قېرى قىز
ئايگۈل ناسىر ياسىمەن
14-قىسىم
قۇمتوغراققا مېڭىش ئۈچۈن يولغا چىققان كۈنۈمگە قەدەر مېنىڭ خىزمەتتىكى بۇ تاللىشىم توغرىلىق ھىچكىم ھىچنىمە دېمىدى، ھەتتا داداممۇ بىر ئېغىز گەپ قىلمىدى.
-دادا،ئاپا، ھەپتىنىڭ بىرى ئىش ئورنۇمغا بېرىشىمنى ئۇقتۇرۇپتۇ، ئەتە سەھەردە يولغا چىقىمەن.
-ماقۇل، ماڭسىڭىز مېڭىڭ!
دادام شۇنداق دەپلا يانچۇقىنى ئاختۇرۇپ بىر نەچچە ۋاراق پۇلنى چىقىرىپ ، قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ، ھارۋىنى ھەيدەپ چىقىپ كەتتى.
شۇ كۈنى كېچە يېرىمغىچە كىرپىك قاقماي ئاتا-ئانام ۋە ئارماننى كۆڭۈل تارازامنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئولتۇرغۇزۇپ ئۆلچەپ چىقتىم ۋە ئەتىسى تاڭ سەھەردە جىمجىتلا يولغا چىقتىم.
*** *** ***
مەن ماڭار ۋاقتىمدا ھىچكىم ئۇزىتىپ قويمىغانغا ئوخشاش، مەنزىلىمگە كەلگىنىمدىمۇ ھىچكىم قارشى ئالغىلى چىقمىغان يالغۇز يولۇچى ئىدىم. ماڭا ھەمراھ بولۇپ كەلگىنى بىرتال چوڭ چامادانىم ۋە كىچىك قول سومكاملا ئىدى. بەلكى مەن مەڭگۈ ئېرىشەلمەيدىغان مۇھەببەت ئۈچۈن ئىلگىرى ئېرىشكەن ۋە مەڭگۈ ئېرىشەلەيدىغان بۈيۈك بىر مۇھەببەتنى يوقاتقاندىمەن. ئاتا-ئانام، قېرىنداشلىرىمنىڭ مەندىن ئۈمىدىنى ئۈزگەنلىكىنى، ماڭا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپتىمەن. ئۈمىدىنى ئۈزگەن، ئىشەنچ تېغى غۇلاپ چۈشكەن ئادەمگە قارىغاندا قارشى تەرەپكە ئۈمىدسىزلىك، ئىشەنچىسىزلىك ئاتا قىلغان ئادەم تېخىمۇ چوڭقۇر ئازابلانسا كېرەك. دادامنىڭ ئۈنسىز ھەم ئىپادىسزلىكىگە يۇشۇرۇنغان تەگسىز ھەسرەت، ئاپامنىڭ قەستەن پەرۋاسىز بولۋالغان ھالىتىگە يۇشۇرۇنغان ئازاب، قېرىنداشلىرىمنىڭ سوغۇق مۇئاملىسىگە يۇشۇرۇنغان قىيالماسلىقلار... ھەممىسى ماڭا ئايان ئىدى. ئۇلارنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتى تۈپەيلىدىن ئەسلى ھالىتىنى يۇشۇرۇپ، ساختا قىياپەتلەرگە كىرىۋالغانلىقىنى بىلەتتىم. ئەمما ئارمانغا بولغان مۇھەببىتىم قانداق مۇھەببەت بولغىيتىكىن، مەن ئۈچۈن بېغىشلانغان ھەممىنى رەت قىلىشىمغا شۇ يىتەرلىك بولىۋاتاتتى.
ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇستا ئولتۇرۇپ، توپتوغرا بىر كۈن ماڭغاندىن كېيىن مەنزىلىمگە يىتىپ كەلدىم. بىزنىڭ يۇرتتىن كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيدىغان بۇ يۇرت ھە دېگەندىلا كۆزۈمگە ئىسسىق كۆرۈنۈپ قالدى. پاكار-پاكار سوقما تاملىق ھويلا تاملىرى ئىچىدىكى كېسەك ئۆيلەر، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى كىچىك ئېرىقلاردا شىرىلداپ ئېقىپ تۇرغان سۇ، ئاق تېرەك، قارا تېرەك، سۆگەت، جىگدە، قارىياغاچ ئارىلىشىپ كەلگەن، ئېرىق بويىدىكى ئانچە رەتلىك بولمىغان ئورمان بەلبىغى، بۇ ئورمانلارغا ياماشقان يۆگىمەچ ئوت، چىڭگىلىك ۋە يەنە مەن ئىسىمىنى بىلمەيدىغان ئوت-چۆپلەر، ئات-ئۇلاقلار، ھاۋىلار ئۆتسە، ياكى كىچىك بالىلار يۈگۈرسە ئاسمان-پەلەك چاڭ-توزان كۆتۈرۈلىدىغان توپىلىق يول، ئۇ دەرەخنىڭ ئۇچىدىن بۇ دەرەخنىڭ شېخىغا پۇررىدە ئۇچۇپ كېلىپ قونىۋالىدىغان قۇشلار، ناگان-ناگاندا ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان ئات-ئىشەك، كالا-قويلارنىڭ، ئىت،توخۇلارنىڭ ھەرخىل ئاۋازلىرى، ئادەملەرنىڭ بىر-بىرىنى سوزۇپ چاقىرىشقان ئاۋازلىرى... بۇلارنىڭ ھەممىسى مەن ئۈچۈن يېڭىلىق بولمىغان كونا ۋە تونۇش ھاياتلىق مەنزىرىسى ئىدى.
-يېڭى كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارنى قارشى ئالىمىز! يېڭى ماۋسۇمدا يېڭىچە قەدەملەر بىلەن ئىلگىرلەپ تېخىمۇ گۈزەل نەتىنجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەممەيلەننىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن...
خىزمەت ئورنۇمغا كەلگەن تۇنجى كۈنۈم خىزمەتداشلىرىم تەرىپىدىن ئەنە شۇنداق كۈتۈۋېلىندىم. ئۇلار ماڭا قىزىقىش نەزەرلىرى بىلەن كۈلۈمسىرەپ قارىشاتتى. ھىچبىر ئىشى بولمىسىمۇ ئوقۇتقۇچىلار ئىشخانىسى ئەتراپىدىن ئۇياق-بۇياققا ئۆتۈپ قويدىغان كەپسىز ئوقۇغۇچىلار بوينىنى سوزۇپ ئىشخانىغا قارىشاتتى ۋە ئۈنلۈك ئاۋازدا، مەكتەپكە يېپيېڭى بىر مۇئەللىمنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى بىر-بىرىگە يەتكۈزۈشەتتى.
تۇنجى سائەتلىك دەرستىن تۇلىمۇ ھاياجانلىق تۇيغۇ ئىچىدە قايتىپ چىقتىم. ئانىسىنىڭ ئېغىزىغا تەلمۈرگەن قۇش بالىلىرىدەك قارىشىپ ئولتۇرغان جۈپ-جۈپ قارا كۆزلەر تۇلىمۇ ئوماق ئىدى.
-مۇئەللىم سىز مەكتىپىمىزگە يېڭى كەلدىڭىزما؟
-ئەمدى بىزنىڭ مۇئەللىم بولامسىزما؟
-ئۆيىڭىز قەيەردە مۇئەللىم؟
-ئەتە سىزگە مىۋە ئالغاچ كېلەي ھە، مۇئەللىم...
ئۇلارنىڭ ئاشۇ ئاددى ئەمما غەرەزسىز ئېيتىلغان چىن سۆزلىرىدىن سەمىمىيلىك، ساددىلىق ئارلاشقان مېھىر-مۇھەببەت ئۇخچۇپ تۇراتتى.
