ئىگىلىنىشىچە، 16-ئۆكتەبىردىن باشلاپ ھىندىستاننىڭ بىخار ئىشتاتىدا ساختا ھاراق ئىچىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغانلار ئارقا-ئارقىدىن كۆپەيگەن. 17-ئۆكتەبىرگىچە 26 ئادەم ساختا ھاراق ئىچىپ قازا قىلغان، يەنە 19 ئادەم دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان بولۇپ، ساقچىلار: قازا قىلغانلارنىڭ سانى يەنە ئېشىشى مۇمكىن، ھازىر ئالاھىدە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇردۇق، ئۈچ ئادەم قولغا ئېلىندى، دېگەن.