قېرى قىز 12- قىسىم | ياسىمەن

文摘   2024-11-13 11:01   新疆  

قېرى قىز


ئايگۈل ناسىر ياسىمەن

12- قىسىم


ئاپامغا بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بەرمىدىم. شۇ تاپتا بوينۇمنىڭ ساڭگىلاپ كەتكەن بېشىمنى كۆتۈرۈشكە مادارىيەتمەيۋاتاتتى.
-ئىش پۈتتى ئاپىسى، ماڭايلى!
ئاپام بىلەن ئىككىمىز ئۈن-تىنسىز ئولتۇرغىنىمىزدا مېنىڭ چامىدىنىم ۋە باشقا يۈك-تاقامنى كۆتۈرىۋالغان دادام ياتاققا كىرىپ كەلدى.
*** *** ***
قىزنىڭ بايلىقى نومۇس، بايلىقىدىن ئايرىلغان قىزنىڭ قەدىر-قىممىتى بولمايدۇ. قەدىر-قىممىتى بولمىغان قىزنىڭ بەختى بولمايدۇ. بەختسىز ئايالنىڭ بەختلىك ئائىلىسى ۋە بەختلىك پەرزەنتلىرى بولمايدۇ.
-دوختۇر بىلەن ھېسابلىشىپ چىقاي، سىلەر تەييار بولۇپ تۇرۇڭلار، ئاندىن ماڭايلىمۇ؟
-نەگە ئالدىرايلا؟ يەنە داۋالاش قىلامدۇ، ياكى چىقساق بولامدۇ، ئاۋۋال دوختۇر بىرنېمە دېسۇن، ئاندىن تەييارلىق قىلساقمۇ بولار؟
-ماقۇل، مەن دوختۇرنىڭ يېنىغا كىرىپ باقاي.
دادام بىلەن ئاپامنىڭ گېپىنى چۈشەنگەن بولساممۇ، نېمە دېيىشۋاتقىننى بىلەلمەي گاڭگىراپ قېلۋاتاتتىم.
-نەگە ماڭىمىز ئاپا؟ دادام مېنىڭ يۈك-تاقلىرىمنى ئېلىپ كىرىپتىغۇ؟
-ئۆيگە قايتىمىز!
-مېنىڭ ئوقۇشۇم پۈتمىگەن تۇرسا؟
-پۈتتى!
-دېپلومنى تېخى ئالمىدىم.
-ئۇنىڭغا سىز باش قاتۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئىشلارنى دادىڭىز پۈتتۈرۈپ بولدى، دېپلومىڭىز ئارقىمىزدىن بارىدۇ!
بېشىمغا بىر چېلەك سوغۇق سۇ قۇيىۋەتكەندەك ئەندىكىپ كەتتىم. مەن مەكتەپتىن بۇنداقلا كەتسەم بولمايتى، ئېنىقىنى ئېيتقاندا ئارمان بىلەن تېخى خوشلاشمىغان، كېيىنكى ئىشلارنى دېيىشۋالمىغان ئىدىم، لالەدىن تېخى ھىساب ئالمىغان ئىدىم!
-مەن سىلەر بىلەن كەتمەيمەن ئاپا، تېخى ئوقۇش پۈتتۈرمىدىم، ساۋاقداشلىرىم بىلەن خوشلاشمىدىم، ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتنىششىم، ئوقۇش پۈتتۈرۈش رەسىمىگە چۈشۈشۈم كېرەك! سىلەر ئاۋۋال مېڭىپ تۇرۇڭلار. مەن مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندە ئارقاڭلاردىن باراي!
-ئوقۇشىڭىزنىڭ داۋامىنى دادىڭىز پۈتتۈرۈپ بولدى! يىللاردىن بېرى ياخشى ئۆتمىگەن، گەپلەشمىگەن، ھەتتا بىرياتاقتا يېتشنىمۇ خالىمغان ئۇ ساۋاقداشلار بىلەن خوشلىشىپ نېمە قىلىسىز؟ ئۇلار بىلەن رەسىمگە چۈشۈپ نېمە قىلىسىز؟ مەكتەپ سىزنى قويۇپ بەردى، دادىڭىز مەكتەپ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ھەممە ئىشنى ھەل قىلىپ بولدى. دىپلومىڭىزنى مۇئەللىمىڭىز ئۆيگە ئەۋەتىپ بېرىدىغان بولدى، سىزنىڭ ئەمدى بۇ يەردە ئىشىڭىز يوق، بىز بىلەن ئۆيگە قايتسىڭىز بولىدۇ!
