كۈنلەمچى ئانام
خاسىيەتگۈل سىيىت چوغلۇق
1-قىسىم
مىنىڭ ئىسمىم يىگانىجان ، ئۈچ ئاچامدىن كىيىن ئاتا ئانامنىڭ بۇلۇپمۇ ئانامنىڭ كىچەيۇ - كۈندۈز ئارزۇلاپ - ئارمانلىشى بىلەن يامان بى تەستە تۇغۇلغان ئەتىۋارلىق ، يالغۇز ئۇغۇلمەن . يىگانىجان دەپمۇ ئىسىم بولامدىكىنە دەپ تازا بىر قۇرساق كۈلىۋالدىڭلار ھەقىچان ، كۈلسەڭلارمۇ مەيلى ، ئانام مىنى : بىلىمدە بولسۇن ، كۈچ - قۇۋۋەتتە بولسۇن ، كىلىشكەن چىراي ۋە بەخىت - سائادەتتە بولسۇن ئىشقىلىپ جاھاندا يەككە - يىگانە بىر ئۇغۇل بولسۇن دەپ بەك تولا ئويلىشىپ ، تالاش - تارتىش قىلىپ مۇشۇ ئىسىمنى تاللاپ تۇرىۋالغانمىشكەن . چوڭ بۇلۇپ توي قىلغاندىن كىيىن شۇنى چوڭقۇرلاپ چۈشەندىمكى ، ئانام يەنە مىنى يىگانە ئۆزىگىلا كۆيىنىشىمنى ، ئامراقلىق قىلىشىمنى ئۈمىد قىلىدىكەن ، ھەتتا مەن ياخشى كۆرۈپ ، ئاتا - ئانام ئۆزلىرى رازىلىق بېرىپ ، چىرايلىق يارىشىقىنى قىلىپ ئەمرىمگە ئىلىپ بەرگەن خۇتۇنۇمغا يىقىنراق ئولتۇرۇپ قالساممۇ ، كۈلۈپ - چاقچاقلىشىپ قالساممۇ ھەتتا ئاخشىمى ھوجرىمىزغا بالدۇرراق كىرىپ كەتسەكمۇ ئانامنىڭ خۇيى تۇتۇپ قالاتتى ۋە مەن يوق چاغلاردا ئايالىمغا دوقۇسلىۋالماي قويمايتتى :
- ھۇيت چىرايلىق ئەتىۋاخان ، ماۋۇ ھويلىدا يىگانىجان ئوغلۇم ئىككىڭلارلا ياشىمايۋاتىسىلەر جۇمۇ ! ئۇنىڭ يەنە مەندەك ئانىسى يەنە بىر دادىسىمۇ بار ، ئوغلۇم كۈندۈزى ئىشقا بارىدىغان بولغاندىكىن ئەتە ۋە ئاخشامدا بىز ئاتا ئانىسىغا كۆپرەك ھەمرا بولىشى كىرەكقۇ دەيمەن ؟ئانام سىزنى بىر كۈن كۆرمەي ئاران قالىدىكەن ، ئىشتىن كەلگەندە بىرە ئىككى سائەت بولسىمۇ ھەمرا بۇلۇپ قۇيۇڭ دىيىشكىغۇ يارىماڭ بوپتۇ ، ھە دىسە ئۇغلۇمغا تۈلكىدەك غىلجىڭشىپ ، سېرىق ئاسلاندەك سۇۋۇنۇپ ، ھىلى قىشىڭىزنى ئىتىپ ، ھىلى كۆزىڭىزنى قىسىپ بىر ئاماللار بىلەن ھوجرىڭىزغا ئەكىرىپ كىتىمەنلا دەيدىكەنسىزيا ؟ مەن ئۇغلۇمنى سىزگە ئاتاپلا تۇغۇپ قۇيۇپتىكەنمەنمۇ يا ؟ …