ئارمانمۇ ماڭا ئوخشاش بىرەر مەكتەپكە ئىشقا چۈشتىمىكىن؟ ئىشقا چۈشكەن بولسا ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش تۇيغۇلاردا بولىۋاتقانمىدۇ؟ ئۇمۇ مېنى ئويلاۋاتقانمىدۇ؟ ئۇ مېنىڭ بۇيەرگە خىزمەتكە كېلىدىغىنىمنى بىلەتتى، مېنى يوقلاپ كېلىپ قالارمۇ؟ ئەگەر ئۇ تۇيۇقسىزلا كېلىپ قالسا قانچە خۇشال بولۇپ كېتەرمەن؟
تۇنجى ئايلىق مائاشىمنى ئالغۇچە ئارماننىڭ يولىغا تەلمۈرۈپ، كۈن ساناپ ئۆتتۈم. بۇ تەرەپكە ماڭدىغان ۋاقتىمدا دادام بەرگەن پۇل كىراغا ۋە بىر ئايلىق خىراجىتىمگە ئاران يېتەتتى، شوڭا ئارماننى ھەرقانچە سېغىنساممۇ ئۇنىڭ يېنىغا بارغۇدەك پۇلۈم بولمىغاچقا، مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىمغا ئوخشاش تەۋەككۈل قىلىپ يولغا چىقالمايتىم، چۈنكى ئۇچرىغان ھەربىر قىينچىلىقىمنى ھەل قىلىپ بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىمدىكى ئانا مەكتىپىم ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىم بۇيەردە يوق ئىدى. ئاللىقاچان چوڭلارنىڭ دۇىياسىغا قوشۇلۇپ كەتكەن مەن بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەربىر قەدىمىمنى ئۆزۈم مۇستەقىل بېسىشىم، ئۇچىرىغان قىيىنچلىقىمىنى ئۆزۈم ھەل قىلىشىم كېرەك ئىدى. بىردىنلا ئوقۇغۇچىلىق ھاياتنىڭ ئەڭ گۈزەل ھەم ئەڭ تىنىچ، خاتىرجەم ھايات ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ قالدىم. گەرچە مەن ساۋاقداشلىرىم بىلەن ناھايتى ئاز ئارلاشقان بولساممۇ، قەلبىمدە يەنىلا نۇرغۇنلىغان گۈزەل ئەسلىملەر قالغان ئىدى. ئەلۋەتتە قانچىلىك ئازابلىق ھەم ئۈمىدسىز بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ئارمان بىلەن ئۆتكۈزگەن ۋاقتىلىرىم، ئۇنىڭغا بولغان توسقۇنسىز ھەم چەكلىمىسىز مۇھەببىتىم بۇ گۈزەل ئەسلىمىلەرنىڭ ئەڭ يارقىن نوقتىسى ئىدى. چوڭلارنىڭ دۇنياسىدا ياشاشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكى بارا-بارا ئۆزىنى كۆرسىتىپ، مېنى ھەر قەدىمىمنى ئويلىنىپ بېسىشقا، تېخىمۇ تىجەشلىك بولۇشقا دەۋەت قىلماقتا ئىدى. مەن پەقەت يانچۇقۇمدا يىتەرلىك پۇل بولغاندىلا ئارماننى خالىغان ۋاقىتتا كۆرۈپ تۇرالايدىغانلىقىمدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى تونۇماقتا ئىدىم. مەيلى ئەمەسمۇ، شۇ پۇللار ئارقىلىق ئارمان بىلەن كۆرۈشۈپ يۈرىكىمنىڭ چاڭقاقلىقىغا شىپا تاپسام، روھى شادلىققا ئېرىشسەم ئەرزىيتى. پۇل دېگەننى ئىشلەپ تاپىقىلى بولىدۇ، ئەمما كۆڭۈل ئازادىلىكىنى ھەر جايدىن تاپىقلى بولمايدۇ دە!
