قېرى قىز
ئايگۈل ناسىر ياسىمەن
10-قىسىم
مەن لالە دېگەن قىزغا ئۇتتۇرۇپ قويمايدىغانلىقىمنى بىلەتتىم. پىراكتىكىمىز تۈگەپ، ئوقۇشىمىز پۈتىدىغانغا ئاز قالغاندا مەكتىپىمىز بىزگە خىزمەت تونۇشتۇرۇپ كەلگەنلەرنى قارشى ئېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. مەن ئارماننىڭ يۇرتىغا بېرىشنىڭ كويىدا ناھايتىمۇ ياخشى بولغان بىرنەچچە خىزمەت ئورنىنى ئۇدا رەت قىلدىم. ئاخىرىدا ئارماننىڭ يۇرتىغا قوشنا ناھىيىنىڭ چەترەك بىر يېزىسىغا تەقسىملىنىشنى قارار قىلدىم.
*** *** ***
ھېسيات بىلەن ئەقىل تەڭلىشىپ سېنى كونتىرول قىلماقچى بولغاندا ، ھەرگىزمۇ ھېسياتقا تايىنىپ ئىش قىلمىغىنكى، ئەقىلنىڭ تىزگىنىنى تېز سۈرئەتتە قولۇڭغا ئال. ھەرقانداق يولنى كۆڭۈلگە ئەگىشىپ ئەمەس، ئەقىلگە ئەگىشىپ ماڭ، چۈنكى ئەقىل تاڭغا باشلىسا، ھېسيات ۋە كۆڭۈل ھاڭغا باشلايدۇ.
قۇمتوغراق كەنتى- مەن خىزمىتىمنى مۇقىملاپ، كەلگۈسى ھاياتىمنى ئۆتكۈزمەكچى بولغان ناھىيىنىڭ ئەڭ چەت ھەم نامرات كەنتى بولۇپ، ناھىيە بىلەن بولغان ئارلىقى سەكسەن كىلومىتىر كېلىدىكەن. ئارماننىڭ يۇرتىغا يۈز كىلومىتىر كېلىدىكەن. مەن خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن كەلگەنلەرگە ئەگىشىپ بۇ كەنىتكە كەلدىم ھەم ئەمەلىي شارائىتىنى كۆرگەندىن كېيىن مەكتەپكە قايتىپ ئوبدان ئويلىشىپ، ئاندىن جەدىۋەل تولدۇرۇپ ئەۋەتىشكە ۋەدە بېرىپ قايتتىم.
-بىز پاراڭلاشساق بولامدۇ گۈلزىبا؟
-ماڭا نېمە گېپىڭ بار ئىدى مۇنىرە؟
-مېنىڭدىن رەنجىپ يۈرىۋاتقىنىڭنى بىلىمەن. شۇنداقلا ياتاقتىكى، ھەتتا سىنىپتىكى بارلىق قىز ساۋاقداشلارغا چوڭقۇر ئۆچمەنلىك ساقلاۋاتقىنىڭنىمۇ بىلىمەن. شۇنداقتىمۇ ئىككى ئېغىز سۆزۈمنى ئاڭلاپ باققىن، ھىچ بولمىسا خوشلىشش سۆزى دەپ بىلەرسەن. ئوقۇش پۈتتۈرىدىغىنىمىزغا ئاز قالدى، كېيىنكى ۋاقىتلاردا يەنە قايتا ئۇچىرىشىشىمىزغا پۇرسەت بولامدۇ يوق، ھىچقايسىمىز بىلمەيمىز.
-مەن بۇ ئوقۇشنىڭ تېزرەك پۈتۈپ كېتىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىمەن مۇنىرە، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئارماندىن باشقا ھىچقايسىڭلارنى قايتا ئۇچىرىتىپ قېلىشنى خالىمايمەن!
-سۆزۈمنى ئاڭلامسەن -يوق؟
-دېگىنە! ئەمما گەپنى قىسقىراق قىل، مەن ئارماننىڭ يېنىغا چىقىمەن!