ئايالىم ئانامنىڭ يىقىن بىر دوستىنىڭ ئۆگەي قىزى ، ئۆزى ئېغىر- بىسىق ، كەمسۆز قىز ، ئەزەلدىن ماڭا ئانامنىڭ يامىنىنى ئىيتقان ئەمەس ، ئانامنىڭ بايىقىدەك زەھەر- زۇقۇملىرىنى يا تەسادىپىي ئاڭلاپ قالىمەن يا ئايالىمنىڭ يىغىدىن قىزىرىپ كەتكەن بولسىمۇ مەجبورەن كۈلۈپ تۇرىدىغان چىرايلىق كۆزلىرىدىن بايقاپ قالىمەن . چۈنكى ئانامنىڭ ماڭا قانچىلىك كۆيىدىغانلىقى ، يىللاردىن بېرى مىنىڭ مىھىر- مۇھەببىتىمدىن يالغۇز بىر ئۆزى ھۇزۇر ئىلىپ كەلگەن ئانام خۇتۇنۇمنىڭ بۇ تاجاۋۇزچىلىقىغا سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايدىغانلىقى مۇقەررەر بىر ئىش ئىدى ! بۇنى ھەممە ئادەمدىن بەكرەك ئۆزەم چۈشىنىمەن ئەمەسمۇ ؟ لىكىن مەن ھەرگىزمۇ خۇتۇن ئىلىۋىلىپلا ئاتا - ئانىسىنى ئۇنتۇپ قالىدىغانلاردىن ئەمەس ، ئوخشاشلا ئانىسىنىڭ سۈتىدىن ئايرىلىپ بولالمىغان بوۋاق ئەرلەردىنمۇ ئەمەس . ئانام بىلەن خۇتۇنۇمنىڭ ئورنىنى كۆڭلۈمنىڭ قانداق يەرلىرىگە قويسا مۇۋاپىق بولىدىغىنىنى ئوبدان بىلىمەن دەپ ئويلايمەن ئۆزەمچە .
ئىشتىن قايتىپ كەلسەم ھويلىدا ئايالىم يالغۇز بولۇپ قالسا تەلىيىم ، كۆزۈمدە ئۇنىڭغا شەرەت قىلىمەن ، ناۋادا ئۆيدە ھىچكىم بولمىسا ئۇ شۇنداق خاتىرجەم ۋە تاتلىق كۈلۈپ ئالدىمغا كىلەتتى ، ئىككىمىز غىمىسسىدە ھوجرىمىزغا شۇڭغاتتۇقدە ، قانغۇچە قۇچاقلىشىپ ، تاتلىققىنە سۆيۈشۈپ ، بىر كۈن چاڭقىغان كۆڭۈللىرىمىزنى سۇغىرىشىۋالاتتۇق ، قوينۇمغا تىقىشتۇرۇپ يۈرۈپ ئەكەلگەن نەرسىلەرنى ئۇنىڭغا تۇتقۇزۇپ ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى خوشلۇقىنى بەخىرامان تاماشا قىلىۋالاتتىم ، ئالىمادىس ھويلىدا ئانام بار بولۇپلا قالسا ئايالىمنىڭ چىرايىغا قارىيالمايتتىم ، ئۇمۇ مىنى چۈشىنىپ ئۆز ئىشى بىلەن ئالدىراش يۈرەتتى ، ئۇدۇل كەلگىنىمچە ئانامدىن ئەھۋال سورايتتىم ، ئۇنىڭ ماڭا قانمايدىغان تەشنا كۆڭلىنى ئەمىن تاپقۇزۇش ئۈچۈن كۆتىرىپ كەلگەن ساڭگۇل - سۇڭگۇللارنى ئالدىغا قويسام ئانام بۇ مىھرى - مۇھەببىتىمنى كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا ئايالىمغا كۆز - كۆز قىلىپ ئۈلگۈرەتتى . ئانام بىلەن ئۇنى - بۇنى دىيىشىپ بولغۇچە ئايالىم تامىقىمنى راسلاپ ئالدىمغا قۇياتتى .
