ئامېرىكا «ئاخبارات ژۇرنىلى» تور بېكىتى قاتارلىق چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 21-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خەلقئارا خەۋەرلىشىش سۈنئىي ھەمرىيى شىركىتى (Intelsat) ئامېرىكا بوئىڭ شىركىتى ئۇلارغا ياساپ بەرگەن Intelsat 33e يۇقىرى ئوربىتىلىق سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئوربىتىدا يۈرۈۋاتقاندا كاشىلا چىقىپ پارچىلىنىپ كەتكەنلىكى، ھەمدە ئۇلارنىڭ يەر شارى سۈنئىي ھەمراھ مۇلازىمىتىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن.
مەزكۇر شىركەت سۈنئىي ھەمراھتا توك توختاپ قېلىشتەك «نورمالسىزلىق» يۈز بېرىپ، ياۋروپا، ئافرىقا، ئوتتۇرا شەرق، ئاسىيا ۋە ئاۋسترالىيەنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىنى قاپلىغان خەۋەرلىشىش مۇلازىمىتىگە تەسىر يەتكۈزگەنلىكىنى دوكلات قىلدى.