كۆممە قوناق ناھايىتى ساغلام يېمەكلىك بولۇپ، مەيلى ئاساسلىق يېمەكلىك قىلىنسۇن ياكى ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك قىلىنسۇن، ھەر قاندىقىغا ناھايىتى ياخشى ماس كېلىدۇ. ئورۇقلاۋاتقانلارغا نىسبەتەن، كۆممە قوناقنى ئاساسلىق يېمەكلىك ئورنىدا ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ تەمى مىزىلىك بولۇپ، سىزنى ئورۇقلاشتىن ئىبارەت بۇ ئازابلىق ئىش جەريانىدا ئۆزگىچە ھۇزۇرغا ئېرىشتۈرىدۇ. كۆممە قوناق پىشۇرغاندا، مۇنداق ئۇسۇلنى قوللانسىڭىز، ئۇنىڭ تەمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، ھەمدە تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ.
بىز كۆممە قوناق يېگەندە، كۆممە قوناقتا بىر قىسىم تىرىپلىرى قالغانلىقىنى بايقايمىز. ئەمەلىيەتتە، ئۇ كۆممە قوناق تۆرەلمە بىخى بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدە نۇرغۇن ئاقسىل ۋە ۋېتامىنلار بار. كۆممە قوناق تەركىبىدە مۇشۇنداق يۇقىرى ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ بىزنىڭ ساغلاملىقىمىزغا نىسبەتەن تېخىمۇ ياخشى يېمەكلىك بولالايدۇ.
1. ئارتېرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
كۆممە قوناق مېيى كۆممە قوناقنىڭ تۆرەلمە بىخىدىن ئېلىنغان بولۇپ، بۇ خىل ماي تەركىبىدە زور مىقداردا تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بار. ئۇنى يېگەندە %90 ى ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇ بىزنىڭ قان سۇيۇقلۇقىدىكى زىيانلىق خولېستېرىننى چىقىرىپ تاشلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. ئۇ شۇ ئارقىلىق بىزنىڭ ساغلاملىقىمىزنى تېخىمۇ ياخشى قوغدايدۇ، شۇنداقلا ئارتېرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
2. قېرىشقا قارشى تۇرۇپ، يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
كۆممە قوناقنىڭ تۆرەلمە بىخىدىمۇ نۇرغۇن ۋىتامىنلار بار بولۇپ، ئۇنىڭدىكى پايدىلىق تەركىبلەرنىڭ مىقدارى كۆممە قوناق دانىچىسىنىڭكىدىن كۆپ. ئۇلار قېرىشىنى كېچىكتۈرىدۇ، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، شۇنداقلا خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىدۇ.
كۆممە قوناقنى پىشۇرغاندا، تەمىنى تېخىمۇ ياخشى قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرنى قىلىشقا بولىدۇ.
1. چىلاپ قويۇش
ئالدى بىلەن كۆممە قوناقنى پاكىز ئادالاپ، ئاندىن ئۇنى سوغۇق سۇغا بىر مىنۇت ئەتراپىدا چىلاپ قويۇش كېرەك. بۇ كۆممە قوناقنىڭ تەمىنى تېخىمۇ تاتلىق قىلىدۇ. كۆممە قوناقنىڭ تەمى تېخىمۇ ياخشى بولسۇن دېسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى 15 مىنۇتتىن يېرىم سائەتكىچە چىلاپ قويۇڭ.
2. ئازراق تۇز سېلىش
كۆممە قوناقنى پىشۇرۇش جەريانىدا ئازراق تۇز سېلىۋەتسە، كۆممە قوناقنى تېخىمۇ تەملىك پىشۇرغىلى بولىدۇ. ئەمما، تۇز سۇ قاينىغاندىن كېيىن سېلىنىدۇ، بولمىسا بۇ رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ.
3. ئازراق شۇلتا سېلىش
كۆممە قوناق پىشۇرۇش جەريانىدا، ئازراق شۇلتا سېلىپ قويساق، كۆممە قوناقنىڭ پىشقاندىن كېيىنكى تەمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
4. سىرتقى پوستى بىلەن قاينىتىش
بىز كۆممە قوناق پىشۇرغاندا، ئۇنىڭ بارلىق سىرتقى پوستىنى ئېلىۋېتىشكە ئادەتلەنگەن. چۈنكى بىز بۇنداق پىشۇرۇلغان كۆممە قوناق تېخىمۇ تەملىك بولىدۇ ھەم ئاسان پىشىدۇ، دەپ قارايمىز. بىراق، بۇ خىل ئۇسۇلدا پىشۇرۇلغان كۆممە قوناقنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ناھايىتى ئاسانلا يوقاپ كېتىدۇ، تەمىمۇ ئانچە ياخشى بولمايدۇ. كۆممە قوناقنىڭ پوستىنى سويغاندا، بىر نەچچە تال پوستىنى قالدۇرۇپ قويساق، كۆممە قوناقنىڭ ئەسلىدىكى پۇرىقىنى ساقلاپ قالغىلى، شۇنداقلا ئۆزگىچە تەمىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.
كۆممە قوناققا ھەرگىز سەل قارىماڭ، ئۇنىڭدا بىزنىڭ سالامەتلىكىمىزگە پايدىلىق ماددىلار بار.
قوللاپ ھارمىسىڭىزلا يوللاپ ھارمايمىز