- ۋا ! قارىماققىلا ئوخشىغاندەك قىلىدىغۇ بۈگۈنكى تاماق ، جاپا چەكتىڭىز خۇتۇن ، - دەپ ئايالىمغا ئىپادىلەيدىغان ئاشۇ ئىككى ئېغىز رەھمىتىمنى يەنە ھوجرىغا ئەپ قۇيۇشقا مەجبور بولاتتىم ، چۈنكى ئانامنىڭ دىيىشىچە تاماق ئىتىش ، كىر قات يۇيۇش ، ئەر ۋە ئاتا - ئانىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىش كىلىن بولغۇچىنىڭ مەجبورىيىتى ، مىنىڭ بۇنچىلىك ئىشلارغا ئىككى چىشلىق پاقىدەك ھىجاراپ ، شاتۇتتەك سايراپ يۈرۈشۈم پۈتۈنلەي بىمەنە بولغاچقا تىلىنى مۈشۈك ئۈزىۋالغان گاچىدەك پۇشقۇرۇپ ئولتۇرۇپ ئاتاكىغا ئۆتۈپ كىتەتتىم . تامىقىمنى يەپ بۇلۇپمۇ ئانامغا بىرەر سائەت ھەمرا بولۇپ كۈندۈزدە كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىمنى سۆزلەپ بەرمىسەم ، پەقەت گەپ تاپالمىغاندا ئانامنىڭ ھىكمەت دۇردانىلىرىنى ئاڭلاپ بەرمىسەم بولمايدۇ ، ئېزىپ - تېزىپ ئايالىمغا ياكى ئىككىمىزنىڭ ھوجرىسى تەرەپكە شۇنداقلا قاراپ سالىدىغان بولسام ئانامنىڭ چىرايىدا شۇئان تۇققۇز بال بوراننىڭ سۈرى پەيدا بولاتتى .
- ئانامنىڭ قىلىقلىرىنى ھەرگىز كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ ، پەقەت خاپومماڭ دىيەلمەيمەن خۇتۇن ، ئىشقىلىپ ئىچىڭىزگە يۇتماڭ ، ماڭا دىگۈڭىز كەلمىسە يىغلاپ ئىچىڭىزنى بوشىتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ ، لىكىن مىنىڭ سىزنى بەك ، بەك ، بەك ياخشى كۆرىدىغىنىمنى ، سىزگە ھەر نەرسىنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى قىلىپ بەرگۈم كىلىدىغىنىنى ئەستىن چىقىرىپ قويمىسىڭىزلا بولدى ، بۇلامدۇ شەمشىنۇرۇم ؟! - بىچارە ، يىتىمچىلىكتە ئۆگەي ئانىنىڭ ئالدىدا مۇشۇنداق قانائەتچان چوڭ بولغانمۇ ئەيتاۋۇر ، بۇنداق گەپلىرىمگە ۋىلىققىدە كۈلۈپ قۇياتتى . بىر ئاخشىمى ئادىتىمىز بويىچە خۇتۇنۇم قۇرسىقىمغا بىشىنى قۇيۇپ ، مەن بىشىمنى ئالقانلىرىم بىلەن تىرەپ ، ياستۇقنى جەينەكدەپ يىتىپ بىر بىرىمىزگە بىقىشىپ ئىككىمىز يەنە مۇشۇ ئىش توغرىلىق مۇڭدىشىپ قالدۇق :
- بىر تال ئۇغۇل بوپ قاپتىكەنمەن ، يا ئۆي ئايرىپ چىقىپ كىتەلمەي ، سىزگە ئۇۋال بولدى ھە خۇتۇن ؟ ئانام نىمە دىسە ، نىمە قىلسا چۇقۇم ماڭا دەڭ ، گەرچە ئاپامدىن ھىساپ ئىلىپ بېرەلمىسەممۇ خاپىلىقىڭىزنى ئۇنتۇلدۇرۇپ كۆڭلىڭىزنى خوش قىلىشقا بولسىمۇ يارايمەن ھە ، - دىدىم مەن ئۇنىڭ نازۇك بۇرنىنى يىنىك چىمدىپ ئەركىلەتكەچ . ئانامنىڭ مىنى چەكتىن ئاشۇرۇپ ياخشى كۆرىشى مىنى ھەتتا ئۆز خۇتۇنۇمدىنمۇ قىزغىنىشلىرىغا يارىشا ئۇماق خۇتۇنۇمنىڭ غەرەز ئۇقىدىغان چىقىپ كەتكىنىنى دىمەمسىلەر !