-سەن راستىنلا قۇمتوغراق كەنتىگە كەتمەكچىما؟
-ئۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ؟
-ئۇ يەرگە بارساڭغۇ ھىچنىمە بولمايدۇ. لېي فىڭنىڭ «مەن بىرتال ۋېنتا، قەيەر ماڭا ئېھتىياجلىق بولسا، شۇ يەرگە بارىمەن. پارتىيە قەيەرگە ئىشلىتىشنى خالىسا شۇ يەردە تۇرىمەن» دېگەن بۇ سۆزىنى بەكمۇ ياقتۇرىمەن. قەيەرگىلا بارساق ياخشى ئىشلەپ، ئۆزىمىزنىڭ بىر كىشلىك ھەسسىمىزنى قوشساق بولىدۇ. ئەمما سەن ئاتا-ئاناڭنى ئويلاپ باقتىڭمۇ؟ خىزمەت ئىشىڭنى ئاتا-ئاناڭغا مەسلىھەت سالدىڭمۇ؟ بەكلا يىنىكلىك قىلۋاتىسەن گۈلزىبا. نەچچە يىلدىن بېرى ئارمان ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىڭ ئاز ئەمەس، سەن بىلەن قوشۇلۇپ ئاتا-ئاناڭنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرىمۇ ئاز ئەمەس. ئەمما ئارمان سېنى ياخشى كۆرمەيدۇ، ئۇ سېنى ياخشى كۆرگەن بولسا، سەن بىلەن بىللە قۇمتوغراققا كەتمەي، نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ يۇرتىغا كېتىشنى تاللايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن سېنىمۇ ئۆز يۇرتىغا ئېلىپ كېتىشنى ئويلاشمايدۇ؟ ھىچ بولمىغاندا سېنى يۇرتۇڭغا قايتىشقا دەۋەت قىلسا، كېيىن توي قىلماقچى بولغاندا يۇرتۇڭدىن چىرايلىقچە يۆتكەپ ئەكەلسىمۇ بولىدىغۇ؟ بۇنچىلىك ھاماقەتلىك قىلما، ئەمدى بولسىمۇ كاللاڭنى سىلكىۋەت. نەچچە يىلدىن بېرى بۇ خاتا يولدا ئىزچىل ماڭغىنىڭ يېتىپ ئاشىدۇ، ئەمدى بولسىمۇ قەددىڭنى رۇسلا! نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ياتاقتىكىلەر ساڭا ئىچ ئاغرىتىپ، ساڭا ئېچىنىپ چىرايلىق نەسىھەت قىلسا، «قاغىغا پوق يىمە دەپ نەسىھەت قىلسا، پوقنى مەندىن قىزغىنىۋاتىدۇ دەپتىمىش» دېگەندەك ئىش قىلىپ، ھەممەيلەننى خاتا چۈشىنىپ كەلدىڭ. مۇنداق دېسەم كۆڭلۈڭگە كەلمىسۇن يەنە. ئويلاپ باقە، بىر قىز، يەنە كېلىپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان مەلۇماتلىق بىر قىز پۈتۈن ياشلىقىنى، ھەتتا كەلگۈسىنى ئۆزىنى قىلچىمۇ ياخشى كۆرمەيدىغان بىر يىگىتكە، نەتىنجىسى ھىچكىمنى خۇش قىلالمايدىغان مۇھەببەتكە ئاتىۋەتسە، ئۆزى ئۈچۈن، ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن ئوبدانراق ئويلىنالمىسا، بۇ نە قاتارلىق پاجىئە ھە! مۇھەببەت دېگەن، سۆيۈش دېگەن پەقەت يىگىت-قىزلار، ئەر-ئاياللار ئارىسىدىلا بولىدىغان تۇيغۇ ئەمەسقۇ؟ سەن ئۆزۈڭنى قىلچە سۆيمەيدىغان شۇ ئارمانغا كىرىشىۋالماي، ئاشۇ مۇھەببىتىڭ بىلەن ئۆزۈڭنى سۆيسەڭ، ئۆزۈڭنى قەدىرلىسەڭ، ئاتا-ئاناڭنى ياخشى كۆرسەڭ، كەسپىڭىنى ياخشى كۆرسەڭ، كېيىن سېنى ياخشى كۆرىدىغان بىرسى بىلەن توي قىلىپ، چىرايلىق ئائىلەڭنى قۇرۇپ، شۇ ئائىلەڭنى سۆيسەڭ بولمامدۇ؟ سېنى ئاخىرقى قېتىم سەگىتىپ قوياي گۈلزىبا، ئارمان سېنى سۆيمەيدۇ، ھەم سېنى ھەرگىز ئالمايدۇ، ئۇنىڭ كۆڭلىدە لالە دېگەن قىزلا بار، سەن ئەمدى ئەخمەق بولما.
