قېرى قىز
ئايگۈل ناسىر ياسىمەن
13- قىسىم
-ئاز گەپ قىلىڭ،ئاز! مەكتىپىڭىزدىكى ئىشلىرىڭىز بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئېغىزىغا چىقىپ قېلىشتىن بۇرۇن بۇ توينى قىلۋالايلى! سىز بىلەن بىر مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بالىلارمۇ ئاز ئەمەس، بىرسى بولمىسا، بىرسىنىڭ ئېغىزىدىن مەكتەپتىكى ئۇ ئىشلار چىقىپ كېتىپ قالسا، ئۇ چاغدا خەقنىڭ ئېغىزىنى تۇتۇۋالغىلى بولمايدۇ!
-مەن ئەرگە تەگمەيمەن ئاچا!
-نېمىشقا؟ ئەرگە تەگمەي خوتۇن ئالامتىڭىز؟
- تەگمەيمەن دېدىم تەگمەيمەن!
-شۇ، نېمىشقا تەگمەيسىز دەۋاتىمەن؟!
-چۈنكى، مەن قىز ئەمەس!
*** *** ***
ئەزەلدىن مېنى سەنلىمەيدىغان ئاچام تەلەتىنى بۇزۇپ، سەنلەپلا چۈشتى.
-نېمە دەۋاتىسەن ھەي نومۇسسىز؟ بۇ گەپ ئېغىزىڭدىن قانداق چىقتى؟ سەن قىز بولماي جۇۋانمىتىڭ؟ قىزلىقىڭ قېنى؟ كىمگە بەردىڭ؟!
-بۇنىڭ سىز بىلەن ئالاقىسى يوق ئاچا، مەن ھازىر توي قىلمايمەن، كېينچە توي قىلساممۇ، ئۇ غالىپ دېگەنگە تەگمەيمەن، مېنىڭ توي قىلىدىغان ئادىمىم بار. بۇ گېپىمنى دادام-ئاپاملارغا يەتكۈزۈپ قويۇڭ!
-ھەي ھاياسىز! مەن سېنى دادام -ئاپاملارغا « قىز ئەمەسكەن، جۇۋان بولۇپ كېتىپتۇ،غالپقا تەگمەيدىكەن، ئۆزى تاپقان ئادەمگە تېگىدىكەن» دەمدىم؟
-نېمە دېسىڭىز دەڭ ئاچا، ئىشقىلىپ مەن ھازىر توي قىلمايمەن، مۇشۇ مەقسىدىمنى ئۇلارغا بىلدۈرسىڭىزلا بولدى!
ئاچام ياقىسىنى چىشلىگىنىچە ئۆزى بىلەن ئۆزى غۇدۇراپ، بىرنېمىلەرنى دەپ باغدىن چىقىپ كەتتى.
ئاشۇ غالىب دېگىنى ئارمان بولۇپ قالسىچۇ ھە! ئارمان ئاتا-ئانىسىنى ئەلچىلىككە ئەۋەتكەن بولسا قانچە خۇشال بولۇپ كېتەر بولغىيتىم؟ ناۋادا شۇنداق بولغان بولسا ئۇنىڭغا قىلچە بېسىم قىلماي، ئەڭ ئاددى ئۇسۇلدا توي قىلىپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، خۇشال ھالدا كېتىپ قالار بولغىيتىم. ناۋادا بىركۈنلەردە ئۇ باشقا بىرى بىلەن، يەنە كېلىپ ھېلىقى لالە بىلەن توي قىلىپ قالسا قانداق قىلارمەن؟ ئۇنىڭ توي خەۋرىنى ئاڭلاپ قالسام نەپەس ئالالارمەنمۇ؟ يەنە داۋاملىق ياشىيالارمەنمۇ؟ شۇنچە ئاشىقلىقىم ئارماننى ئازراق بولسىمۇ تەسىرلەندۈرەلمەسمۇ؟
-گۈلزىبا! بۇياققا چىقە!
ئاپامنىڭ زەردىلىك ئاۋازى ئاڭلاندى. ئېنىقكى، ئۇ ئاچامدىن بايىقى گەپلىرىمنى ئاڭلاپ غەزىپى قايناپ تاشقان ئىدى.