قەلبىمنى چۇلغىۋالغان مىڭ پاتمان ھەسرەت-نادامەت، قىيالماسلىق، يەنە ئۆزۈمگىمۇ ئېنىق بولمىغان چۈشنىكىسىز تۇيغۇلار ھازىرقى بۇ ئىلاجىسىزلىقىمغا بەرداشلىق بېرەلمەي، كۆزۈمدىن يامغۇردەك تۆكۈلىۋاتقان ياشلىرىم بىلەن ئىپادىسىنى تاپتى. مەن ھاياتىمدىكى بارلىقىمدىن ئايرىلىپ قېلىشقا چىدىساممۇ، ئارماندىن مۇنداقلا ئايرىلىپ قېلىشقا چىدىمايتىم. ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئەشۇ ۋاقتىمدىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغان بارلىق توسقۇنلۇقلار، ئۇنىڭ ماڭا قىلغان پەرۋاسىز مۇئاملىلىرى مېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئاشىقلىقىمنى ھىچ پەسەيتەلمىگىنىگە ئوخشاش، ئاتا-ئانامنىڭ ھازىرقى بۇ توسقۇنلىقىمۇ ئۇنىڭغا بولغان سېغىنىشىمنى، قىيالماسلىقىمنى نەچچە ھەسسە كۈچەيتىۋەتكەن ئىدى. قايسى بىر كىتاپتىن« مۇھەببەت ئىككى يۈرەكنىڭ ئىشى، ئىككى يۈرەكتىن چاچرىغان ئۇچقۇنلار قوشۇلغاندا ئاندىن مۇھەببەت بولىدۇ. ئەمما ياخشى كۆرۈش ۋە ئاشىقلىق بىرتەرەپنىڭ ئىشى، ئەگەر ياخشى كۆرگەن بولساڭ سۆي، ئاشىق بولغان بولساڭ شۇنىڭ ۋەسلى ئۈچۈن ياشا. ئۇ سېنى سۆيەمدۇ-سۆيمەمدۇ كارىڭ بولمىسۇن، سۆيۈش سېنىڭ ئىشىڭ، سۆيۈلۈش ئۇنىڭ ئىشى، سەن پەقەت سۆيسەڭلا بولدى. سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشتىن بىرنى تاللاش كېرەك بولسا، چوقۇم سۆيۈشنى تاللىغىنكى، چۈنكى سۆيگەنلىكىنى ئۆزۈڭ ئېنىق بىلسەن، ئەمما ھىچقاچان سۆيۈلگىنىڭگە جەزىم قىلالمايسەن» دېگەن قۇرلارنى خاتىرەمگە كۆچۈرىۋالغان ئىدىم ھەم ئارماننى مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا ياخشى كۆرۈپ كەلگەن ئىدىم.