-گۈلزىبا، سىز مەكتىپىمىزگە يېڭىدىن كەلدىڭىز، يېڭى ئوقۇتقۇچىلاردا بىلىم مەنبەسى مول ھەم يېڭى، شوڭا سىزنى 6-يىللىق 1-سىنىپقا سىنىپ مۇدىرى قىلىپ بېكىتىشنى قارار قىلدۇق، ئەلۋەتتە ،پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىمىز سەدىرىدىن مۇئەللىم سىزگە ياردەملىشىدۇ، ئىككىڭلارنىڭ ئۆز-ئارا ھامكارلىشىپ بۇ سىنىپنى ياخشى تۇتۇپ كېتەلەيدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن!
ئىشنىڭ ئېپى-جىپىنى بىلىپ بولغۇچە تۇيۇقسىزلا سىنىپ مۇدىرى بولۇپ قالغىنىم ئازراق بېسىم بولۇپ تۇيۇلدى. ھىچ بولمىسا بىر ماۋسۇمدىن كېيىن سىنىپ مۇدىرى قىلسىمۇ بولاتتىغۇ؟ ئۇنىڭغىچە باشقىلارنىڭ قانداق قىلغىننى كۆرۈپ، ئاز-تولا ئۆگىنەر بولغىيتىم.
-گاڭگىراپ قالدىڭىز ھە ئۇكام؟ ئەنسىرىمەڭ ، ئاۋۋال ئۆزىڭىزنىڭ ئويلىغنىڭىز بۇيىچە تۇتۇپ بېقىڭ، يېتىشەلمىگەن يېرىڭىزگە مانا مەن بار، ئىككىمىز ھەمكارلىشىپ تۇتىدىغان سىنىپ بۇ، مەنمۇ ھەممە ئىشنى سىزگە تاشلاپ بېرىپ قاراپ تۇرمايمەن.
- ماقۇل، رەھمەت سىزگە سەدىرىدىن مۇئەللىم.
تۇنجى كۈنى سىنىپقا كىرىپلا بالىلار بىلەن تونۇشماقچى بولدۇم. بۇ بالىلارمۇ ئوتتۇرا مەكتەپكە يېڭى چىققان بالىلار بولغاچقا مەكتەپكە ماڭا ئوخشاش يېڭى ھەم ناتونۇش ئىكەن، شوڭا ئۇلارنىڭ ھەدېگەندىلا دوپپامغا جىگدە سېلىپ، بۇرنۇمدىن يېتىلەپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمىسەممۇ بولاتتى.
-ساۋاقداشلار ياخشىمۇسىلەر؟ مەن سىلەرنىڭ سىنىپ مۇدىرىڭلار بولىمەن، ئىسمىم گۈلزىبا، بىز ئاۋۋال تونۇشۇپ چىقايلى ھە!
ئېغىزىمغا قاراپ ئولتۇرغان بالىلارغا تەكشى نەزەر سېلۋېتىپ يوقلىما دەپتەردىن بالىلارنىڭ ئىسىمىنى بىردىن-بىردىن چاقىردىم.
-موسا!
-بار!
-گۈلخان!
-مانا مەن مۇئەللىم!
-شەۋكەت!
-بار!
-ئادىل!
-قۇۋانخان!
يوقلىمىدىكى ئىسىملارغا قاراۋاتقان كۆزۈم تۇيۇقسىزلا بىر ئىسىم ئۈستىدە تۇرۇپ قالدى ۋە ئىختىيارسىز توختاپ قالدىم. سىنىپ ئىچى ماڭا ئەگىشىپ جىمىپ كەتكەن ئىدى. مەن ئۇ ئىسىمنى ئوقۇغاندا تىلىمدىنلا ئەمەس پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدىن، يۈرەك-باغرىمنىڭ قات-قېتىدىن ئاجايىپ كۈچلۈك ھەم چىرايلىق بىرسادا ئۇرغۇپ چىقۋاتاتتى.
-ئارمان!
-مانا مەن مۇئەللىم.
-ئۆيۈڭ قەيەردە؟
-بوزدۆڭدە.