سالماق قەدەملەر بىلەن ئۆيگە كىردىم. مەن ھەركىملەردىن كېلىدىغان ھەرقانداق بېسىم ۋە زەربىگە ئاللىقاچان تەييارلىنىپ بولغان ئىدىم.
-بايا ئاچاڭغا ئېيتقانلىرىڭنى قايتا دېگىنە!
كىچىك ئاچام ئاپامنىڭ باش ئىشارىتى بىلەن بېرىپ ھوجرامنىڭ ئىشىكىنى يېپىپ، ئىچىدىن تاقىدى ۋە دېرىزىلەرنىڭ پەردىسىنىمۇ چۈشۈردى.
-ئاچامغا دېگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى راست، يەنە قايتا دېيىشىمىنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟
-نېمە؟ نېمە دېدىڭ؟! قارا بۇنى، تەپتارتماي دەۋاتقان گېپىنى! قىز بالىمۇ ھەي سەن؟ قىز بالىمۇ سەندەك بولامدۇ؟
بېشىمنى تۆۋەن سالغىنىمچە تىرنىقىمنى تاتىلاپ ئولتۇرىۋەردىم. ئاپامنى ھەم ئاچىلىرىمنى خاتا قىلدى دېيەلمەيتىم. ئۇلارنىڭ دېگەنلىرى ۋە قىلغانلىرى ئۆزىگە توغرا. ئۆزۈمنىمۇ خاتا قىلدىم دېمەيتىم. مېنىڭ قىلغانلىرىممۇ ئۆزۈمگە توغرا. مەن ئارماننى چىن دىلمدىن ياخشى كۆردۈم، بۇ ياخشى كۆرۈشۈم چەكتىن ئېشىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، شوڭا چەكتىن ئېشىپ كەتكەن قىسىمى ئۈچۈن ئەتراپىمدىكى ھەممەيلەننىڭ مېنى يامان كۆرۈپ قالغىننى بىلىمەن. ئەمما ئۇلارنىڭ مېنىڭ بىراۋنى قانداق ئۇسۇلدا، قانچىلىك مىقداردا ياخشى كۆرۈشۈم بىلەن نېمە چاتىقى؟ ئەجىبا مەن مۇھەببەت-نەپرىتىمنى شۇلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئاساسەن بەلگىلىشىم كېرەكمىدى؟ ئارمانغا قىزلىقىمنى بەرگىنىم بەلكى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە كەچۈرگىىسز خاتالىق، بەكلا نومۇسلۇق ئىش بولسا كېرەك، ئەمما ئۇ ئىشتا مەن خاتا قىلدىم دەپ قارىمايمەن. ئۆزى ياخىشى كۆرگەن ئادەمگە ئۆزىنى بېغىشلاش خاتا ئىش بولسا، ئۆزى ياخشى كۆرمىگەن ئادەم بىلەن بىللە ياشاپ، بىر ياستۇققا باش قويۇپ،كۈندە كەچتە بىللە ئۇخلاپ، ئەمما كۆڭلىدە باشقا ئادەمنى ئويلاپ، جىسىمىنى پاك ساقلىغان بىلەن روھى جەھەتتىن تاپتىن چىقىش توغرا ئىشمۇ ئەمىسە؟ مەن باشتا ئارماننى سۆيدۇم، ئاخىرغىچە ئۇنى سۆيىمەن، مەيلى قەلبىم ياكى جىسمىم بولسۇن ئۇنىڭغا ئاسيىلىق قىلمايدۇ، ئۇنى ئالدىمايمەن، غالىپقا ئوخشاش مېنى ئالماقچى بولۇپ، مېنى سوراپ ئۆيۈمگە كەلگەنلەرنىمۇ ئالدىمايمەن. مەن شۇنچە سەمىمى تۇرسام، بۇ ئادەملەر مېنى نېمىشقا ئۆزلىرىنىڭ ئۆلچەم -قېلىپلىرى بۇيىچە ساختا ياشاشقا مەجبۇرلىشىدۇ؟ ئەجىبا ئاتالمىش غۇرۇر، شان -شۆھرەت، نام-ئابرۇي ئۈچۈن ئىنسان بىر ئۆمۈر ئۆزىنىمۇ، باشقىلارنىمۇ ئالداپ، يا ئۆزى خۇشال بولالماي، يا باشقىلارنى خۇشال قىلالماي ياشىشى كېرەكمىدى؟
-گەپ قىلە!