-نېمىگە يىغلايسىز؟ ئاتا-ئانىڭىز،قېرىنداشلىرىڭىزدىن مۇھىم ئادەملىرىڭىز بارمىدى؟ بىز بىلەن بىللە يۇرتقا قايتىپ كېتىش سىز ئۈچۈن شۇنچە ئازابلىق ئىشما؟
-مېنىڭ پەقەت ئىككى كۈنلۈكلا ئىشىم بار ئىدى ئاپا، سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي، دادامنى ماقۇل كەلتۈرۈڭ، سىلەر مېڭىپ تۇرۇڭلار، مەن شۇ ئىشمنى تۈگىتىپلا ئارقىڭلاردىن باراي، بولامدۇ؟
-بولمايدۇ! قارا بۇ ئەقىلسىزنىڭ دېگەن گېپىنى! تۈنۈگۈن بازاردا قىلغان سەت قىلىقىڭنى كۆرمىگەن بولسامغۇ مەيلى ئىدى، ياتاقداشلىرىڭدىن، ساۋاقداشلىرىڭدىن بۇ نەچچە يىلدا قانداق ئوقۇغۇنىڭنى، نېمىلەرنى قىلغىنىڭىنى ئاڭلىمىغان بولساممۇ مەيلى ئىدى! ھازىر سېنىڭ نېمە ئويلاۋاتقىنىڭ، نېمە قىلماقچى بولغىنىڭ كۆڭلۈمگە ئايان. بىز بىلەن كېتىسەن! نەچچە ۋاقىتتىن بېرى سەن ئايىمىغان يۈزۈڭنى مەن ئاياپ ئېلىپ كېتىمەن! ئۆزىنىمۇ، سېنىمۇ ئايىمىغان ئارمان دېگەن ئاشۇ نامەرتنى ئەمدى ئىزدىشىڭگە رۇخسەت يوق! مەن ساڭا ئانىلىق سالاھىيىتىم بىلەن شۇنى ئەسكەرتىپ قوياي ،ئوبدان ئاڭلا: قىز بالا دېگەننىڭ پەقەت بىرلا بايلىقى بار، ئۇ بولسىمۇ شەرمى-ھايا، ئايال كىشىنىڭ پەقەت بىرلا تاللىشى بار، ئۇ بولسىمۇ پاكىزە ياشاش. شەرمى-ھاياسى بولمىغان قىزنىڭ كەلگۈسى بولمايدۇ، پاكلىقىنى ساقلىيالمىغان ئايالنىڭ ھىچنىمىسى بولمايدۇ! قۇرۇپ كەتسۇن ئۇنداق قىزلىق غۇرۇر، ھايا-نومۇسنى قايرىپ قويۇپ بىراۋغا چۈشۈپ قالىدىغان پەس كۆڭۈل! بۈگۈن چىرايلىقچە بىز بىلەن ماڭساڭ ماڭ، بولمىسا مەن سەندەك بالىدىن كېچىمەن! ئانا-بالىلىقتىن كېچىپ، مۇشۇ شەھەردە قالىسەن، سېنى تونۇمايمەن، سەنمۇ بىزنى تونۇمايسەن، بۇسۇغىمىزدىن ئاتلىمايسەن!
ئاپام بىلەن ئىككىمىزنىڭ كۆڭۈلسىز سۆھبىتىمىز ئاياقلاشماي تۇرۇپ دادام ئۈچ تال بېلەتنى كۆتۈرۈپ ياتاققا كىرىپ كەلدى.
-ماڭايلى!
-تۈگىدىما؟
-ھەئە، ھەممە ئىش تۈگىدى. بارلىق كۆڭۈلسىزلىكلەر، ئۈمىدسىزلىكلەر مۇشۇ شەھەردە قالسۇن، بىز بۇرۇنقى ھالىتىمىزدە يۇرتىمىزغا قايتايلى!
ئاتا-ئانامغا ئەگىشىپ يۇم -يۇم يىغلىغىنىمچە مېنى نەچچە يىل باغرىغا ئالغان، ئارمان بىلەن ئۇچراشتۇرغان، قەلبىمگە ئازابلىق تۇنجى سۆيگۈنىڭ ئۆچمەس ئوتىنى سالغان، تالاي ئىزلىرىم، ياخشى-يامان ئەسلىمىلىرىم قالغان بۇ مېھرى ئىسسىق گۈزەل شەھەردىن ئۈن-تىنسىز ئايرىلدىم. بىرمۇنچە يولۇچىنى دۈمبىسىگە ئارتىپ، يىلاندەك سويلىغىنىچە بىكەتتىن چىقىپ كېتىۋاتقان ئاپتۇبۇسنىڭ دېرىزىسىدىن مەن ئايرىلىشقا قىيمايۋاتقان بۇ شەھەرنىڭ بىنالىرىغا، ئادەملىرىگە، يوللىرىغا، ھەربىر تۈپ گىياھلىرىغا تۇيماي قارىدىم. ئاپتۇبۇسنىڭ دېرىزىسىدىن تال-تال بولۇپ كىرىۋاتقان كەچكى شەپەقنىڭ ئاخىرقى نۇرلىرى مەن ئارمان بىلەن بىللە بولغان ھېلىقى كۈنى كەچتىكىگە ئوخشاش قىزارغان بولۇپ، مەن قىيالمايۋاتقان بارلىق شەيئىلەر ئىچىدە پەقەت شۇلا ماڭا قىزارغان كۆزلىرىنى تىككەن ھالدا تەسەللىي ئېيتماقتا ھەم مەن بىلەن خوشلاشماقتا ئىدى. مەن ئارمانغا بولغان بارلىق تىلەكلىرىمنى ئەشۇ كەچكى شەپەق نۇرلىرىغا ئېيتتىم ۋە بۇ تىلەكلىرىمنى ئارمانغا يەتكۈزۈشنى ئۇنىڭغا تاپىلىدىم...
