ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺗﺎﭘﺎﻥ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ يىرىلىپ كىتىش سەۋەبلىرنى بىلەمسىز؟

文摘   2024-11-13 11:01   新疆  

ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺋﺎﻳﺎﻍ ﻛﯩﻴﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﭘﺎﻥ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻗﯘﺭﻏﺎﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﯧﺘﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﺪﺍ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﮪﺎﯞﺍ ﻗﯘﺭﻏﺎﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﮪﯟﺍﻝ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ.

ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﻪﮪﯟﺍﻝ ﺋﯘﻧﭽﻪ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﭘﯘﺗﯩﻤﯘ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻣﯘﮪﯩﻢ، ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺗﺎﭘﺎﻥ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﻗﯘﺭﻏﺎﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ؟ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟

ﺗﺎﭘﺎﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻠﯩﺶ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﺮﻯ

1. ﮪﺎﯞﺍ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻗﯘﺭﻏﺎﻕ ﺑﻮﻟﯘﺵ

ﮪﺎﯞﺍ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻗﯘﺭﻏﺎﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺗﯧﺮﻩ ﻣﺎﻱ ﻗﻪﯞﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ، ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﯞﻩ ﺗﺎﭘﺎﻥ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯘﺭﻏﺎﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻰ ﻛﯚﺭﯨﻠﯩﺪﯗ.

2. ﭘﯘﺕ ﭘﯘﺭﺍﺵ

ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﭘﯘﺕ ﻣﯩﻜﺮﻭﺑﺘﯩﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺶ، ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻗﯘﺭﻏﺎﻕ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﭘﯘﺕ ﺗﯧﺮﯨﺴﻰ ﻗﯧﻠﯩﻨﻼﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﻳﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﻮﺭﯗﻕ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ،ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﭘﯘﺕ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﻪ ﺑﯩﻨﻮﺭﻣﺎﻟﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﮪﺎﻣﺎﻥ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

3. ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﺵ

ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﮪﺎﺭﻏﯩﻨﻠﯩﻖ ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺑﻪﺩﻩﻥ ﭼﯧﻨﯩﻘﺘﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﭼﯧﻨﯩﻘﺘﯘﺭﻣﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﯩﯔ ﻗﺎﻥ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻧﺎﭼﺎﺭﻟﯩﺸﯩﭗ، ﭘﯘﺕ-ﻗﻮﻝ ﺋﯩﺴﺴﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﮪﯟﺍﻝ ﻛﯚﺭﯨﻠﯩﺪﯗ، ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺗﺘﻪ ﺗﺎﭘﺎﻥ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯘﺭﻏﺎﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ.

4. ﺩﯨﻴﺎﺑﯧﺖ ﻛﯧﯩﺴﻠﻰ

ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﺎﭘﺎﻥ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻳﯧﺮﯨﻠﯩﺶ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﻳﻪﻧﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﺩﯨﻴﺎﺑﯧﺖ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﻩ ﻗﺎﻥ ﻗﻪﻧﺖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﺑﯩﻨﻮﺭﻣﺎﻟﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻚ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺗﯧﺮﻩ ﻗﯘﺭﻏﺎﻗﻠﯩﺸﯩﺶ، ﺗﺎﭘﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﻠﯩﺶ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻰ ﻛﯚﺭﯨﻠﯩﺪﯗ.

ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﺎﭘﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟

ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﺗﺎﭘﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻣﺎﺱ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻍ ﺗﺎﻟﻼﺵ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﺗﺎﺋﺎﻣﻐﺎ ﺋﻪﮪﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺶ، ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﺷﻘﺎ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﯩﺶ، ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯧﺮﻩ ﺋﺎﺳﺮﺍﺵ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﭘﻪﺳﯩﻞ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﺗﯧﺮﻩ ﺋﺎﺳﺮﺍﺷﻘﺎ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ

BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章