ئاپامنىڭ دەھشەتلىك ئاۋازىدىن دىڭڭىدە چۆچۈپ بېشىمنى كۆتۈردۈم.
-ساڭا گەپ قىلۋاتىمەن بەز، ماڭا جاۋاب بەر!
-قايسى گېپىڭىزگە جاۋاب بېرىمەن ئاپا؟
-كىم؟ سېنى تاپتىن چىقارغان ئۇ زادى كىم؟ يەنە شۇ ھېلىقى ئارمان دېگەن لۈكچەكمۇ؟
-ئۇ لۈكچەك ئەمەس ئاپا، ئۇ مېنى ھىچ ئىشقا مەجبۇرلىمىدى، ھەممىنى مەن ئۆزۈم خالاپ قىلغان، ئاقۋىتىگە ئۆزۈم ئېگە. ئارماندا ھىچقانداق خاتالىق يوق، ئۇنى ئەمدى تىللاۋەرمەڭ.
يۈزۈمگە چاڭڭىدە تەگكەن تەستەكتىن كۆز ئالدىمدا يۇلتۇز يورۇپ كەتتى. بۇرنۇمدىن شۇررىدە ئېقىپ كۆڭلىكىمنىڭ ئېتكىگە يېيىلغان قان گويا ھېلىقى ۋاقىتتا ئاسمانرەڭ كىرلىكىم ئۈستىگە يېيىلىپ كەتكەن قاندەك كۆرۈنمەكتە ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ئىچىمدە گۈررىدە بىرپارچە ئوت كۆيۈپ، ئارمانغا بولغان سېغىنىشىم باشقىچە كۈچىيىپ كەتتى.
-مەن ئۇ لۈكچەكنى ئەرز قىلىمەن! تۈرمىگە سولتىۋىتىمەن!
- ئەرز قىلساقمۇ بىكار ئاپا، ئاقمايدۇ. بۇ ئەقىلسىزنىڭ «ئۇ پوقنى مەن ئۆزۈم خالاپ يىدىم، مېنى ھىچكىم مەجبۇرلىمىدى» دېگىنىنى ئاڭلىمىدىڭىزمۇ؟ بىز ئەرز قىلغان تەقدىردىمۇ، بۇ قاپاقباش ئۇ لۈكچەكنى ئاقلاپ تۇرىۋالسا بىز ھىچ ئىش قىلالمايمىز.
-ئاھ يۈرىكىم! نېمە دەپمۇ تۇغقان بولغىيتىم بۇنى! نېمە دەپمۇ ئوقۇتقان بولغىيتىم! ئۆز ۋاقتىدا دادىسى ئەۋەتمەيلى دېسە، ئالدىغا چىقىپ ساقىلىنى تاراپ، تىل ئاڭلاپ يۈرۈپ ئوقۇشقا ئەۋەتىپتىكەنمەن. شۇ ۋاقىتتا بۇنداق بولارىنى بىلگەن بولسام،تاز بولامدۇ، بەز بولامدۇ، يا مالچى، جاڭگالچى بولامدۇ، ئەر ئىسىملىك بىرسىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۋېتىپ بۇ باش ئاغرىقى، يۈرەك ئاغىرىقىدىن بىراقلا قۇتۇلاركەنمەن! ۋاي ئىست! ۋاي ئىسىت! تۇغۇلغان چېغىدا قۇڭامغا باسۇرۇپلا ئۆلتۈرۋەتكەن بولسامچۇ بۇ شەرمەندىنى! ھۈ...ھۈ...ھۈ...