-گېپىڭ تۈگىدىمۇ؟ سېنى خېلى راۋۇرۇس كۆرەتتىم، سېنىڭمۇ ئاشۇ ھەسەتخورلاردىن پەرقىڭ يوقكەن. تايىنلىق «مەنمۇ ئارماننى ياخشى كۆرىمەن، ئۇنى قوغلىشىشىمغا پۇرسەت بەر » دېگىنە! سەن ماڭا نەسىھەت قىلغۇدەك كىم ئىدىڭ؟ ئەڭ ياخشىسى كۆپ ئويلىماي، كىلەر يىلى ماڭا قولداش بولۇشقا تەييارلان. ئارمان بىلەن تويۇم بولغاندا سېنى قولداشلىققا تەكلىپ قىلىمەن، شۇ باھانىدە ساڭا كېلىشكەن يىگىتتىن بىرنى تېپىپ بېرىمەن!
ئوقۇش پۈتتۈرۈشتىن ئىلگىرى مۇنىرە بىلەن قىلىشقان ئەڭ ئاخىرقى پارىڭىمىز شۇ بولۇپ قالدى.
ئارماننىڭ يۇرتىغا بېرىشىمغا ئارمان قوشۇلمىغان ئىدى.
-بىزنىڭ يۇرتتا خىزمەت كۈتۈپ تۇرغانلار بەك كۆپ، سەن بارساڭ نەچچە يىل ساقلاپ قېلىشىڭ، ھەتتا مۇشۇ پېتى تەقسىم قىلىنماي قېلىشىڭ مۇمكىن زىبا. مەنمۇ شۇ تاپتا ئۆزۈمنىڭ خىزمەت ئىشىمنىڭ قانداق بولۇپ كېتىدىغىنىنى بىلمەيمەن. ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادى شارائىتى ياخشىراق بولغان بولسىغۇ سېنى ئېلىپ كېتىپ، خىزمەت تەقسىماتىڭ چىققۇچە ئۆيدە تۇرغۇزۇپ، بېقىپ تۇرسام بولاتتى. لىكىن شارائىتىمىز يار بەرمەيدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئاتا-ئانامنىڭ ئالدىغا ھازىرچە سېنى باشلاپ بارالمايمەن.
-سەن ئاتا-ئانام ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى بىلىدۇ دېگەنتىڭغۇ ئارمان؟
-ئۇلارغۇ بىلەتتى، لىكىن ئارلىقتا سېنىڭ ئىككى قېتىم بالا ئالدۇرىۋەتكىنىڭىنى بىلىپ، ئاپام گېپىدىن يېنىۋالدى. مېنىڭ ئۇلارنى قايىل قىلىشىم ئۈچۈن ۋاقت كېرەك. شوڭا سەن ۋاقتىنچە قۇمتوغراقتا ئىشلەپ تۇر، كېيىنچە يۆتكەلسەڭ بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ ھازىرلا بىزنىڭ يۇرتقا بېرىپ، ئاتا-ئانامنىڭ كۆزىگە كۆرۈنۈپ يۈرسەڭ ئاپامنىڭ تېخىمۇ جەھلى قاتىدۇ .