-ئۆيۈڭدە كىملەر بار؟
-دادام،ئاپام، ئاكام، ئاچام ،يەنە بىر ئۇكام،بىر سىڭلىم ، بوۋام-موماملار بار مۇئەللىم!
-ئۆيۈڭ مەكتەپكە يىراقمۇ؟
-ئانچە يىراق ئەمەس، ساي تۈگمەندىن ئۆتسەكلا بىزنىڭ ئۆيگە بارىمىز.
-ئىلگىرى سىنىپ ھەيئىتى بولۇپ باققانمىدىڭ؟
-ھەئە.
شۇھامان بىرنەچچە بالا تۇشمۇ-تۇشتىن ۋارقىراشتى:
-مۇئەللىم، ئارمان باشلانغۇچ مەكتەپكە بىزگە بەش يىل سىنىپ باشلىقى بولغان!
-شۇنداقمۇ؟
-شۇنداق!
-ياخشى! ئۇنداق بولسا ئارمان داۋاملىق سىنىپ باشلىقىلىق ۋەزپىسىنى ئىشلىسۇن، قوشۇلامسىلەر؟
-قوشۇلىمىز!
ئارمان بىلەن بىر مەھەللىدىن كەلگەن بولسا كېرەك،شۇھامان ئون نەچچە بالا چاۋاك چېلىشىپ كەتتى، باشقىلار بولسا بويۇنلىرىنى سوزۇپ ئارمان ئىسىملىك يۈزلىرى يۇمۇلاق، چوڭ ھەم قاپقارا كۆزلىرى چاقناپ تۇرىدىغان، ئاۋازى جاراڭلىق بۇ ئوماق بالىغا سەپسېلىپ قاراشقا باشلىدى.
شۇ كۈندىن باشلاپ مەن ئارمان ئىسىملىك ئۇ ئوقۇغۇچۇمنى كۆپ چاقىرىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم. ھەر بىر قېتىم ئارمان دېسەم يۈرىكىم پىژژىدە قىلىپ قالاتتى. ئۆزۈمگە ھەيران قالاتتىم، ئۆزۈمدىكى بۇ تۇيغۇغا تېخىمۇ ھەيران قالاتتىم. ئۇنىڭ ئىسىمىغا ئوخشاش ئىسىمنى ئاڭلاپ قېلىشلا ئەمەس، ئۇنىڭ كىيمىگە ئوخشاش كىيىم كىيۋالغان، ئۇ ئىشلىتىدىغان نەرسىلەرنى ئىشلەتكەن ئادەملەرنى كۆرسەممۇ ئىچىمنىڭ بىر يەرلىرى پىژىلدايتى ۋە شۇ ئادەملەر كۆزۈمگە يېقىملىق كۆرۈنۈپ قالاتتى.
-شەنبە-يەكشەنبە كۈنى دەم ئېلىشتا ئۆيىڭىزگە كېتەمسىز مۇئەللىم؟
-ياق، قانداق دەيسەن ئارمان؟
-ئاپام مۇئەللىمىڭدىن سوراپ باق، شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ۋاقتى بولسا ئۆيگە چاقىرۋالاي دېگەنتى.
-مېنىڭغۇ شەنبە-يەكشەنبە باشقا ئىشىم يوق، ئەمما سىلەرنى ئاۋارە قىلسام قانداق بولار؟
-ئاۋارىچىلىق بولمايدۇ مۇئەللىم، سىز بىزنىڭ ئۆيگە بارسىڭىز بوۋام بىلەن مومام بەك خۇشال بولاتتى.
-ماقۇل ئەمىسە، قايسى كۈنى بارىمەن؟
-شەنبە كۈنى بارسىڭىزمۇ مەيلى!
-ماقۇل!
ۋەدەم بۇيىچە شەنبە كۈنى سەھەردە ئارماننىڭ ئۆيىگە بېرىشقا تەييارلىنىپ تۇرسام ياتقىمىنىڭ ئىشىكى چېكىلدى.