ئەجىبا ئاپاملار مېنى ئىزدەپ مەكتىپىمگە بارغاندا، ھېلىقى بازاردا مەن ئارماننىڭ ياقسىغا ئېسىلۋېلىپ دېگەن گەپلىرىمنى ئاڭلىمىغان بولغىيمىتى؟ شۇ ۋاقىتتا مەن غەزەپلەنگىنىمدىن ھىچنىمنى ئويلىماي، بويۇمدىن چۈشۈپ كەتكەن ئىككى بالىنى تىلغا ئالغان ئىدىم. مەن تېخى ئاپاملار شۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئاندىن مېنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كەلدى دەپ ئويلاپتىكەنمەن، شۇنىڭ ئۈچۈن مېنى ئەرگە بېرىشكە ئالدىراپ كەتتى دەپ ئويلاپتىكەنمەن، ئەسلى ئۇ ۋاقتتا گېپىمنى تولۇق ئاڭلىمغان ئوخشىمامدۇ؟ شوڭا ھازىرقى بۇ گەپلەر جان-جېنىدىن ئۆتۈپ قاخشاپ كەتكەن ئوخشىمامدۇ؟
ئاپام ۋە ئاچىلىرىم بىر-بىرىدىن غەزەبلىك چىرايلىرىنى پۈرۈشتۈرگىنىچە، ماڭا قاراشقىمۇ رەغدى يوق ھالدا چىقىپ كېتىشتى. ھەرھالدا بىردەم بولسىمۇ قۇلىقىم تىنجىپ، تىنىچلىنىپ قالغىنىمدىن خۇشال بولۇپ، كارۋىتىمدا جىممدە ياتتىم. كۆپرەك تىنىچلىنۋېلىشىم كېرەك ئىدى. سەل تۇرۇپ بۇ گەپلەرنى دادام بىلەن ئاكىلىرىم ئاڭلىسا يەنە قانداق دىشۋارچىلىقلارنىڭ يۈز بېرىدىغىنىنى بىلمەيتىم.
تاڭ سەھەردە جىمجىت بىر كۈننى كۈتىۋالدىم. ئاخشام ئويلىغىنىمدەك دەھشەتلىك مەنزىرە پەيدا بولمىدى. داداممۇ، ئاكىلرىممۇ ماڭا ھىچنىمە دېمىدى ياكى غەيرى نەزەردە قاراپ قالمىدى. ئاچىلىرىم ئاخشاملا ئۆيلىرىگە كېتىشكەن بولۇپ، ئاپام بىلەن يەڭگەم قازان بېشىدا چۆرگىلەپ يۈرەتتى، ئۇلارنىڭ چىرايىدىن ھىچقانداق ئىش يۈز بەرمىگەندەك خاتىرجەملىك ۋە ئېغىر-بېسىقلىق ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى.
ئارمانغا خەت يېزىشنى توختاتمىغان ئىدىم. ئەمما ئۇنىڭدىن بىر پارچىمۇ جاۋاب خەت كەلمىدى. مەيلى جاۋابى كەلسۇن ياكى كەلمىسۇن، مەن ئۇنى سۆيۈشتىن، ئىزدەشتىن ھەرگىز توختاپ قالمايمەن، چۈنكى سۆيۈش مېنىڭ شەخسى ئىشىم. قوبۇل قىلىش-قىلماسلىق ئۇنىڭ ئەركىنلىكى. ئۇ مېنىڭ ئۆزىنى ئىزچىل سۆيىۋاتقىنىمنى بىلسىلا بولدى، جاۋاب قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلمايمەن.
پوچتىخانىغا كىرىپ ئارمانغا يېزىلغان ئۈچ كۈنلۈك خېتىمنى سېلۋېتىپ قايتىپ چىقىپ كېتۋاتقىنىمدا بىرەيلەن ئىسمىمنى چاقىرىپ قالدى.
-گۈلزىبا!
جايىمدا توختاپ ئارقامغا بۇرۇلدۇم. ئوتتۇرا بوي، خام سېمىز، ئاق سېرىق كەلگەن ئورا كۆز بىر يىگىت ماڭا قاراپ كېلۋاتاتتى.
-ياخشىمۇسىز گۈلزىبا؟
-ياخشى تۇردۇم، رەھمەت. كىم بولىسىز؟
-مەن غالىپجان.
