يېقىندا دۆلەتلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ بۈيۈك مەلۇمات مەركىزى سانلىق مەلۇماتلارنى تەكشۈرگەندە، سۇغۇرتىغا قاتناشقان 96 كىشىنىڭ خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاربىن شەھىرىدىكى بىر دورا دۇكىنىدا دورا سېتىۋېلىش سوممىسىنىڭ ناھايىتى زور ئىكەنلىكىنى بايقىغان، بۇنىڭ ئىچىدە بىرەيلەن ئىككى يىلدا قىممىتى 1 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان دورا سېتىۋالغان. دۆلەتلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى مەخسۇس تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاربىن شەھىرىگە تەكشۈرۈشكە ئەۋەتتى.