بۇ4خىل گۈلنىڭ بۇنداق پايدىلىق ئىكەنلىكىنى نۇرغۇن كىشلەر بىلمەيدۇ

文摘   2024-11-13 11:01   新疆  

يازنىڭ ھاۋاسى بىر قەدەر ئىسسىق بولغاچقا، ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا بىر دوستۇم ئىزچىل چىش مىلىكىم ئاغرىۋاتىدۇ، ئىسسىقىم ئېشىپ كەتتى دېدى. بۈگۈن كۆپچىلىككە بىر نەچچە خىل گۈلنى تەۋسىيە قىلىمەن، بۇ گۈللەر ئىسسىقنى ياندۇرۇپلا قالماي يەنە سۇس خۇشپۇراق چېچىپ تۇرىدۇ، تومۇز ئىسسىقتا بىر ئىستاكان ئىچىپ بەرسە، ئىسسىقنى ياندۇرىدۇ، گۈل ھەۋەسكارلىرى دەرھال كۆرۈپ بېقىڭلار.

01

ئەتىرگۈل چېيى

ئەتىرگۈلنىڭ ئىستېمال قىلىنىش تارىخى ئۇزۇن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتىرگۈل 40 مىليون يىللار ئىلگىرىلا پەيدا بولغان. دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسىدىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەتىرگۈلنى يېگىلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە يەلنى تەڭشەش ۋە ئاشقازاننى ياخشىلاش، ئىسسىقنى قايتۇرۇپ قىزىتمىنى ياندۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە ئىكەن. ئەمەلىيەتتە ئەتىرگۈل چېيىنى ياساش ئۇسۇلىمۇ ئىنتايىن ئاددىي. بىز ئەتىرگۈلنى ئۈزۈپ، ئاندىن بىر سېلىنچا تېپىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەكشى يېيىتىپ قۇرۇتۇپ، قۇرغاندىن كىيىن دەملەپ ئىچسەكلا بولىدۇ.

گۈل ھەۋەسكارلىرى شۇنىڭغا دىققەت قىلىشى كېرەككى، ئەتىرگۈلنى ئاپتاپقا سالغاندا، چوقۇم شامال ئۆتۈشۈشچانلىقى بىر قەدەر ياخشى مۇھىتقا قويۇش كېرەك، شامال ئۆتۈشىشى بىر قەدەر ياخشى مۇھىت ئەتىرگۈلنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇتىدۇ. گۈل بەرگى قۇرىغاندىن كېيىن، گۈل بەرگى قۇرغاق بوتۇلكىغا سېلىپ ساقلايمىز، ئىچكۈمىز كەلگەندە بىۋاستە چىلايمىز.

تاتلىق نەرسىلەرنى ئىچىشنى ياخشى كۆرسىڭىز، يەنە مۇۋاپىق مىقداردا ھەسەل قوشساقمۇ بولىدۇ.

02

بابۇنە

ئىسسىقنى قايتۇرىدىغان بابۇنە چىرايلىق بولۇپلا قالماي، يەنە چاي دەملەشكىمۇ ناھايىتى ماس كىلىدۇ، بابۇنەنىڭ بېسىمنى يېنىكلىتىش، ئىسسىقنى قايتۇرۇپ قىزىتمىنى ياندۇرۇش ئۈنۈمى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە بابۇنەنى كۆرگەندە ياشلىق تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ. بابۇنە بىلەن دەملەنگەن چايدا ئازراق قىرتاق تەم بولىدۇ، گۈل ھەۋەسكارلىرى ئۆزىنىڭ تەمىگە ئاساسەن ئازراق دولانا، لىمون ياكى ھەسەل سالسا بولىدۇ.

سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، كۆپچىلىككە شۇنى ئەسكەرتىپ قويىمىزكى، بابۇننىڭ تەبىئىتى سوغۇق، ھامىلدار ئاياللار ياكى ھەيىز مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان ئاياللار يەنىلا ئىچمەسلىكى كېرەك، سالامەتلىككە زىيانلىق. بەدەن سۈپىتى بىر قەدەر سوغۇق بولغان دوستلارمۇ مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىشى كېرەك.

03

ئۇچقات

ئۇچقاتنىڭ ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، زەھەرنى قايتۇرۇش ئۈنۈمىنى ئومۇمىي خەلق بىلىدۇ، ھازىر ئۇچقاتنىڭ ئۆسۈشىنىڭ ياخشى پەيتى. بىز ئادەتتە ئىچىدىغان ئۇچقاتنىڭ چېچەكلىمىگەن غۇنچىسىنىڭ ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى، پۇرىقى ئەڭ كۈچلۈك، ئۈزگەندە مۇشۇنداق غۇنچىنى ئۈزسەكلا بولىدۇ.

ئۈزگەن ئۇچقاتلارنى سالقىن، ھاۋا ئۆتۈشىدىغان يەرگە قويۇپ قۇرۇتىمىز، ئاندىن قۇرغاق ئەينەك بوتۇلكىغا قاچىلىساق بولىدۇ، ئەگەر كۆپچىلىك ئۇچقاتنىڭ تەمى بىر قەدەر سۇس دەپ قارىسا، يەنە ئازراق دولانە سېلىپ تەمىنى تەڭشىسە بولىدۇ. ئۇچقاتنى دائىم ئىچىپ بەرسە، ياللۇغ قايتۇرۇش، زەھەر قايتۇرۇش، ئىسسىقنى ياندۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە. يازدا ئىچسە ئەڭ مۇۋاپىق.

 4.

 يەسىمەنگۈل

يەسىمەن گۈلنىڭ پۇرىقى بىر قەدەر قويۇق بولغان بىر خىل چاي بولۇپ، يەسىمەن گۈلىنى دائىم ئىچىپ بەرسە ئىسسىقنى ھەيدەپ، زەھەرنى قايتۇرىدۇ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، مېڭىنى سەگەكلەشتۈرىدۇ، چارچىغاندا يەسىمەن گۈلىنىڭ پۇرىقىنى پۇرىغاندا بېسىمنى يېنىكلىتىش رولىمۇ بار، دەملەپ ئىچمەكچى بولسا ئىمكانقەدەر يەسىمەن گۈلىنىڭ تولۇق ئېچىلمىغان غۇنچىسىنى ئىشلىتىش كېرەك، بۇ چاغدا غۇنچىنىڭ پۇرىقى تېخىمۇ قويۇق بولىدۇ، چاي دەملەشكە ئەڭ ماس كېلىدۇ، دەملەنگەن چاينىڭ تەمىمۇ ئەڭ ساپ بولىدۇ.

يەسىمەن گۈلىنى قۇرۇتۇپ ئاندىن سۇغا چىلاش ھاجەتسىز، يەسىمەن گۈلىنى بىۋاسىتە ئۈزۈپ سۇغا چىلىسىلا بولىدۇ، ئۇ قىزىتمىنى ياندۇرۇپ، زەھەرنى قايتۇرۇش، ياللۇغنى قايتۇرۇپ، ئىسسىقنى قايتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە. 

بۇ تۆت خىل گۈلنىڭ رولى كۆپ بولۇپ، گۈل بەرگىلىرىنى ئۈزۈپ چاي دەملەپ ئىچسە، ئىسسىقنى ياندۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇرىقى ئىنتايىن خۇشپۇراق گۈل بىقىش ھەۋەسكارلىرى يەنە قانداق چاي دەملەشكە بولىدىغان گۈللەرنى بىلىدۇ، ياكى ئۆزىنىڭ چاي دەملەش ئۇسۇلىنى كۆپچىلىككە ئېيتىپ بېرىدۇ، ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىغا سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنۇتماڭ.

بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ

BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章