- سىزنىڭ مۇشۇ گەپلىرىڭىز راسلا بولىدىكەن ، ھىلىغۇ ئانام سىزنى مەندىن قىزغىنىپتۇ ، سىزنى باشقا بىر قىز بىلەن ئۆيلەپ قۇيىمەن دەپ تۇرىۋالسىمۇ كۆڭلۈم توق تۇرىدۇ مىنىڭ ، - دەپ چېقىشتى ئۇمۇ . مەن ئۇنى داۋاملىق ئەركىلىتىش مەقسىتىدە چىرايىمغا رەسمىي تۈس بېرىپ چاندۇرماي تۇرۇپ :
- ما گەپنى ! مىنى باشقا بىر قىز بىلەن ئۆيلەپ قۇيىمەن دەپ تۇرىۋالسىمۇ مەيلى دەمسىزا ؟ ئانام راس دەپتىكەن جۇمۇ ، سىز زادى مىنى ئانامچىلىك ياخشى كۆرمەيدىكەنسىز، - دەپ قاپاقنى باراڭغا ئىلىۋالدىم . بۇ گەپتىن بىچارە شەمشىنۇر ئۆندەرىگىنىچە ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ بىشىنى ياستۇققا جەينەكدىلىپ تۇرغان بىلىكىمگە قۇيۇپ ماڭا چىڭ چاپلاشتى ۋە ئۈستى - ئۈستىلەپ :
- ياق ، ياق ، سىز خاتا چۈشىنىپ قالدىڭىز، كۆڭلۈم توق تۇرىدۇ دىگىنىم سىزنى ياخشى كۆرمەيمەن دىگىنىم ئەمەس ، سىزگە ئىشىنىمەن دىگىنىم ئۇ ، بىر كۈن ھايات بولسام بىر كۈن سىزگە خۇتۇن بۇلۇپ ، كۈندە مۇشۇنداق مۇڭدىشىپ ئۆتكۈم بار مىنىڭ ، - دەپ چۈشەنچە بېرىپ كەتتى . ئۇنىڭ نىمە دىمەكچى ئىكەنلىكىنى ئەجىبا مەن بىلمەسمەنمۇ ؟ قەستەن شېنىدەك قاتقىنىمچە ئۇنىڭ ساددىلارچە ئەركىلەشلىرىدىن بىر پەس ھۇزۇرلىنىۋىلىپ ئۇنى باغرىمغا چىڭ باستىم . توي قىلغىلى ئەمدىلا بىر نەچچە ئاي بولغان ، بىر بىرىمىزنى ياخشى كۆرىشىدىغان ئەر ئايال ئىككىمىز بۇ خىل كەيپىياتتا قانداق بوپ كەتمەكچى ؟ شۇنداق قىزغىن ھېسسىياتلىرىمىز ئۇزاققا بارمايلا يىرتىق ئىشتاندىن بومبا ئىتىلغاندەك ھوجرىمىزنىڭ ئىشىكى تاراقلاپ كەتتى . يۈرىكىم تىلىمنىڭ ئاستىدىلا بىر يەردە گومباڭشىۋاتقاندەك بىر جىددىيچىلىك بىلەن ئۆزەمنى كارۋاتنىڭ ئۇدۇل كەلگەن بىر تەرىپىگە ئىتىپ مىڭبىر ئايانچىلىق بىلەن ئىشىك تەرەپكە ئۈمتەلدىم ، ئىشىكنىڭ تاراقشىغىنىنى ئىنىق ئاڭلىۋىدىم ، ئۆيدە شەمشىنۇر ئىككىمىزدىن باشقا بىرەسى باردەك قىلمايدىيا ؟ ئەجىبا مەن ؟ … كۆزلىرىم ئىشىكتىن يۆتكىلىپ بىچارە خۇتۇنۇمنى ئىزدىدىم . پۈتۈن سۈرۈك بىر ئەر تۇرۇپ مەن بۇنچىلىك جىددىيلىشىپ كەتكەن يەردە ئۇ قانچە بولۇپ كەتكەندۇ ھە ؟ ئاجايىپ ئىش ! خۇتۇنۇم نەگە كەتتى ئەمدى ؟ ھەر قانچە بولسىمۇ چاشقان جىن تاڭسىڭنى ئەپ قاچقاندەك خۇتۇنۇمنى بايىقى تاراق تۇرۇقتا بىرەرى ئەپ قاچمىغاندۇ ھە ؟ نەچچە سىكونت بۇرۇنقى جىددىيچىلىكلەر نەلەرگىدۇ يۇقاپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كارۋاتنىڭ بۇ يىقىغا ئۆتتۈم ، ئۆتتۈميۇ ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتىم . نىمىش بوپتۇ دەمسىلەر؟ پۇتىنىڭ بارماقلىرى ئارانلا كۆرۈنۈپ تۇرغان ئۇماق خۇتۇنۇم كارۋاتنىڭ ئاستىغا پاقىچىلاپ كىرىۋالغان بۇلۇپ ، ئايال كىشى تۇرۇپ مەندىن چاققان چىققىنىغا كۈلمەي تۇرالمىدىم .
- بولدى يىنىپ چىقىڭ ئەمدى ، تۇمشۇقىڭىزنى چاشقان چىشلەپ بىر چىرايلىق بورنىڭىزنى پاناق قىلىپ قويمىسۇن يەنە ، - كۈلكەمنى تەستە بىسىۋىلىپ ئۇنى چاقىردىم ، يامان بەك قورقۇپ كەتتىمۇ ئەيتاۋۇر ئۇ مىدىرمۇ قىلمايۋاتاتتى .
- ئىشىك ئىچىلغان ، ئۆيگە بىرسى كىرگەن ئىش يوقكەن خۇتۇن ، قورقماي يىنىپ چىقىڭ دەيمەن ، - شۇنداق دەپ ئىنىق ئۇچۇر بەرگەندىلا ئاندىن كەينىگە يانغان شەمشىنۇر كارۋات ئاستىدىن چىقىپمۇ ئۆي ئىچىنى ئەنسىزلىك بىلەن تۇلۇق بىر كۈزىتىۋىلىپ ئاندىن ماڭا قاراپ ئاستا سورىدى :
- بايا نىمىش بوپتۇ زادى ؟ - چىرايىمدا بايىقى كۈلكىنىڭ قالدۇقى ، بىلمەيمەن دىگەن مەنىدە بىشىمنى چايقىدىم .