يۇرتتىكىلەر مېنىڭ مەن بىلەن بىللە ئوقۇيدىغان بارلىق بالىلاردىن نەچچە كۈن بۇرۇن قايتىپ كەلگەنلىكىمدىن ھەيران بولۇشۇپ ھەم قىزىقىشىپ، ئۆيىمىزگە كىرىپ بەكمۇ كۆپ گەپلەرنى سوراشتى.
-بۇ بالا ئوقۇشى پۈتۈشكە ئاز قالغاندا ئاغرىپ قاپتۇ كۆرسىلە، شۇنىڭ بىلەن دادىسى ئىككىمىز چىدىماي، مەكتىپىگە بېرىپ، رۇخسەت سوراپ ئەچىقىپ، بىرنەچچە كۈن شۇيەردە داۋالىتىپ، ئازراق ياخشى بولغاندا ياندۇرۇپ ئەكەلدۇق . ئاشۇ يەردىكى دوختۇر بىرمۇنچە دورا قىلىپ بەرگەن، ھازىر خېلى يامان ئەمەس بولۇپ قالدى بۇ بالا!
ئاپام ئەھۋال سوراپ ياكى گەپ كوچىلاپ، ئەھۋالىمىزغا قىزىقىپ كىرگەنلەرگە شۇنداق دەيتى.
-قىزىڭىلارنى ئاشۇ شەھەردە خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ قالىدىغان بوپتۇ دەپ ئاڭلىغانتۇققۇ؟ ئۇ ئىشلار قانداق بولۇپ كەتتى؟
-ھە، ... ھە ،ئۇ تېخى ئېنىق ئەمەس، مەكتىپىدىنغۇ شۇنداقراق بىر گەپنى قىلۋاتىدۇ، ئامال بار مۇشۇ يۇرتتا ئوبدانراق خىزمەت چىقىپ قالسا، مۇشۇ يەردە، يېنىمىزدا تۇرىدۇ، قىزبالا ئەمەسمۇ، ئاتا-ئانىغا يېقىن تۇرغىنى ياخشى!
-شۇ،شۇ ،راس دەيلا، قىزبالا دېگەن ئاتا-ئانىغا يېقىن تۇرغىنى ياخشى!
پوچتىدىن دىپلومىمنى تاپشۇرىۋالغان كۈنى كىتاپ چوڭلىقىدىكى ئۇ بىر ۋاراق قەغەزدىن دىمىقىمغا گۈپپىدە ئۇرۇلغان پۇراقتىن ۋۇجۇدۇم لەرزىگە كەلدى ۋە ئۇنى باغرىمغا بېسىپ ئۇزۇن يىغلىدىم.
-يىغلىماڭ سىڭلىم، نېمىگە يىغلايسىز؟ بىر ئوبدان ئوقۇش پۈتتۈردىڭىز، مانا ئەمدى دىپلومىڭىزمۇ كەلدى، ئۇزۇنغا قالماي قايىسدۇر بىر مەكتەپ ياكى ئىدارىگە ئىشقا چۈشسىڭىز، بىزگە ئوخشاش يەر تاتىلاپ يۈرمەيسىز، قىشتا سوغۇق، يازدا ئاپتاپتا كۆرمەيسىز، راھەتتە ياشايسىز...
