگنىي بار ، كالىي پۇت مۇسكۇللىرىنى سوزۇپ ، پۇت تارتىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ، ماگنىي چارچاشنى يوقىتىدۇ . ئادەتتە باناننى شاماللىق يەردە پوستىدا قارا چېكىت پەيدا بولغىچە ساقلاپ يېسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ .

يىقىنلىرىڭىزغا ئەۋەتىشنى ئۇنۇتماڭ


يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ



بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز

Retsipim
رېتسىپىم سالونى سىزنى ئەڭ يېڭى قوللىنىشچان رېتسىپلار بىلەن تەمىنلەپ ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى !!!
 最新文章