ئاياللار ئىچ كىيىمنى ھەرگىز بۇنداق يۇيماڭ-بىلىۋېلىڭ

文摘   2024-11-15 11:10   新疆  

يىقىنقى يىللار مابەينىدە ئاياللار كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىغانلارنىڭ سانى كۈندىن - كۈنگە ئاشماقتا ، بۇنىڭ كۆپ قىسىم سەۋەبى قالايمىقان بالا ئالدۇرۇش ۋە يىمەكلىك سەۋەبىدىن بولسىمۇ ، يەنە بىر قىسىم سەۋەبى دەل سىزنىڭ شەخسى تازلىق ئادىتىڭىزدىن بولىدۇ ، ئاياللارنىڭ جىنسى يولى بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىپ ئەڭ كۆپ باكتىريە تارقىتىدىغىنى دەل ئاياللارنىڭ ئىچ كىيىمىنىڭ پاكىزە بولماسلىقى .

ئاياللار ئىچ كىيىم يۇيغاندا بۇ 3 نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك


1. كىرئالغۇدا يۇيماسلىق : - تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىشىغا ئەگىشىپ ، پەن تېخنىكىمۇ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلماقتا . خىزمەت بېسىمى ۋە ئالدىراشچىلىق سەۋەبلىك بىر قىسىم كىشىلەر ئىچ كىيىمىنى كىرئالغۇغا سېلىپ يۇيۇشقا ئادەتلەنگەن . ئىچ كىيىمنى كىرئالغۇغا سېلىپ يۇيغاندا كىرئالغۇدىكى باكتېرىيەلەر ئىچ كىيىمگە كىرىپ ، ئاياللار كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرىدۇ .

2. پايپاق بىلەن بىللە يۇماسلىق : - كۆپلىگەن كىشىلەر كىر يۇيغاندا كىيىملەرنى تۈر بويىچە ئايرىپ يۇيماي ھەممىنى بىر چوڭ داسقا سېلىپ ، بىر كۈن چىلاپ قويۇپ ئاندىن يۇيىدۇ . بۇنداق ئەھۋالدا ئىچ كىيىمىمىزدە باكتېرىيە پەيدا بولۇش ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ . ئەگەر ئىچ كىيىمنى پايپاق بىلەن قوشۇپ يۇيساق ، سالامەتلىكىمىزگە بولغان خەتىرى تېخىمۇ چوڭ . شۇڭا ئىچ كىيىمنى ئايرىم يۇيۇش كېرەك .

3. نەچچە كۈن ساقلاپ يۇيماسلىق : - ھازىر تۇرمۇش سەۋىيەرىمىز ياخشى بولۇپ كەتتى ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بىر نەچچە ئىچ كىيمى بار ، شۇڭا كۆپلىگەن كىشىلەر ئالماشتۇرغان ئىچ كىيىمنى نەچچە كۈن دۆۋىلەپ قويۇپ بىراقلا يۇيىدۇ . بۇنداق قىلغاندا قولايلىق بولىدۇ ھەم ۋاقىت تىجىگىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ . لېكىن ، كىر ئىچ كىيىمنى نەچچە كۈن تۇرغۇزۇپ يۇيسا ئىچ كىيىمدىكى قالدۇق ماددىلار خېمىيەلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ ، ئاياللار كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن .


تۆۋەندىكى خىلدىكى ئىچ كىيىملەرنى كىيىشكە بولمايدۇ


1. تار ئىچ كىيىم :- مودا خانىم قىزلىرىمىز چىرايلىق كىيىملىرىگە ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن ، ناھايىتى تار ئىچ كىيىم كىيىشنى تاللايدۇ . لېكىن بۇنداق تار ئىچ كىيىمنىڭ ئىسسىقلىق تارقىتىش ئىقتىدارى ناچار بولۇپ ، كۆپىيىش ئەزالىرىمىزنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ . ئىشخانىدا كۆپ ئولتۇرىدىغان كىشىلەر كىيسە قان ئايلىنىش ياخشى بولمايدۇ . ئاسانلا ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

2. دىڭزىكۇ ( 丁字裤 ):-  كۆپلىگەن گۈزەل قىزلىرىمىز جەلىپكار بولۇش ئۈچۈن دىڭزىكۇ كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ . لېكىن دىڭزىكۇ كىيگەندە سۈركىلىش چوڭ بولۇپ ، بەدىنىمىزگە ئېغىر زىيانلىق .

3. زىيادە نېپىز ئىچ كىيىم : - بىر قىسىم كىشىلىرىمىز ناھايىتى نېپىز ئىچ كىيىم كىشىنى ياقتۇرىدۇ . لېكىن بەك نېپىز بولۇپ كەتسە سالامەتلىكىمىزگە زىيانلىق . جىنسى يولى ئاسانلا ياللۇغلىنىپ قالىدۇ .

سالامەتلىكىڭىز ئۈچۈن چۇقۇم بۇ نۇقتىلارغا دىققەت قىلىڭ .

بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ

BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章