ئاھ! مەن ئۈچۈن ئارماننىڭ يېنىدا ياشاشتىنمۇ ئارتۇق راھەتنىڭ يوقلىقىنى، ئارماندىن ئايرىلىپ قېلىشتىنمۇ ئارتۇق جەبرى-جاپانىڭ يوقلىقىنى كىممۇ بىلەر ھە؟ سەنمۇ مېنى ئەسلەۋاتامدىغانسەن ئارمان؟ مېنىڭ بۇ سېغىنىشلىرىمنى، ئازابىمنى چۈشىنەمدىغانسەن؟
كۈنلىرىم ئارماننى سېغىنىش، ئۇنىڭغا خەت يېزىش بىلەن ئۆتمەكتە ئىدى. ھەركۈنى بىرپارچە خەت يېزىپ، ئىككى-ئۈچ كۈنلۈك خەتنى بىر قىلىپ، يېزا مەركىزىدىكى پوچتىخانىغا بېرىپ، يازغانلىرىمنى ئۇنىڭ ئادىرىسىغا سالاتتىم.
ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلگىنىمگە بىر ئايدىن ئاشقان ئىدى. ساۋاقداشلىرىم بىلەن ئەسلەش خاتىرسى يېزىشمىغىنىم ئۈچۈن ئارماندىن باشقا ھىچكىمنىڭ ئادىرىسىنى بىلمەيتىم. ئارماننىڭ جاۋاب خېتى كەلمىگەنسىرى ئىچىم پۇشاتتى. ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى بەكمۇ بىلگۈم بار ئىدى. مۇنىرە ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى، شۇ ۋاقتلاردا ھىچ بولمىسا مۇنىرەنىڭ بولسىمۇ ئالاقىلىشش ئادىرىسىنى ئېلۋالمىغىنىمغا پۇشايمان قىلماقتا ئىدىم.
ئاپام بۈگۈن سەھەردە ھەممىمىزنى بەكلا بالدۇر تۇرغۇزىۋەتتى ۋە مېنى ھويلا سۈپۈرۈشكە بۇيرۇپ قويۇپ، ئاچىلىرىمنى ئۆيلىرىدىن چاقىرىپ كېلىپ، بىرمۇنچە ئىش تاپىلاپ، چۈشتىن كېيىن مېھمان كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۆزىمۇ يامان ئالدىراش بولۇپ كەتتى. دادام ئاكام بىلەن قوي سويغىلى تەييارلىق قىلۋاتاتتى. مېھمانخانا ئۆيگە كۆرپىلەر سېلىنىپ، داستىخان تىزىلىپ، گويا قىز چىقىرىدىغان ئۆيدەك تەييارلانغان ئىدى.
كۈن چۈشتىن قايرىلغاندا مېھمانلار كەلدى. ئاپام مېنى ئاشخانا ئۆيدىن چىقماي جىم ئولتۇرۇشۇمنى تاپىلاپ، ئاچىلىرىمنى ھېلىدىن-ھېلىغا يېنىغا چاقىرىپ، ئىش بۇيرۇپ تۇردى. كەلگەن مېھمانلارنى مەن زادىلا كۆرۈپ باقمىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئاچىلىرىمدىن سورىسام، ئۇلارمۇ تونۇمايدىغانلىقىنى، دادامنىڭ بىر تونۇشى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، جىم بولۇۋېلىشتى. ئارتۇق ئىشقا ئارلاشماي ئۆز خىياللىرىم بىلەن بەنت بولۇپ، تاپشۇرۇلغان ئىشلارنى جايىدا ئورۇنلاپ ئولتۇردۇم. پات-پاتلا قۇلىقىمغا كىرىپ قېلىۋاتقان گەپلەردىن كىچىك ئاچامنى ياتلىق قىلىدىغاندەكمۇ، ياكى كىچىك ئاكامنى ئۆيلەيدىغاندەكمۇ ئىشلارنى ھېس قىلىپ تۇراتتىم. بىر قانچە قازان تاماق تەييارلىنىپ، قازان بېشىدا تۇرغان ئۈچىمىز تەرلەپ-پىشىپ، ھېرىپ-چارچاپ جۇلىقىمىز چىقىپ كەتكەندە بۇ قىممەتلىك ئەزىز مېھمانلار ئۇزاش ئۈچۈن چىقىشتى.