-ئالدۇرىۋەتكەن بالىنىڭ سېنىڭ بالاڭ ئىكەنلىكىنى ئېيتمىغانمىدىڭ؟
--نېمىلەرنى دەۋاتقانسەن؟ ئەلۋەتتە ئېيتىمەن دە! شۇ گەپلەرنى ئېيتىسام ئىشىمىزغا ئاسانراق قوشۇلارمىكىن دېسەم، ئاپام« مەن ئۇنداق ئىززىتىنى ساقلىيالماي، تويدىن بۇرۇن يۈزىنى ئېچىۋالغان قىزنى كېلىن قىلمايمەن، بەرىبىر ئۇ بالىمۇ يوق بولۇپتۇ، ئۇ قىزنى لايىقىدا رازى قىلىپ يولغا سال، مەن ساڭا يۈزى تۆۋەن، ئەدەبلىك قىز ئېلىپ بېرىمەن» دەپ چىڭ تۇرىۋالدى.
-ئەمىسە سەن مەن بىلەن قۇمتوغراققا بارساڭچۇ؟
-بۇ مۇمكىن ئەمەس! ئاۋۋال ئاتا-ئانام قوشۇلمايدۇ، ئاندىن مېنىڭمۇ ئۇنداق نامرات ھەم چەت-يىراق يەرگە بېرىپ ئىشلىگۈم يوق!
-مەن قانداق قىلىمەن ئەمىسە؟
-سەن يۇرتۇڭغا كېتىپ تۇرساڭمۇ مەيلى.
-مەن يەنىلا قۇمتوغراققا باراي، يۇرتۇمغا كەتسەم سېنى كۆرەلمەي قېلىشىمدىن ئەنسىرەيمەن. قۇمتوغراققا بارسام ئارلىقىمز يۈز كىلومىتىر كېلىدىكەن، ھىچ بولمىسا ھەپتىدە بىر بېرىپ سېنى كۆرۈپ كېلەرمەن.
-ئىختىيارىڭ، لىكىن كېيىنچە قىينىلىپ قالارسەنمۇ؟
-قىينىلىپ قالسام مەيلى، يېنىمدا سەن بولساڭلا بولدى! ھەراست، ئۆيدىن ئەڭ ئاخىرقى ئايلىق تۇرمۇش پۇلۇم كەپتىكەن، بۇ ئايدا پۇل خەجلەيدىغان ئىشلار كۆپ دەپ، پۇلنى جېقراق سالدۇرغان ئىدىم، بۇ پۇل سەندە تۇرۇپ تۇرسۇن. تۈنۈگۈن بىرنەرسە سېتىۋالدىغاننىڭ گېپىنى قىلۋاتاتتىڭ، بازارغا چىقىپ كېلەيلىمۇ يە؟
-بولدى،سېتىۋالماقچى بولغىنىم ئوغۇللارغا لازىملىق نەرسىلەر ئىدى. مەن ياتاقتىكىلەر بىلەن بىللە چىقىپ كېلەي، سەن ئارام ئالغاچ تۇرغىن، ساڭا بىرنەرسە لازىممۇ؟
-ياق، ماڭا ھىچنىمە لازىم ئەمەس، سەن بولساڭلا بولدى. بالدۇرراق قايتىپ كەل.
قۇمتوغراققا بارىدىغان ئىشىمنى مۇقىملاپ بولغاننىڭ ئەتىسى مۇئەللىم مېنى ئىشخانىسىغا چاقرىتتى.
-مېنى ئىزدەپتىكەنسىز مۇئەللىم.
