يۈزىگە مېۋە چاپلىسا راستلا پايدىلىقمۇ؟

文摘   2024-11-14 11:01   新疆  

كۆپىنچە ئاياللار يۈزىگە مېۋە، كۆكتاتلارنى چاپلاپ تېرىسىنى ياخشىلىماقچى بولىدۇ، ئۇلار مېۋە ۋە كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن كۆپ، يۈزگە چاپلىغاندا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. 

ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئىلىمى ئاساسى يوق، بۇنداق قىلىش بەزىدە ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، مېۋە ۋە كۆكتاتلارنىڭ تېرە ئاسراشتا ئۈنۈمى بولسىمۇ، يۈزىگە بىۋاسىتە چاپلىغاندا ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدىكەن. ۋىتامىن C نىڭ تېرە ئاقارتىش ئۈنۈمى بولسىمۇ، مېۋە ۋە كۆكتاتلارنى بىۋاسىتە يۈزگە چاپلىسا، تېرە قارىداپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشى تېرە ئاسراش ئۈنۈمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، ۋىتامىن C مول بولغان مېۋە ۋە كۆكتاتلارنى كۆپرەك يەپ بەرگەندىن سىرت يەنە تۈرلۈك مېۋە تەركىبلىك گىرىم سۈيى ۋە تېرە ئاسراش مايلىرىنى ئىشلەتكەن تۈزۈك.

بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ

BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章