-كىم؟
-مەن ئارمان مۇئەللىم.
-كىرە ئارمان!
-ئاكام بىلەن بىللە كەلگەن ئىدىم، ئاكاممۇ كىرسە بولامدۇ ؟
شۇھامان ياتاقنىڭ ئىشىكىنى ئاچتىم. ئىشىك ئالدىدا ئارماننى يىتىلىگەن ھالدا مەن بىلەن دېمەتلىك، كېلىشكەن بىر يىگىت كۈلۈمسىرەپ قاراپ تۇراتتى.
-ياخشىمۇسىز مۇئەللىم؟ مەن ئارماننىڭ ئاكىسى ئېھسان بولىمەن، ئاپام سىزنى ئېلىپ كېلىشكە ئۇكام ئىككىمىزنى ئەۋەتكەن ئىدى.
-سىلەرنى ئاۋارە قىلىپتىمەنغۇ؟ ياتاققا كىرىڭلار، بىرەر پىيالە چاي ئىچىپ مېڭىڭلار!
-رەھمەت مۇئەللىم، تاماق تەييار بولۇپ قالغان، ئاپام ساقلاپلا قالدى.
-ماقۇل، ماڭايلى ئەمىسە!
مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىپلا يولنىڭ چېتىگە توختىتىپ قويۇلغان قارا رەڭلىك SANTANA ماشنىنى كۆرۈپ، سەل گاڭگىرىدىم.
-ماشىنىغا چىقىڭە مۇئەللىم، ئاكام شوپۇر، ناھىيە بازىرى بىلەن كەنتىمىزنىڭ ئارلىقىدا كىرا توشۇيدۇ!
-ھە، مۇنداقمىدى؟ ئۆيۈڭلاردا قاتناشتىن قىينالمايدىكەنسىلەر ئەمىسە.
-شۇنداق دېسەكمۇ بولىدۇ، بىراق بەزىدە كىرا چىقىپ قالسا ئۆيدىكىلەرگە ئەسقاتالماي قالىدىغان چاغلىرىممۇ بولۇپ قالىدۇ.
پاراڭلىشىپ مېڭىپ ئارماننىڭ ئۆيىگە بىردەمدە كېلىپ قالغان ئىدۇق. سەكسەن ياشتىن ئاشقان بوۋاي-موماي باشچىلىقىدىكى بىر ئائىلە كىشلىرى مېنى ناھايتىمۇ قىزغىن قارشى ئالدى. شۇنچىلىك ئىززەت-ھۆرمىتىمنى قىلغانغا چۇشلۇق ئازراق سوۋغات تەييارلىۋالمىغىنىمغا سەل خىجىل بولۇپ قېلۋاتاتتىم. مېنىڭ خىجىلچىلىقىمدىن بىخەۋەر موماي مېنىڭدىن توختىماي گەپ سورىماقتا ئىدى. يىراق يۇرتتىن كەلگىنىمنى ئاڭلاپ، دەم ئېلىشلاردا، كەچلەردە كېلىپ، قونۇپ كېتىشىمنى، ئۆزلىرىنى تۇغقان قىلۋېلىشىمنى، ئۆزىنى ئانا قىلۋېلىشىمنى قايتا-قايتا تاپىلاپ كەتكەن مېھرىبان موماي قايتىدىغان ۋاقتىمدا ماڭا قىيمىغان ھالدا قولۇمنى چىڭ سىقىپ، بايىقى گەپلىرىنى يەنە تەكرارلىغان ھالدا قالدى.
-بىرەر يەرگە بارماقچى بولسىڭىز ئارماندىن سۆز ئېيتىپ قويۇڭ مۇئەللىم، سىزنى مەن ئاپىرىپ قويىمەن!
-ماقۇل ،رەھمەت سىزگە!