-ئەتىگەندە دادىڭىز تېلفۇن ئۇرۇپتىكەن، سىزگە جىددى گېپى باردەك قىلىدۇ. دادىڭىزغا «چۈشتە تېلفۇن قىلسىلا، مەن ئۇنىڭغىچە گۈلزىبانى چاقىرىپ قوياي» دېگەن ئىدىم، سەل ساقلاڭ، تېلفۇن قىلدىغان ۋاقتىمۇ بولۇپ قالدى.
-ماقۇل مۇئەللىم.
دېگەندەك بەش-ئالتە مىنۇتلاردىن كېيىن مۇئەللمىنىڭ ئۈستىلىدىكى قىزىل رەڭلىك تېلفۇن جىرىڭلىدى.
-ۋەي، ھە، گۈلزىبا كىردى، تېلفۇننى بېرەي ھە!
مۇئەللىم تورۇپكىنى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ، ئورۇندۇقىغا بېرىپ ئولتۇردى.
-ۋەي دادا!
-قىزىم،گۈلزىبامۇ سىز؟
-ھەئە،مەن گۈلزىبا، دادا!
-ھە قىزىم، ئاڭلىساق سىزنى يىراق بىر يۇرتقا خىزمەتكە بارىدىكەن دەيدىيا؟ بۇ قانداق ئىش؟
دادامنىڭ ئاۋازىنى ئېنىق ئاڭلاپ ئولتۇرغان مۇئەللىمگە لەپپىدە بىر قاراپ قويدۇم ۋە دۇدۇقلىغىنىمچە جاۋاب قايتۇردۇم.
-بۇ...بۇنى كىمدىن ئاڭلىدىڭىز دادا؟
مەكتەپىڭىزدىن شۇنداق دەپ دادۈيگە تېلفۇن ئۇرۇپتىغۇ! كەنت رەھبەرلىرى بۇنى ئاڭلاپ «بىزنىڭ مۇشۇ يەرلەرمۇ قىزىڭىزدەك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇنلارغا مۇھتاج ئىدى، مۇشۇ يەردىمۇ بىر ئوبدان خىزمەت بار تۇرسا، نېمە دەپ سىلەرنى تاشلاپ، شۇنچە يىراققا خىزمەتكە بارىدىغان بولۇپ قالغاندۇ » دېيىشىپ، ئەپسۇسلىنىپ كېتىشتى. تولا ئەپقاچتى خىيالنى قىلماي، ئوقۇشىڭىز پۈتكەن ھامان قايتىپ كېلىڭ ھە قىزىم!
-دادا!
-ۋەي قىزىم!
-ياخشى تۇردىڭىزمۇ ئاپا؟
-ياخشى ئەمەس! شۇنچە يىلنى يولۇڭغا قاراپ ئىنتىزارلىق ئىچىدە ئۆتكۈزسەك، ئەمدى بولغاندا ئوقۇشۇڭ پۈتۈپ، خىزمەتكە يارىغۇدەك بولۇپ، بىزنى تاشلاپ يىراققا كەتمەكچى بولۇپسەن. نېمىشقا شۇنداق قىلىسەن قىزىم؟ داداڭ ئىككىمىزگە ئىچىڭ ئاغرىمامدۇ سېنىڭ؟ قايتىپ كەل، قېرىغىنىمىزدا بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا يۈر!
-بۇ ... بۇ مېنىڭ مەيلىم بۇيىچە بولغان ئىش ئەمەس ئاپا، ھەمىمىمىز مەكتەپنىڭ تەقسىماتىغا بويسۇنىمىز...
-يالغان گەپ قىلما! مەكتىپىڭدىن تېلفۇن ئۇرغان مۇئەللىم بىزگە بۇ ئىشلارنى ئېنىق چۈشەندۈردى، ھىچكىمنى پالانى يەرگە بېرىڭ دەپ مەجبۇرلىماپتىغۇ! سەن نېمىشقا شۇنچە يىراققا خىزمەت تەلەپ قىلىپ بېرىۋالماقچى بولۇپ قالدىڭ؟ بىزنى ئاتا-ئانام دەپ قارىساڭ قايتىپ كەل!