-نېمە گېپىڭىز بار ئىدى؟
-ئۆيىڭىزگە ئەلچى ئەۋەتكەن ئىدىم، تېخىچە بىرەر ئېغىز جاۋاب بەرمەپسىلەر، شوڭا ئۆززىڭىزنىڭ ئېغىزىدىن گەپ ئاڭلاپ باقاي دېگەن.
-جاۋابنى سىزگە، مۇشۇ يەردە بېرىۋەتسەم بولامدۇ؟
-بۇ ... بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟
-دېمەكچى بولغىنىم-جاۋابىمنى سىز مۇشۇ يەردە ئاڭلامسىز ياكى ئەلچىلىرىڭىز ئاتايىن ئۆيگە بېرىپ، ئاتا-ئانامنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلىشى كېرەكمۇ؟
-مەن ئاڭلىساممۇ مەيلى.
-مېنىڭ توي قىلىشقا پۈتۈشكەن ئادىمىم بار، 9-ئايدا بۇ يۇرتتىن ئايرىلىپ، خىزمەت ئورنۇمغا- يىگىتىمنىڭ يۇرتىغا كېتىمەن، شوڭا سىز بىلەن توي قىلىشقا قوشۇلالمايمەن!
-بۇ... سىز... ئاتا-ئانىڭىز ئۇنداق دېمەپتىكەنغۇ؟
-ئاتا-ئانام ئۇ ۋاقىتتا بۇ ئىشىمنى بىلمەيتى، ھازىر بىلىدۇ.
-خەقنىڭ يۇرتىدا نېمە بار سىزگە؟
-مۇھەببەت بار، سۆيگۈ بار!
خىياللىرىمغا، كۆزلىرىمگە، سۆزلىرىمگە، ھەتتا نەپەسلىرىمگە لىققىدە تولغان ئارماننى خىيالەن باغاشلىغىنىمچە كېتىۋاتىمەن. كوچىلاردا، يوللاردا كىملەر ئۆتۈۋاتىدۇ، ئەتراپىمدىكى ئادەملەر نېمە دېيىشۋاتىدۇ، قانداق ئىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ ...ھىچقايسىسىغا قىزىقمايتىم. مەن پەقەت ئەسىرلەردىنمۇ ئۇزۇن بىلىنىپ كېتىۋاتقان بۇ ۋاقىتىنىڭ تېزراق ئۆتۈپ، يېڭى ماۋسۇملۇق ئوقۇشنىڭ باشلىنىشىنىلا كۈتەتتىم، چۈنكى يېڭى ئوقۇش ماۋسۇمى باشلانسا مەن قۇمتوغراققا كېتەتتىم ھەم ئۇيەردىن ئارماننى كۆرگىلى بارالايتىم.
-راشىدىن قاسساپنىڭ ئۆيى مۇشۇ شۇمۇ؟
قۇياش كۈلۈپ چىققان چىرايلىق بىر سەھەردە پوچتاليوننىڭ ئىشىكىمىز ئالدىدا تۇرغىنىنى كۆرۈپلا ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىقتىم.
-ھەئە. مۇشۇ شۇ!
-خەت باركەن!
-رەھمەت سىزگە!
ئىچ-ئىچىمگە پاتمايۋاتقان بىر خۇشاللىق بىلەن ھاياجاندىن تىترەپ كېتىۋاتقان قولۇمنى پوچتالىيوننىڭ قولىدىكى خەتكە سۇندۇم.
ئۇ يوغان بىر دەپتىرىگە ئىمزا قويدۇرۋالغاندىن كېيىن كېتىپ قالدى. يوغانلا كونۋىرىتىنى كۆتۈرۈپ ھويلىغا كىرگىنىمدە ئوچاق بېشىدا مىدىرلاپ يۈرگەن ئاپام قولۇمغا لەپپىدە قاراپ قويۇپ ئىشىنى قىلىۋەردى.
ھويلىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى يوغان كارۋاتقا كېلىپ ئولتۇرۇپ كونۋېرىت ئۈستىدىكى خەتكە قارىدىم. خەت قۇمتوغراقتىن كەلگەن ئىدى! بايىقى ھاياجانلىرىمنىڭ يېرىمى كۆڭۈل يېرىملىققا ئالماشتى. ئارماندىن كەلگەن خەت دەپ خاتا ئويلىۋالغان ئىدىم. ئاۋايلاپ كونۋېرىتنى يىرتىپ ئىچىدىكىنى چىقىرۋاتقىنىمدا يەڭگەم يېنىمغا كەلدى.
-نېمە خەتكەن سىڭلىم؟
-خىزمەت ئۇقتۇرۇشۇم ئىكەن.
-ۋوي، مۇبارەك بولسۇن! نىمانداق ياخشى! قەيەردىن كەپتۇ؟ نەدە ئىشلەيدىكەنسىز؟
-X ناھىيىسىنىڭ قۇمتوغراق كەنىتىدىن كەپتۇ، شۇ يەردىكى مەكتەپتە ئىشلەيدىكەنمەن.
-ھە؟! نىمانداق يىراق؟ نېمىشقا شۇنچە يىراق يەرگە تەقسىم قىلىپ قويغاندۇ سىزنى؟
-بوپتۇ بالام، قەيەر بولسا ئوخشاش ئەمەسمۇ؟ ھازىر ئادەم پىششىقى بولۇپ قالدى، گۈلزىباغا ئوخشاش داشۆسېڭ بالىلار جېق. يىراق بولسىمۇ، يېقىن بولسىمۇ خىزمەتنىڭ چىققىنى ياخشى، شۇلارنىڭ ماۋۇ يەرگە كېلىپ ئىشلەڭ دېگىنى گۈلزىبا ئۈچۈنمۇ، بىز ئۈچۈنمۇ ياخشى! ئۇ يەرنى يىراق كۆرۈپ، يۇرتتا تۇتۇپ قالىمىز دېسەك، بۇ بالىلار ئارزۇ قىلغان خىزمەت بۇيەردىن چىقماي، بۇ بالىلارنى بۇيەردىكى خىزمەت ياراتماي نەچچە يىل تۇرۇپ قالىدىغان ئىش بولمىسۇن!
-ئۇغۇ توغرا ئاپا، ئەمدى دەيمىنا، قايسى كۈنى تېخى ئەلچىلەر كەلگەن... ئۇلارغا نېمە دەرمىز ئەمدى؟
-ئۇلارغا مۇشۇنداق دەرمىز، قانداق قىلىمىز ئەمدى؟ خىزمىتى يىراقتىكەن دېمىسە، ئوغلى بۇنىڭ بىلەن بىللە كېتىشكە قوشۇلسا، ياكى يۆتكەپ كېلىشكە كۈچى يەتسە قىلارمىز ئۇ توينى، بولمىسا ئىشىمىزنى قىلارمىز...
ئاپامنىڭ قۇمتوغراققا بېرىشىمغا توسقۇنلۇق قىلمايدىغىنىنى بىلىپ بەكلا خۇش بولۇپ كەتتىم. قۇمتوغراققا مېڭىش ئۈچۈن يولغا چىققان كۈنۈمگە قەدەر مېنىڭ خىزمەتتىكى بۇ تاللىشىم توغرىلىق ھىچكىم ھىچنىمە دېمىدى، ھەتتا داداممۇ بىر ئېغىز گەپ قىلمىدى.
-دادا،ئاپا، ھەپتىنىڭ بىرى ئىش ئورنۇمغا بېرىشىمنى ئۇقتۇرۇپتۇ، ئەتە سەھەردە يولغا چىقىمەن.
-ماقۇل، ماڭسىڭىز مېڭىڭ!
دادام شۇنداق دەپلا يانچۇقىنى ئاختۇرۇپ بىر نەچچە ۋاراق پۇلنى چىقىرىپ ، قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ، ھارۋىنى ھەيدەپ چىقىپ كەتتى.
شۇ كۈنى كېچە يېرىمغىچە كىرپىك قاقماي ئاتا-ئانام ۋە ئارماننى كۆڭۈل تارازامنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئولتۇرغۇزۇپ ئۆلچەپ چىقتىم ۋە ئەتىسى تاڭ سەھەردە جىمجىتلا يولغا چىقتىم.
داۋامى بار.