- ئىشىك ئىنىق ئىچىلغان تۇرسا ، ئۆزلىكىدىن ئىچىلىپ يەنە ئۆزلىكىدىن يىپىلىپ قالماس ھەر قانچە بولسىمۇ ؟ دەرۋازا تاقاق ، بۇ كەچتە سىرتتىن بىرسى كىرىپ ئىشىكنى ئىچىپمۇ يۈرمەيدۇ ، چۇقۇم ئانام كىرگەن گەپ ، ۋاييەي ! ئەتە چوڭلارنىڭ يۈزىگە قانداق قارارمەن ؟ نىمىشقا ھوجرىنىڭ ئىشىكىنى تاقاپ قويمىغانتىڭىز؟ - شەمشىنۇر يىغلامسىراپ تۇرۇپ مەيدەمگە نەچچىنى مۇشلىۋەتتى . ئۇنىڭغا تىخىمۇ ئامراقلىقىم كىلىپ ھاڭۋاقتىدەك ئولتۇرىۋېرىپتىمەن ، بىر چاغدا تىلفۇنۇم يىقىمسىز سايراپ ھەر ئىككىمىزنى بايىقىدىن بەك سەگەكلەشتۈردى . ئانامنىڭ نۇمىرى ئىكراندا تاقەتسىزلىك بىلەن لىكىلداپ تۇراتتى ، ئىككىمىز يەنە بىر قېتىم بىر بىرىمىزگە قارىشىپ قالدۇق .
- ئاجايىپلا قىلىقى باركىنا بۇ ئانامنىڭ ؟ بىر ھويلىدا تۇرۇپ تىلفۇن قىلغۇچە كارنىيىنى كېرىپ بىرلا ۋارقىرىسا چىقمامتىم دەيمەن …
- راسلا ئاناممىكەن ؟! بايىقى ئىشىمىزنىڭ ھىسابىنى ئالىدۇ چۇقۇم ، ئىشقىلىپ ئۆزىڭىز بىر نىمە دەپ جاۋابىنى بېرىڭ ، مەن نەچچە كۈنگىچە ئانام دادامنىڭ يۈزىگە قارىيالمىغۇدەكمەن ، نىم سەتچىلىك بۇ ؟ - شەمشىنۇرغا مىيقىدا كۈلۈپ قۇيۇپ چوڭ بىرنى تىنىۋالغاندىن كىيىن تىلفۇننى ئالدىم ، ئالدى دەپ بولغۇچە ئانامنىڭ تىلفۇننى يېرىۋەتكۈدەك قەھرى بىلەن :
- ھەي مامۇشكا ! ئا ئىزىتقۇڭنى ئىلىپ دەرھال ما ئۆيگە چىق ! ئاڭلىدىڭمۇ ؟!! - دىگەن دەھشەتلىك ئاۋازى جاراڭلاپ قۇلاق تۈۋىمدە ئەكىس سادا ياندۇرىۋەتتى . مەن ھە ياكى ياق دەپ بولمايلا تىلفۇن ئۈزۈلدى ، قورققىنىدىن چىرايىدا قان قالمىغان بىچارە ئايالىمغا قارىدىم .
- نىمىشقا ئۇغۇل چوڭ بولسا ئۆيلەپ قويىشىدۇ ؟ ئۆيلەش - خۇتۇن ئىلىپ بېرىپ ئۆز ئالدىغا ئۆيلۈك قىلىپ قۇيۇش ئەمەسما ئەجىبا ؟ بىر جۈپ يات جىنىسنى ئۆز ئالدىڭلارغا ئائىلە قۇرىۋىلىڭلار دەپ بىر ئۆيگە ئەكىرىپ قۇيۇشتىن مەقسەت بالا تىپىش ، ئائىلىنى تىخىمۇ مۇكەممەل قىلىش ئۈچۈندۇ ؟ ئانام بىلەن داداممۇ بۇ ئائىلىنى شۇنداق قىلىپ مۇشۇ كەمگىچە تىنچ ئامان ساقلاپ كەلگەندۇ ؟ … بۇ ئانام زادى نىمىنى ئويلايدىغاندۇ ؟ … - چىگىش خىياللار بىلەن شەمشىنۇرغا ھىچنەرسە دىمەي ئۆزۈم يالغۇزلا ھوجرىدىن چىقتىم .
داۋامى بار....