ئات گۆشى ساقايتىۋېتىدىغان كېسەللەر، ساقلىۋېلىڭ

文摘   2024-11-14 11:01   新疆  

ئات گۆشى قەدىمدىن ھازىرغىچە بىر خىل ئۈنۈملۈك ئوزۇقلۇق دەپ قاراپ كېلىنمەكتە. ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى ئات گۆشى تەركىبىدە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى، شۇنىڭدەك كالتسىي، سىنك، تۆمۈر قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار. 

ئات گۆشى ئىچى ئەزالارنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، بەدەن قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش،جىگەرنى ئاسراپ، قاننى تولۇقلاش، مەنپىيلىكىنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، باھنى كۈچەيتىش رولىغا ئىگە، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئارتېرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى كۈچەيتىدۇ. ئات گۆشى سۆڭەك-مۇسكۇللارنى ئۆستۈرىدۇ، بەل، تىزنى كۈچەيتىدۇ، بەدەننى سىلىق، يەڭگىل قىلىدۇ، شۇڭا ئۇ ئوتتۇرا ياش-ياشانغانلار، سەمرىپ كەتكەنلەر ۋە يۇقىرى قان بېسىم، جىگەر كېسىلى، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇئەرلىك ئىقتىدارننى ئاشۇرىدۇ. 

ئات گۆشى خولېستېرولنى ئېرىتىپ، ئۇنى قان تومۇر دىۋارىغا چۆكەلمەيدىغان قىلىدۇ، شۇڭا ئارتېرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئالاھىدە رولغا ئىگە. ئاتنىڭ تۇيىقى ئاياللار كېسىلىنى داۋالايدۇ، قاننى، ئاق خوننى توختىتىدۇ، يادا تاش كېسەل ئاتنىڭ ئاشقازان-ئۈچىيىدە ياكى دوۋسىقىدا پەيدا بولغان تاش بولۇپ، ئۇ چۆچۈشنى تىنچلاندۇرىدۇ، بەلغەمنى بوشىتىدۇ، ئىسسىقنى ياندۇرىدۇ، زەھەرنى قايتۇرىدۇ، ئاساسلىقى تۇتقاق كېسەل ئەسەبىيلىكى قاتارلىقلارنى داۋالايدۇ، ئات سۈتىنىڭ تەبىئىتى سوغۇق، تەمى تاتلىق بولۇپ، ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ، ئىسسىقنى تۈگىتىدۇ، يەنە دىئابېت كېسىلىنى داۋالايدۇ، ئاتنىڭ ئۇستىخىنى بوغۇم ياللۇغىنى داۋالايدۇ. ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ئات گۆشىنىڭ تەبىئىتى ئىسسىق، ئۇنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ئىسسىقلىق ئېشىپ كېتىشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىپلا قالماستىن، يەنە سۈيدۈك دۇغلىشىش ۋە سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا ئات گۆشىنى دائىم ئىستېمال قىلماسلىق لازىم. 

ئات گۆشىنى گۈرۈچ، زەنجىۋىل قاتارلىقلار بىلەن بىللە ئىستېمال قىلماسلىق لازىم. ھامىلىدار ئاياللار ئات گۆشى ئىستېمال قىلسا، تۇغۇتىنى كېچىكتۈرۈپ، قىيىنلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. ئاتنىڭ جىگىرىنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.

بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ

BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章