ئاياللارنىڭ بەدەن تۈكىنى تېخىمۇ قويۇق قىلىۋىتىدىغان 4 چوڭ سەۋەپ

文摘   2024-11-14 11:01   新疆  

سالونىمىز سىزگە ئەڭ يېقىن

ھەر بىر ئايال تېرىسىنىڭ ئاپئاق، سىلىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، بىراق ھەر بىر ئادەمنىڭ بەدىنىدە تۇغۇلغاندىن تارتىپلا تۈك بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەرلەرنىڭ بەدىنىدىكى تۈك ئاياللارغا قارىغاندا تېخىمۇ قۇيۇق بولىدۇ.
گەرچە بەدەن تۈكىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئەمەلىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ بەلگىلىك ئۈنۈمى بار بولسىمۇ، بىراق بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن ئاياللار ھەر خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، بەدىنىدىكى تۈكلەرنى يوقىتىش مەقسىتىگە يېتىپ، ئۆزىنىڭ گۈزەللىكىنى ئاشۇرماقتا. يەنە كېلىپ نۇرغۇن ئاياللار بەدىنىدىكى تۈكلەر كۆپ بولغاچقا، ناھايىتى زور روھىي بېسىمغا ئۇچرىماقتا.

نۇرغۇن كىشىلەر ئاياللارنىڭ بەدىنىدە تۈك كۆپ بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىنىڭ قالايمىقانلىشىپ كەتكەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ.
 گەرچە ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ قالايمىقانلىشىشى كۆپ ئۇچرايدىغان  تۈكلەرنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەب بولسىمۇ، ئەمما ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ قالايمىقانلىشىشىدىن باشقا، ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى تۈكلەرنىڭ كۆپ بولۇشىنى يەنە تۆۋەندىكى ئامىللارمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن:
1- ئىرسىيەت ئامىلى
بىر قىسىم ئاياللارنىڭ ئىرسىيەت ئامىلى سەۋەپلىك تۇغما بەدەن تۈكى قۇيۇق بولىدۇ، بۇ خىل تۇغما ئىرسىيەت ئامىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان بەدەن تۈكى كۆپ بولۇش، ئادەتتە ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىگە ھېچقانداق زىيان يەتكۈزمەيدۇ، ئەگەر ئاياللار بەدىنىدە تۈك كۆپ بولۇپ ئۆزىنىڭ تاشقى ئوبرازى بەلگىلىك تەسىرگە ئۇچرىغاندەك ھېس قىلسا، ئۇنداقتا مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارغا بېرىپ لازېر نۇر ئارقىلىق ئارتۇق بەدەن تۈكلىرىنى ئالدۇرۋەتسە بولىدۇ.

2- كۆپ خالتىلىق تۇخۇمدان سىندرومى
كۆپ خالتىلىق تۇخۇمدان سىندرومى ھازىرقى ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىر خىل قوزغىلىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان ئىچكى ئاجراتما مېتابولىزم خاراكتېرلىك كېسەللىك.
 بۇ كېسەلنىڭ يۈز بېرىشى ئاياللاردا بەدەن تۈكى كۆپ بولۇش ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن باشقا، يەنە دانىخورەك چىقىش، ھامىلدار بولالماسلىق، ھەيىز بىنورمال بولۇش قاتارلىق كۆپ خىل بىنورمال كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئاياللاردا كۆپ خالتىلىق تۇخۇمدان سىندرومى سەۋەبىدىن بەدەندە تۈك كۆپ بولۇش ئەھۋالىنى، ئاساسلىقى بۇ كېسەللىك ئۇنىڭ بەدىنىدىكى ئەرلىك ھورمون سەۋىيەسىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىدىن بولىدۇ.

3- دورا ئامىلى
ھازىر كىشىلەر بەزى تېرە كېسەللىكلىرىگە دۇچ كەلگەندە، سىرتتىن ئىشلىتىدىغان دورا ئارقىلىق داۋالىنىدۇ. ئەمما سىرتتىن ئىشلىتىلىدىغان دىنەيدې مەلھىمى، جياچياڭلۇڭ، چياڭدېسۇڭ قاتارلىق ھورمون تۈرىدىكى دورىلار ئارقىلىق تېرە كېسەللىكلىرىنى داۋالىغاندا، بەدەن تۈكى قۇيۇقلىشىش ئەھۋالى يۈز بېرىدۇ.
شۇڭا كۆپچىلىك ئەمەلىي تۇرمۇشتا بىر قىسىم ھورمون تۈرىدىكى دورىلارنى ئىشلەتمەكچى بولسا، چوقۇم ئېھتىياتچان بولۇپ، دورىنى خالىغانچە قالايمىقان ئىشلەتمەسلىكى كېرەك.

4- بەدەندىكى تۈكلەرنى يوقىتىشتا نامۇۋاپىق ئۇسۇللارنى قوللىنىش
ھازىر نۇرغۇن ئاياللار ھەر خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، بەدىنىدىكى تۈكلەرنى يوقىتىش مەقسىتىگە يېتىدۇ.
ئەمما بەدەندىكى تۈكلەرنى نامۇۋاپىق يوقىتىش ئۇسۇللىرى تۈك خالتىسىنىڭ ئۆسۈشىنى بەلگىلىك غىدىقلاشقا ئۇچرىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بەدەندىكى تۈكلەر بارغانسېرى قويۇقلىشىدۇ، كۆپ ئۇچرايدىغان بەدەندىكى تۈكلەرنى يوقىتىش ئۇسۇللىرى قىرغۇچ ئىشلىتىش، ھەسەل مومى بىلەن بەدەن تۈكلىرىنى يوقىتىش قاتارلىقلار بولۇپ، بۇ خىل تۈك چۈشۈرۈش ئۇسۇلىنى دائىم قوللىنىدىغان ئاياللار ئاسانلا تۈك كۆپ بولۇش قىيىنچىلىقىغا دۇچ كېلىدۇ.

مانا مۇشۇنداق ساغلاملىقىڭىزغا ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان سالوننى قوللاپ، ئەجرىم ئۈچۈن ئاستى زەيكەننى بىرنى بېسىۋىتىڭ. چەمبىرەككە يوللاش ئىختىيار،،، رەھمەت!

بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ

BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章