مېھمانلار ئۇزاپ بولغاندىن كېيىن كەڭ-تاشا ئولتۇرۇپ قورسىقىنى تويغۇزىۋالغان چوڭ ئاچام مېنى ھويلىغا چاقىردى.
-گۈلزىبا!
-ھە ئاچا.
-بۇياققا كېلىڭە.
گەپ-سۆزسىز ھالدا ئاچامغا ئەگىشىپ باغقا كىردىم.
-بۈگۈنكى مېھمانلار مەقسەتسىز كەلمىدى ئۇكام. بۇ گەپنى سىزگە بالدۇرراق دېمىسەك بولمايدۇ، شوڭا ئاپام ماڭا ھاۋالە قىلدى. ئاۋۋال مېنىڭ گېپىمنى بۆلىۋەتمەي، تېرىكمەي، چېچىلماي جىم تۇرۇپ ئاڭلاڭ، ئاندىن سىزنىڭ پىكىرىڭىزنى مەن ئاڭلايمەن ھە!
-ماقۇل ئاچا.
-بۈگۈن كەلگەنلەر يېزىلىق قەرز ئامانەت كوپراتىپنىڭ باشلىقى غاپپاركاملار بولىدۇ، ئۇ ئادەم دادام بىلەن ئوبدان ئۆتىدۇ، ئايالىمۇ ئاپامنى خېلى چوڭ بىلىدۇ. شۇلارنىڭ ئىككى يىل ئاۋۋال ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كېلىپ، دادسىىنىڭ قول ئاستىدا-يېزىلىق ئامانەت قەرز كوپراتىپىدا ئىشلەۋاتقان غالىپجان ئىسىملىك بىر ئوغلى بار. ئۇلار سىزنىڭ بۇيىل ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كېلىدىغىنىڭىزدىن بۇرۇنلا خەۋەر تاپقان ئىدى، شوڭا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگىنىڭىزنى ئاڭلاپلا، بۈگۈن سىزنى شو ئوغلىغا سوراپ ئەلچىلىككە كەپتۇ. داداملار ئۇلارغا ماقۇل جاۋابىنى بېرىۋەتتى. شوڭا ئاپام سىزنى ئەمدى قالايمىقان ئوي-خىياللاردا بولمىسۇن، پوچتىخانىغا قاتىرىمىسۇن، بىزنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ يۈزىنى تۆكىدىغان ئىشنى قىلمىسۇن، جىم يۈرۈپ، بىزگە ماسلىشىپ، بۇ توينى قىلسۇن دەيدۇ...
-نېمە؟ بۇ قانداق گەپ ئاچا؟ كىم ئۇ غالىپ دېگەن؟ مەن نېمىشقا ئۆزۈم تونۇمايدىغان، ھەتتا كۆرۈپمۇ باقمىغان بىرسىگە ياتلىق بولىدىكەنمەن؟ مېنىڭ رايىمنى ئالمايلا خالىغانچە ئۇنىڭغا-بۇنىڭغا بېرىدىغان مەن دادام-ئاپامنىڭ قونچىقىمىكەنمەن؟ تېخى خىزمەتكىمۇ چىقمىدىم، نېمىگە بۇنچە ئالدىراپتۇ ئۇلار؟
-ئاز گەپ قىلىڭ،ئاز! مەكتىپىڭىزدىكى ئىشلىرىڭىز بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئېغىزىغا چىقىپ قېلىشتىن بۇرۇن بۇ توينى قىلۋالايلى! سىز بىلەن بىر مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بالىلارمۇ ئاز ئەمەس، بىرسى بولمىسا، بىرسىنىڭ ئېغىزىدىن مەكتەپتىكى ئۇ ئىشلار چىقىپ كېتىپ قالسا، ئۇ چاغدا خەقنىڭ ئېغىزىنى تۇتۇۋالغىلى بولمايدۇ!
-مەن ئەرگە تەگمەيمەن ئاچا!
-نېمىشقا؟ ئەرگە تەگمەي خوتۇن ئالامتىڭىز؟
- تەگمەيمەن دېدىم تەگمەيمەن!
-شۇ، نېمىشقا تەگمەيسىز دەۋاتىمەن؟!
-چۈنكى، مەن قىز ئەمەس!


داۋامى بار.




BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章