سېغىنىش، ئىنتىزارلىق، ئۈمىد ھەم ئۈمىدسىزلىك ئارلىشىپ كەتكەن ئەبجەش تۇيغۇ ئىچىدە بىر ئاي تۇلىمۇ تەستە ئۆتۈپ، بۈگۈن سەھەردىلا مائاش تارقىتىلدى. بوغالتىرنىڭ قولىدىكى دەپتەرگە ئىمزا قويۇپ بېرىپ ئالغان تۇنجى ئايلىق مائاشىم ئالقىنمغا لىققىدە كەلگەن بولۇپ، ئەتىدىكى دەم ئېلىشىمدىن پايدىلىنىپ، ئارماننىڭ يېنىغا ئۇچۇشنىڭ پىلانىنى تۈزۈپ، بازارغا چىقتىم ۋە ئۇنىڭغا ئازراق سوۋغاتلىق سېتىۋالدىم.
كېچىنىڭ قانچىلىك ئۇزۇنلىقىنى ئۈنسىز سېغىنغان كىشىدىن سورا. كېچىنىڭ قانچىلىك غېربلىقىنى ئاشىقسىز مەشۇقتىن سورا!
يېرىم ئۇيقۇ، يېرىم سەگەك ھالەتتە ئاران ئاتقان تاڭنى خۇشاللىق بىلەن كۈتىۋالدىم ۋە تېزلا جابدۇنۇپ يولغا چىقتىم.
-قەيەرگە ماڭدىڭىز مۇئەللىم؟ شەگە كىرەمسىز؟
يېنىمدىلا توختىغان ماشنىدىن بىرەيلەن بېشىنى چىقىرىپ ئۈنلۈك ئاۋازدا سورىدى.
-ھەئە، شەھەرگە كىرمەكچى ئىدىم، ۋوي! سىزكەنسىزغۇ ئېھسان؟
-ھەئە، ئەتىگەن ئىككى يول كىرا تارتىپ كەلگەن ئىدىم، قارىسام سومكىڭىزنى ئېسىپ كېتىۋاتىسىز، شوڭا ئارقىڭىزدىن كەلگەن ئىدىم. چىقىڭە، مەن ئاپىرىپ قوياي!
-ماقۇل، رەھمەت.
-شەنبە-يەكشەنبە دەم ئالغان ئوخشىمامسىلەر؟
-ھەئە.
-يۇرتىڭىزغا بارىدىغان ئوخشىمامسىز؟
-ياقەي، k ناھىيىسىگە ساۋاقدىشىمنى يوقلاپ ماڭدىم.
-k ناھىيىسى بەكمۇ يىراق ئەمەس، يۈز كىلومىتىرچە كېلىدۇ، باشقا قاتناش ئىزدەپ يۈرگەندىن مەنلا ئاپىرىۋىتەيمۇ يە؟
- بۇنداق قىلساق قانداق بولار؟ سىزنى ئىشىڭىزدىن قويارمەنمۇ؟
- ياقەي، ئىشىمنى قويغۇدەك كۆپ ۋاقتىمۇ ئەمەس، ئىككى سائەتلەردە بېرىپ بولىمىز، گېپىڭىزدىن قارىسام بۈگۈن قايتىپ كېلىدىغاندەك ترۇمايسىز، شوڭا سىزنى ئاپىرۋېتىپلا، بۇتەرەپكە كىرا تارتىپ كەلسەم يەنە ئوخشاشلا ئىشلىگەن بولىمەن.
-مەيلى ئەمىسە، لىكىن كىرانى جايىدا بېرىمەن جۇمۇ، ئالمايمەن دەپ تۇرىۋالسىڭىز ماشنىڭىزدىن چۈشىۋالىمەن.
-ماقۇل، شۇنداق بولسۇن مۇئەللىم.
ئېھساننىڭ ماشىنىسىدا ئولتۇرۇپ ئارماننىڭ يۇرتىغا قاراپ يولغا چىقتىم، ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئادىرىسىغۇ سومكامدىكى خاتىرەمدە يېزىقلىق، ئەمما ئۇنىڭ مېنى قارشى ئالىدىغان-ئالمايدىغىنىنى بىلمەيتىم.
داۋامى بار.