-ئاتا-ئانىڭىزغا نېمىشقا يالغان سۆزلەيسىز گۈلزىبا؟ سىزنىڭ قۇمتوغراققا بېرىشىڭىز ئارمان ئۈچۈنمۇ؟ مېنىڭچە ئاتا-ئانىڭىزنىڭ دېگەنلىرىمۇ خاتا ئەمەس، بۇ ئىشتا يەنىلا كۆپرەك ئويلىنىڭ!
مۇئەللىمنىڭ ئەيىبلەش نەزىرىدە تىكىلگەن كۆزلىرىدىن مىڭ تەسلىكتە قېچىپ چىقىپ، ئاستا ئورنۇمغا بېرىپ ئولتۇرىۋالدىم.
يېڭى ماۋسۇم باشلانغاندا قۇمتوغراققا بېرىپ ئىشقا چۈشىدىغانلىقىم ھەققىدە ئۇلارغا جاۋاپ بېرىۋەتتىم ھەم بەش يىللىق ئەمگەك توختامىغا قول قويدۇم.
ئويلىنشىمنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. مەن ئۈچۈن ئارمان دېگەنلىك-ھەممە دېگەنلىك. ھاياتىمدىكى ھىچكىم ماڭا ئارمان بەرگەن بەخىتنى، خۇشاللىقنى بېرىپ بولالمايدۇ. مەن ئۇنىڭ مېنى پەقەتلا ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن. لالەنى چوقۇم يېڭىمەن، مۇشۇ چوڭقۇر ھەم سەمىمى مۇھەببىتىم بىلەن ئارماننى تەسىرلەندۈرىمەن، ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي ئېرىشىمەن. ئۇ ھىچ بولمىسا ئۆزىنىڭ ئىككى بالىسىنىڭ مېنىڭ قورسىقىمدا پەيدا بولۇپ، بىرمەزگىل ماڭا ھەمراھ بولۇپ، ئاندىن چۈشۈرۋىتىلگەنلىكى ئۈچۈن بولسىمۇ، بۇ جەرياندا مېنىڭ تارتقان ئاغرىق ئازابىم ۋە تۆلىگەن بەدەللىرىم ئۈچۈن بولسىمۇ ماڭا ۋاپاسىزلىق قىلمايدۇ. مەنمۇ ئۇنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەيمەن. خىزمەتكە چىققان كۈنۈمدىن باشلاپ تاپقان-تەرگىنىمنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا تۇتقۇزىمەن. بىز بىرەر يىل پۇل يىغقاندىن كېيىن ئاددى بولسىمۇ توي قىلىمىز، تويۇمغا ماۋۇ ھەسەتخور، غەيۋەتخورلارنىڭ ھەممىسىنى چاقىرىپ،كۆزىدىن ئوت چىقىرۋىتىمەن!
ئوقۇشىمىز پۈتىدىغانغا ھەپتە قالغاندا مۇئەللىم كىرىپ، مېنى مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا چىقىپ قاراپ بېقىشقا بۇيرۇدى. شۇ كۈنى ئارمان يوقاپ كەتكەن بولۇپ، ئەتىگەندىن بېرى ئۇنىڭ خەۋرىنى ئالالماي غەشلىكتە ئولتۇرغان ئىدىم. مۇئەللىمنىڭ گېپىنى ئاڭلاپلا «ئارمان مەست كەلگەن بولسا، مۇئەللىم مېنىڭ ئۇنى يۆلەپ ئەكىرۋېلىشىمنى ئۈمد قىلۋاتقان ئوخشايدۇ» دېگەن خىيال بىلەن چىرايىمغا كۈلكە يۈگۈرگەن ھالدا مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا چىقتىم ۋە ئۇ ئىككىسىنى كۆرۈپ جايىمدا تۇرۇپلا قالدىم.